كۆنچى دەرياسى

كۆنچى دەرياسى

كۆنچى دەرياسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرى گە جايلاشقان، ئاز ئۇچرايدىغان تارماق ئېقىنى يوق سۇ سىستېمىسى، ئۇنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى باغراش كۆلى.

ئۇيغۇرچە نامى كۆنچى دەرياسى
ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 785 كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 孔雀河
جايلاشقان ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆنچى دەرياسىكۆنچى دەرياسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىگە جايلاشقان، ئاز ئۇچرايدىغان تارماق ئېقىنى يوق سۇ سىستېمىسى، ئۇنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى باغراش كۆلى، كۆل غەربى تەرىپىدىن ئېقىپ چىقىپ، كورلا شەھىرى، لوپنۇر ناھىيەسىدىن ئۆتۈپ، لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدۇ، كېيىن يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋەبىدىن، پەسىل خاراكتېرلىك ئېقىن ئۈزۈلۈپ قېلىش كېلىپ چىققان. كۆنچى دەرياسى بولسا كورلا شەھىرىنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىسى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىنىڭ ئانا دەرياسى. 

كۆنچى دەرياسىكۆنچى دەرياسىنىڭ مەنبەسى باغراش كۆلى، باشئەگىم جىلغىسى ئارقىلىق كورلا شەھىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، كورلا شەھىرىنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك، ئىقتىسادىي جان تومۇرى. كۆنچى دەرياسىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 785 كىلومېتىر، دەريا سۈيى بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئېقىپ تۇرىدۇ، يىللىق ئېقىم مىقدارى 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر، يىللىق ئېقىم مىقدارى مۇقىم. كۆنچى دەرياسى مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى 314-دۆلەت يولىنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ، يېڭىشەھەر يېزىسى قۇياش ئارىلىدا ئاخىرلىشىدۇ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 كىلومىتىر كېلىدۇ. تۆت باغچا (ئۆسۈملۈك باغچىسى، توز باغچىسى، ياش-ئۆسمۈرلەر باغچىسى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى)؛ 5 كۆۋرۈك (شىر كۆۋرۈكى، نەشپۈت كۆۋرۈكى، ئاپتاپپەرەس كۆۋرۈكى، دۆلەت قۇرۇش كۆۋرۈكى)؛ 7 مەنزىرە نۇقتىسى (بېلىق تۇتۇش باغچىسى، نەشپۈت باغچىسى، مەنزىرە سۇپىسى، يەلكەن مەيدانى، سەنئەت گۈلزارى، توز مەيدانى، ئىتتىپاق گۈللىكى)نى بېسىپ ئۆتىدۇ. كۆنچى دەرياسى مەنزىرە رايونى بەلۋىغى «نەشپۈت شەھىرى» خەلقى ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي بۇلۇپ قالغان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#