ستاتوسفېرا

ستاتوسفېرا (تەكشى ئېقىم قەۋىتى)

ستاتوسفېرا (تەكشى ئېقىم قەۋىتى) تروپوسفېرا قەۋىتىنىڭ ئۈستۈنكى قاتلىمى ستاتوسفېرا قەۋىتى ھېسابلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ستاتوسفېرا (تەكشى ئېقىم قەۋىتى)
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى stratosphere
خەنزۇچە ئاتىلىشى 平流层 ياكى 同温层
تەركىبى ئوزون

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ستاتوسفېرا (تەكشى ئېقىم قەۋىتى) تروپوسفېرا قەۋىتىنىڭ ئۈستۈنكى ئاتموسفېرا قاتلىمى ستاتوسفېرا قەۋىتى ھېسابلىنىدۇ. ستاتوسفېرا قەۋىتىدىكى تېمپېراتۇرا ئېگىزلىكىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ئۆرلەپ بارىدۇ. شۇڭا بۇ قەۋەتتىكى ھاۋا تەكشى يۆتكىلىش ھالىتىدە بولۇپ، تىك يۆتكىلىش كۆرۈلمەيدۇ، ستاتوسفېرا دېگەن نام دەل مۇشۇنىڭدىن كەلگەن. ستاتوسفېرا قاتلىمىدىكى ھاۋا شالاڭ بولۇپ، ھەمىشە تىنچ، ھاۋا ئۇچۇق ھالەتتە تۇرىدۇ. شۇڭا چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ قەۋەتتە ئۇچىدۇ. ستاتوسفېرا يەنە ئوزون توپلىنىدىغان جاي بولۇپ، ستاتوسفېرا قاتلىمىنىڭ 20-25 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ھاۋا تەركىبىدە ئوزۇننىڭ قويۇقلىقى ئەڭ يۇقۇرى بولىدۇ. بۇ قەۋەتتىكى ئوزونوسفېرا قاتلىمى قۇياش ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرىدىكى دولقۇن ئۇزۇنلىقى ئەڭ قىسقا بولغان نۇرلارنى ئۆزىگە سۈمۈرۈۋېلىپ يەردىكى ھاياتلىقلارنى قوغداپ قالىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بىلىم كۈچ ژورنىلى 2015-8-سانى جۈرئەت ھەبىبۇل تەرجىمىسى: ئاتموسفېر

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#