جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى

جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسى

جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئاساسى 1951-يىلى قۇرۇلغان يېزا-ئىگىلىك ھەمكارلىق بانكىسى بۇلۇپ يېڭى جۇڭگو مەزگىلىدە قۇرۇلغان تۇنجى بانكا. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسى
كەسپ تەۋەلىكى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1951-يىلى
چەتئەلچە نامى Agricultural Bank of China(ABC)
خەنزۇچە نامى 中国农业银行
باش شىتابى بېيجىڭ
يىللىق ئوبوروتى 3777.31 مىليون يۈەن (2011-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو يېزائىگىلىك بانكىسىجۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسى يېزا پۇل مۇئامىلىسىنى باشقۇرىدىغان كەسپىي بانكا. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ تۆت قېتىم قۇرۇلدى ۋە تارقىتىۋېتىلدى ۋە 1979-يىلى3-ئايغا كەلگەندە، يەنە بىر قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، كەسپىي جەھەتتە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدىغان گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى.

جۇڭگو يېزائىگىلىك بانكىسىيېزا-ئىگىلىك بانكىسى دۆلەت بانكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنىلا باشقۇرۇش فۇنكسىيىسىگە ئىگە. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى تۆۋەندىكىچە: يېزا پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش، يېزا پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ فاڭجېن-سىياسەت، ئەمىر-پەرمان، قائىدە-تۈزۈملىرىنى تۈزۈش ھەمدە ئىجرا قىلىشقا تەشكىللەش؛ دۆلەت پىلانىغا ئاساسەن يېزا كرېدىتى پىلانىنى تۈزۈش، يېزا مەبلىغىنى تەشكىللەش، يېزا ئىقتىسادىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش؛ يېزىلاردا پۇل تارقىتىش ۋە خەزىنىلەشتۈرۈشكە تەشكىللەش، يېزا پۇل ئوبوروتىنى تەڭشەش؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن يېزا ئۆسۈم نىسبىتىنى، يېزا پۇل مۇئامىلە بازىرىنى باشقۇرۇش؛ ئامانەت-قەرز كوپىراتىپلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئىقتىسادىي ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئامانەت-قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ كەسپىي پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇش، ئامانەت-قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش.

يېزا-ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كەسپىي تىجارەت دائىرىسى ئاساسەن تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: يېزىلارنىڭ تۈرلۈك پۇل ئامانەت ئىشلىرىنى بېجىرىش؛ يېزىلاردىكى دۆلەت ئىگىلىكى، كوللېكتىپ ئىگىلىكى ۋە بىرلەشمە ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ يېزا-ئىگىلىكى، سودا-سانائەت قەرز ئىشلىرىنى بېجىرىش، يېزىلارنىڭ ھاۋالە، ئىجارە، مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق كەسپىي ئىشلىرىنى بېجىرىش؛ پۇل مۇئامىلە زايومى تارقىتىش؛ يېزا سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش؛ چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش، يېزا پۇل مۇئامىلىسىدىكى تاشقى ئىشلار كەسپىنى بېجىرىش؛ دۆلەتنىڭ يېزىلارغا ئاجراتقان مەبلىغىنى نازارەت قىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە گوۋۇيۈەن ۋە خەلق بانكىسى ھاۋالە قىلغان مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ئىشلارنى بېجىرىش قاتارلىقلار.

جۇڭگو يېزائىگىلىك بانكىسىجۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئاساسى 1951-يىلى قۇرۇلغان يېزا-ئىگىلىك ھەمكارلىق بانكىسى بۇلۇپ يېڭى جۇڭگو مەزگىلىدە قۇرۇلغان تۇنجى بانكا. 

جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسى 1979-يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ باش ئورگاننى بېيجىڭدا قۇرغان.

1979-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى گوۋۇيۈەن «جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» قىلغان. 

1984يىلى يېزا-ئىگىلىك بانكىسى تۇنجى قېتىملىق دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز پۇل بېجىرىش بانكىسىغا كىرگۈزۈلگەن. 

1985-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسى تۇنجى قېتىم بىر تۇتاش بانكا ئىسمىنى قوللانغان. 25-كۈنى جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسى پارتكومىنىڭ قۇرۇشنى قارار قىلنىغان.  

1994-يىلى دۆلەت يېزا-ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى ئايرىم تەسىس قىلنىغان. 

1996-يىلى يېزا ئامانەت –قەرز كوپىراتىپى جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسى مەمۇرىي تەۋەلىك مۇناسىۋىتى ئايرىلغان، جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسى دۆلەت ئىلكىدىكى شېرىكسىز سودا بانكىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 

1997-يىلى يېزا-ئىگىلىك بانكىسى سىياسەت خاراكتېرلىك كەسىپ ئاجرىتىش سۈرئىتى تېز بولغان. 

2004-يىلى يېزا-ئىگىلىك بانكىسى تۇنجى قېتىم يۇقىرى پاينى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسىنى تۈزگەن.

2007-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا بېكىتىلگەن يېزا-ئىگىلىك بانكىسىنىڭ پاي تۈزۈمى ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي پرىنسىپى يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا-ئىگىلىكى گەۋدە بويىچە تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتتى.

2007 -يىلى 9-ئايدا جىلىن، ئەنخۇي، فۇجيەن، خۇانەن،گۇئاڭشى، سىچۇەن، گەنسۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق سەككىز ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك) يېزا-ئىگىلىكى، يېزا ، دېھقانلار پۇل مۇئامىلە سىناق مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرغان.

2008-يىلى يېزا-ئىگىلىك بانكىسىنىڭ باش بانكىسى دېھقانلار پۇل مۇئامىلە كەسپىي بۆلۈمى تەسىس قىلغان پۈتۈن ئىگىلىكى، دېھقانلار پۇل مۇئامىلە كەسپىي بۆلۈم تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 

2008 - يىلى يېزا-ئىگىلىك بانكىلىرىنىڭ پاينى ئىسلاھات لايىھەسى گوۋۇيۈەننىڭ ئارقىلىق. 

2009-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. جۇڭگونىڭ دۆلەت سودا بانكىسىنىڭ پاي تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#