سىپرۇس
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سىپرۇس جۇمھۇرىيىتىسىپرۇس جۇمھۇرىيىتى (گرېك يېزىقى:Κύπρος؛ تۈركىيە يېزىقى : Kıbrıs)، قىسقارتىلىپ «سىپرۇس» جايلاشقان ياۋرۇپا بىلەن ئاسىيا قىتئەسى تۇتاشقان بىر ئارال دۆلىتى، ئوتتۇرا دېڭىز شەرقىدە، كۆلىمى 9251 كۋادرات كىلومېتىر.
دىنى : گىرىكلار، بىر قىسىم ئەرەپلەر ۋە ئەرمەنلەر پروۋسلاۋىيە دىنىغا، تۈركلەر ۋە كۇردلار ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ.
ۋاقىت رايونى : ياۋروپا ۋاقتى 2-ۋاقىت رايونى (يازلىق ۋاقتى 3-ۋاقىت رايونى).
سىپرۇس ئارىلى ئەسلىدە ئاسۇرىيانلارنىڭ زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 10-ئەسىرلەردە گىرىكلار كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان، مىلادىدىن كېيىن بۇ يەر شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان.7-ئەسىرلەردە ئەرەپ ئىمپىرىيىسى بۇ جاينى بويسۇندۇرۇپ ئىككى ئەسىردىن كېيىن چېكىنىپ كەتكەن، 1192-يىلى سىپروستىكى گىرىكلار مۇستەقىل پادىشاھلىق قۇرۇپ 1489-يىلى ۋېنتسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن گرىتسىيەدىكى ئاھالە كۆپ رايوندىن سىپرۇسقا نوپۇس يۆتكىگەن .
1571-يىلى تۈرك ئىمپىرىيىسى سىپرۇس ئارىلىنى تارتىۋالغان، تۈركلەر كەڭ كۆلەمدە سىپرۇسقا كۆچۈپ كىرىپ ۋە يەرلىك قەدىمى ئاھالە ئاسۇرىيانلارنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش جەريانىدا سىپرۇستىكى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ قالغان.
1878-يىلى ئەنگىلىيە سىپرۇس ئارىلىنى ئىشغال قىلغان، سىپرۇستىكى تۈركلەر تۈركىيە ۋە ئەنگىلىيەگە كۆچۈشنى باشلىغان.
1923-يىلى تۈركىيە جۇمۇرىيتى قۇرۇلۇشنىڭ ئالدى كەينىدە لوزان كېلىشىمى تۈزۈلگەندە سىپرۇس مەسىلىسى تۈركىيە مەڭگۈ زىمىن تەلىۋى قويۇشقا بولمايدىغان ئارال قىلىپ بەلگىلەنگەن ۋە كېلىشىمگە ئاساسەن سىپرۇس ۋە گرىتسىيەدىكى تۈركلەر تۈركىيەگە كۆچۈشكە باشلىغان. 1960-يىلى ئەنگىلىيە بۈگۈنگە قەدەر ئىشغال قىلىپ تۇرىۋاتقان سىپرۇستىكى ئاكروتىرى ۋە داكېلىيا دىن باشقا جايلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قوشۇلغان، 1983-1976-يىلى سىپرۇستىكى گىرىكلار بىلەن تۈركلەر ئوتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلىغاندا تۈركىيە سىپرۇسقا ئەسكەر چىقىرىپ سىپرۇسنىڭ شىمالىدىكى %36 زىمىننى ئىشغال قىلىپ يەرلىك سىپرۇس تۈركلىرىنىڭ شىمالى قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن، سىپرۇسنىڭ باشقا جايلىرىدىكى تۈركلەر شىمالدىكى تۈركلەر ئىشغالىدىكى رايونلارغا كۆچۈپ كەلگەن. 1983-يىلى سىپرۇسنىڭ شىمالىدىكى تۈركلەرنىڭ رەھبىرى رەئۇف دىنىقتاش مۇستەقىل شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ تۈركىيىدىن باشقا بىرمۇ دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن. نۆۋەتتە سىپرۇس تۈركلىرىدىن 500 مىڭ ئادەم تۈركىيەدە، 400مىڭ ئادەم ئەنگىلىيەدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ سىپرۇسقا قايتىش ھوقۇقى بىر مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا.
گىرىك رايونىدا ( 1960-يىلى) 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، سىپرۇسنىڭ ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان كۈنى، تۈرك رايونىدا ( 1983-يىلى) 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىمالى سىپرۇسنىڭ سىپرۇستىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان كۈنى.
سىپرۇس ئوتتۇرا دېڭىزدىكى مەنزىرىسى گۈزەل، تۆت پەسىل باھاردەك ئۆتىدىغان، كان بايلىقى مول، يېرى مۇنبەت ئارال بولۇپ يېقىنقى يىگىرمە يىلدىن بۇيان ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ زور سوممىلىق ياردىمى ئارقىسىدا جەنۇبى سىپرۇس ساياھەت ۋە يۇقىرى تېخنىكا كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ دۇنيادىكى باي دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. تۈركلەر كونتىرۇللىغىدىكى شىمالى سىپرۇسمۇ(تۈركچە كۈزەي كىبرىس) تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىدە باغۋەنچىلىك، ساياھەت ۋە كان ئېچىشنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ھاللىق دۆلەتلەر سەۋىيىسىدە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.2006-يىلى گىركلەر ئىشغالىدىكى سىپرۇسنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %3.7 سانائەت %19.6، مۇلازىمەت %76.8 نى، تۈركلەر ئىشغالىدىكى سىپرۇسنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %10.6 سانائەت %20.5، مۇلازىمەت %68.9 نى ئىگەللىگەن.
2006 -يىلى سىپرۇس گىرىك رايونىنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 17مىليارت 790 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 22700 دوللار توغرا كەلگەن، يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %3.7. تۈرك رايونىنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 2 مىليارت 540 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 7135 دوللار توغرا كەلگەن، يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %10 .
2010-يىلى جەنۇبى سىپرۇسنىڭ مۇقىم تېلفون ئابونتى 420 مىڭ، يانفون ئابونتى بىر مىليون 34 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 332 مىڭ، شىمالى سىپرۇسنىڭ مۇقىم تېلفون ئابونتى 86 مىڭ، يانپون ئابونتى 147 مىڭ 178، ئىنتېرنېت ئابونتى 97 مىڭ بولغان.
سىپرۇس جۇمھۇرىيىتى سىپرۇسنىڭ كان بايلىقى مىستىن باشقا تۆمۈر سۇلفىد ، تۇز ، تاشپاختا ، تاش مۇم ، مەرمەر تېشى ، ياغاچ قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ. ئورمان يەر مەيدانى 1735 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، دۆلەت زېمىنىنىڭ %36-%38 ئورمان بىلەن قاپلانغان . سۇ بايلىقى كەمچىل ، ئالتە چوڭ تىپتىكى سۇ توسمىسى ياسالغان ، ئومۇمىي سۇ زاپىسى 190 مىليون كۇب مېتىر .[1][0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.