مېڭزى

مېڭ كې (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى372-289-يىللار) ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر، كۇڭزىدىن كېيىنكى كۇڭزىچىلارنىڭ مۇھىم ۋەكىلى، يېغىلىق دەۋرىدىكى چىزۇ دېگەن جاي (بۈگۈنكى شەندۇڭ ئۆلكىسى زۇشيەن ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى) دىن. ئۇ تارىختا مېڭزى دەپ ئاتالغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى مېڭ كې
باشقا نامى Mencius،孟子 子舆 子车 子居
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 372-يىلى
كەسپى مۇتەپەككۇر، مائارىپشۇناس
خەنزۇچە ئىسمى 孟轲
مىللىتى خۇاشيا مىللىتى
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 289-يىلى
تارىخى نامى مېڭزى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېڭزىمېڭ كې (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 372-289-يىللار) ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر، كۇڭزىدىن كېيىنكى كۇڭزىچىلارنىڭ مۇھىم ۋەكىلى، يېغىلىق دەۋرىدىكى چىزۇ دېگەن جاي(بۈگۈنكى شەندۇڭ ئۆلكىسى زۇشيەن ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى) دىن. ئۇ تارىختا مېڭزى دەپ ئاتالغان. 

مېڭزى كىچىك چېغىدىلا دادىسىدىن يېتىم قېلىپ، ئۇنى ئانىسى بېقىپ چوڭ قىلغان. ئانىسى مېڭزىغا ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۇنى تەربىيىلەپ ئوقۇتۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. ئائىلىسى قەبرىستانلىقنىڭ يېنىدا بولغاچقا، مېڭزى كىچىك چېغىدا ئويناپ يۈرۈپ مېيىت دەپنە قىلىشنى ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ ئانىسى ئۆينى بازار قېشىغا كۆچۈرۈپ بارغاندا، ئۇ يەنە ئويناپ يۈرۈپ سودىگەرلەرنىڭ توۋلاشلىرىنى دوراپ ئۆگەنگەن. ئانىسى ئۆيىنى مەكتەپ قېشىغا كۆچۈرۈپ بارغاندا، مېڭزى ئويناپ يۈرۈپ سالام بېرىش، يول بېرىش، ئالدىغا مېڭىش، ئارقىغا مېڭىش ئەدەپ-قائىدىلىرىنى ئۆگەنگەن. مېڭزىنىڭ ئانىسى بۇ يەر بالىغا تەربىيە بېرىدىغان ياخشى جاي ئىكەن دەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالغان. «مېڭزىنىڭ ئانىسىنىڭ ئۈچ قېتىم كۆچۈشى» دېگەن ھېكايە شۇنىڭدىن قالغان. 

مېڭزىمېڭزى ياش ۋاقتىدا، زى سىنىڭ بىر شاگىرتىدىن كۇڭزىچىلار تەلىماتىنى ئۆگەنگەن. زى سى كۇڭزىنىڭ نەۋرىسى بولغاچقا، مېڭزىمۇ كۇڭزىنىڭ ۋاسىتىلىك ئەۋلادى ھېسابلانغان. كېيىن، مېڭزى ئىزچىل تۈردە تالىپ قوبۇل قىلىپ، دەرس سۆزلەپ كۈن كەچۈرگەن. ئۇمۇ كۇڭزىغا ئوخشاش تالىپلىرىنى ئېلىپ بەگلىكلەرنى ئايلىنىپ يۈرگەندە، تالىپلىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا، بىر قانچە 100 گە يەتكەن. ئۇ سۇڭ بەگلىكى ۋە ۋېي بەگلىكىگە بارغان، چى بېگى شۇەنزاڭنىڭ ۋەزىرى بولغان. لېكىن، بۇ بەگلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۇنى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىم دەپلا قاراپ، سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى قوبۇل قىلمىغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدا يۇرتىغا قايتىپ، دەرس ئۆتۈش بىلەن شۇغۇللانغان ۋە «مېڭزى» دېگەن كىتابنى يازغان. 

مېڭزى−كۇڭزى ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ۋارىسى، شۇڭا كېيىنكى چاغلاردىكى كىشىلەر بۇ ئىككىيلەننى بىرلەشتۈرۈپ كۇڭ-مېڭ دەپ ئاتىغان. مېڭزى كۇڭزىنىڭ «رەھىمدىللىق تەلىماتى» نى گەۋدىلىك جارى قىلدۇرۇپ «رەھىمدىل سىياسەت» دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېھقانلار مەلۇم ساندا يەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك، باجنى كېمەيتىش، جىنايى ئىشلار جازاسىنى يېنىكلىتىش لازىم، دەپ قارىغان. ئۇ يەنە ئاشكارا ھالدا «خەلقنى قەدىرلەش لازىم»، «پادىشاھلار پۇقراغا ئېغىرچىلىق سالماسلىقى كېرەك» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەلۇم چەك دائىرىسىدە پادىشاھ بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى «ياخشىلاش» نى چاقىرىق قىلغان. لېكىن، مېڭزى ئادەم تۇغۇلۇشىدىلا ئاق كۆڭۈل بولىدۇ، دېگەن ئاق كۆڭۈللۈك نەزەرىيىسىنى چىقىش قىلىپ، «رەھىمدىل سىياسەت» نى يولغا قويۇش تامامەن ھۆكۈمرانلارنىڭ «رەھىمدىل بولۇشى» بىلەن بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ يەنە: «ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار باشقىلارنى ئىدارە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار باشقىلار تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ، ئۇلار باشقىلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ، ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ خەلقنى ئېزىشى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشىنى ئاقلىغانلىقتۇر. 

مېڭزى ئۆلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمران سىنىپلار ئۇنى دەرھاللا ئەتىۋارلاپ كەتمىگەن، تا سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇ كۇڭزىغا يېقىن تۇرىدىغان ئورۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، «ئىككىنچى ئەۋلىيا» دەپ ئۇلۇغلانغان، «مېڭزى» دېگەن كىتابمۇ فېئودالىزم كلاسسىك ئەسەرلىرىدىن بولغان «تۆت كىتاب، بەش نامە» نىڭ بىرى قىلىنغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#