كىچىك شەمشاد

كىچىك شەمشاد

كىچىك شەمشاد دەرىخى يوپۇرماق تاشلايدىغان بىر خىل چوڭ دەرەخ، شەمشاد ئائىلىسى كىچىك شەمشاد(مېتاسېكوۋىيە) ئۇرۇقدىشىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي غولى تۈپتۈز، يان شاخلىرى توغرىسىغا ئۇزىراپ ئۆسىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كىچىك شەمشاد
خەنزۇچە ئىسمى 水杉
تىپى تاق پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى قارىغاي − ئارچا تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى كىچىك شەمشاد ئۇرۇقدېشى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Dawn Redwood
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قارىغاي - ئارچا سىنىپى
ئائىلىسى تاكسودا ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىچىك شەمشاد20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ بېشىدا مەملىكىتىمىزنىڭ بوتانىكلىرىدىن پروفېسسور گەندو ۋە پروفېسسور ۋاڭ جەنلەر سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋەنشيەن ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆسۈش قىياپىتى ئادەتتىن تاشقىرى زور دەرەخنى بايقىغان. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ قانداق دەرەخ ئىكەنلىكىنى بېكىتىشكە ئامال قىلالمىغان. كېيىن، خۇشيەنسۇ، جېڭ ۋەنجۈن ئەپەندىلەرنىڭ تەتقىق قىلىشى ئارقىلىق، 1946-يىلى بۇ دەرەخنىڭ مىليونلىغان يىللار ئىلگىرى يەر شارىدا ياشاپ ئۆتكەن ئۆسۈملۈك − كىچىك شەمشاد دەرىخى(مېتاسېكوۋىيە دەرىخى) نىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالىملار پەقەت قەدىمكى دەۋر يەر قاتلاملىرىدىن ئۇلارنىڭ تاشقاتمىلىرىنىلا بايقىغان ھەمدە كىچىك شەمشادنى يەر شارىدىن ئاللىقاچان يوقالغان دەرەخ، دەپ قاراپ كەلگەن، يۇقىرىدىكى بايقاش پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان، كىچىك شەمشاد دەرىخى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى «تىرىك تاشقاتما» دەپ ئاتالغان. 

كىچىك شەمشادكىچىك شەمشاد دەرىخى يوپۇرماق تاشلايدىغان بىر خىل چوڭ دەرەخ، شەمشاد ئائىلىسى كىچىك شەمشاد(مېتاسېكوۋىيە) ئۇرۇقدىشىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي غولى تۈپتۈز، يان شاخلىرى توغرىسىغا ئۇزىراپ ئۆسىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپى مۇنارغا ئوخشايدۇ، يوپۇرمىقى ياپىلاق، تۈز، سەل-پەل يىڭنە شەكىللىك، پەيسىمان تىزىلغان، ئەۋرىشىم، تەبىئىي. ئۇ ئەتىياز، ياز پەسىللىرىدە ياپيېشىل، كۈزدە ساپسېرىق، قىشنىڭ بېشىدا جىگەررەڭ قاتارلىق رەڭلەرگە ئۆزگىرىپ، ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. كىچىك شەمشادنىڭ گۈلى بىر جىنسلىق، ئانىلىق-ئاتىلىقى بىر تۈپتە، چاڭلاشقاندىن كېيىن يۇمىقلاقراق شارچە مېۋە ھاسىل قىلىدۇ، ئۇرۇقى دۈم تۇخۇم شەكىللىك، قانىتى بار. 

كىچىك شەمشادكىچىك شەمشاد دەرىخىنىڭ قىياپىتى، ئەركىن-بىمالال، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، ئۆسۈشى تېز بولۇپ، مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ۋە كۆكەرتىش ئۆسۈملۈكى قىلىنىدىغان ئەلا سۈپەتلىك دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ياغاچ ماتېرىيالىنىڭ سۈپىتى زىچ، يۇمشاق، يېنىك، قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا، تۇرمۇشتا، قەغەز ئىشلەشتە ۋە باشقا نۇرغۇن جەھەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ. كىچىك شەمشاد دەرىخى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈركۈملەپ ئۆستۈرۈلمەكتە؛ چەت ئەلدىكى 50 نەچچە دۆلەت ۋە 100 نەچچە تەتقىقات ئورگانلىرىمۇ كىچىك شەمشادنى كىرگۈزۈپ ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

مەملىكىتىمىزدە تېپىلغان كىچىك شەمشاد دەرەخلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ لوڭشەن ناھىيىسى لوتاشياڭ يېزىسىدىن تېپىلغان 46 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى تۈپ كىچىك شەمشاد دەرىخى بولۇپ، بىرىنىڭ كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ ئايلانمىسى 4 مېتىر، يەنە بىرىنىڭ 7.3 مېتىر، تەخمىنەن 300 يىللىق تارىخقا ئىگە.

مەملىكىتىمىزدىكى مەشھۇر تىرىك تاشقاتما ئۆسۈملۈكلەردىن يەنە تەيۋەن فلوۋسىيانا شەمشادى، كاتايا دەرىخى، گلىپتوستروبۇس دەرىخى، تەيۋەن شەمشادى، سېرىق قارىغاي قاتارلىقلار بار.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#