كارخانا ئىگىلىك باشقۇرۇش

كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت پائالىيىتىگە نىسپەتەن  تەدبىر ، پىلان , تەشكىللەش  ، كونترول قىلىش  ، ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان ، ھەمدە كارخانىنىڭ ئەزالىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىر قاتار خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى . 

ئۇيغۇرچە نامى كارخانا ئىگىلىك باشقۇرۇش
چەتئەلچە نامى Operating and Management
خەنزۇچە نامى 企业经营管理

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت پائالىيىتىگە نىسپەتەن  تەدبىر ، پىلان , تەشكىللەش  ، كونترول قىلىش  ، ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان ، ھەمدە كارخانىنىڭ ئەزالىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىر قاتار خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى . 

ھۆددە تۈزۈمى، پاي تۈزۈمى ۋە ئىجارە تۈزۈمى قاتارلىقلار دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى داۋامىدا مەيدانغا كەلگەن كارخانا ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. 

ھۆددە تۈزۈمى

ھۆددە تۈزۈمى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئورگانلىرى ئۆزلىرى ئىلگىرى بىۋاسىتە باشقۇرغان كارخانىلارنى كارخانىنىڭ باشلىقى ياكى دىرېكتورى بىلەن ھۆددىگە بېرىش توختامى ئىمزالاش ئارقىلىق، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كارخانىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، كارخانىلارنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان تۈزۈمدۇر. كارخانىلار ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويغاندا، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقى ئايرىلىدۇ. ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىلەن ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايرىش كونا تۈزۈلمە شارائىتىدىكى كارخانا باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش ھېسابلىنىدۇ. ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندا كارخانا رەھبەرلىرى ۋە كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىغىلى بولىدۇ. 

پاي تۈزۈمى 

پاي تۈزۈمى مال-مۈلۈك ئىگىدارچىلىق تۈزۈمىنىڭ بىر تۈرلۈك تەشكىلىي شەكلى. ئۇ پاي قوشۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، تارقاق، ئوخشاش بولمىغان ئىگىدارغا تەۋە بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش ئىشلىتىپ، مۇۋاپىق باشقۇرۇپ، پايدا-زىيىنىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان، پايغا ئاساسەن پايدا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدىغان بىر تۈرلۈك ئىقتىسادىي تەشكىلىي شەكىلدۇر. ئۇنىڭدا ئادەتتە پاي شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، بۇ پاي ئىگىلىكىنىڭ تىپىك شەكلى. پاي تۈزۈمى تاۋار ئىگىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پاي تۈزۈمى پاي قوشقۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەركىبىگە ئاساسەن، ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى پاي تۈزۈمى، كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى پاي تۈزۈمى ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكتىكى پاي تۈزۈمى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ.

ئىجارە تۈزۈمى

ئىجارە تۈزۈمى «ئىجارە بېرىش» بىلەن «باشقۇرۇش» نى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلگەن بىر پۈتۈن گەۋدە. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئىگىدارلىق ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىگىدارى(ئادەتتە دۆلەت بولىدۇ) ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى(مەسىلەن، زاۋۇت، كارخانا ۋە ماگىزىننىڭ بارلىق مۈلكى) نىڭ ئىگىلەش ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مەلۇم مەزگىل ئىچىدە ئىجارە ئالغۇچىنىڭ مۇستەقىل باشقۇرۇشىغا ھەقلىق ئىجارىگە بېرىلىدىغان بىر تۈرلۈك باشقۇرۇش ئۇسۇلىدۇر. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#