نىنا دوبرېۋ

نىنا دوبرېۋ 1989-يىلى بۇلغارىيە پايتەختى سوفىيەدە تۇغۇلغان ۋە ئىككى ياش ۋاقتىدا كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئارتىس ۋە مودېل. ئاساسلىق فىلىمىدىن «قان شورىغۇچىلار خاتىرىسى» بار.

ئۇيغۇرچە ئىسمى نىنا كونستانتىنوۋا دوبرېۋا
باشقا نامى Nina Dobrev
يۇرتى بۇلغارىيە
كەسپى ئاكتىيور، مودىل، تەنھەرىكەتچى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 妮娜杜波夫
دۆلەت تەۋەلىكى كانادا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1989-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ريېسون ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نىنا دوبرېۋ 1989-يىلى بۇلغارىيە پايتەختى سوفىيەدە تۇغۇلغان ۋە ئىككى ياش ۋاقتىدا كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. كىچىكىدىن سەنئەت، تىياتىر، مۇزىكا، ئۇسسۇل قاتارلىقلارغا ناھايىتى قىزىققان. ئۇ گىمناستىنكا ماھىرى سۈپىتىدە كاناداغا ۋاكالىتەن رېتىملىق گىمناستىكا خەلقئارالىق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. ئۇ يەنە كانادادا نومۇر ئورۇنداش كەسپىدە ئوقۇغان. 16 ياش ۋاقتىدا كانادا تېلېۋىزىيە تىياتىرى «دىگراسسى ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى كېيىنكى ئەۋلادلار» فىلىمىنىڭ ئارتىس تاللىسىغا قاتنىشىپ تاللانغان.

2007-يىلىنىنا دوبرىۋ «چېچىلغان پارچىلەر(Fugitive.Pieces)»، «جەڭگاھ نەزمىلىرى» قاتارلىقلارغا قاتناشتى. شۇيىلى 10-ئايدا ئۇ قاتناشقان «قىزلارنىڭ مەخپىيەتلىكى» ناملىق فىلىم ئامېرىكىدا قويۇلدى.

2008-يىلى ريېسون ئۇنۋېرستېتىدا ئىجتىمائىيەت كەسپىدە ئوقۇۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئوقۇشنى توختىتىپ پۈتۈن زېھنىنى سەنئەت ئىشلىرىغا قاراتقان. ئۇ يەنە «ياش تۆكمەس بۆرە ئادەم» ناملىق فانتازىيەلىك فىلىمگە قاتناشقان.

2009-يىلى CW تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا كىرىپ، پاۋلو ۋېسلى ۋە ئىئىن سامورخاردىر قاتارلىقلاربىلەن بىللە شۇ ناملىق ھېكايىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قان شورىغۇچىلار خاتىرىسى (The Vampire Diaries)» فىلىمىدە بىر جۈپ ئاكا-ئۇكا قان شورىغۇچى ئالۋاستى ئورتاق ياخشى كۆرىدىغان قىز ئېلىنا ۋە كەسىرىن ئىسىملىك بىر قان شورىغۇچى ئالۋاستىنىڭ رولىغا تەڭلا چىقىدۇ.

2010-يىلى «ئېلىكترونلۇق رىقابەت مەيدانى (Arena)» فىلىمىگە قاتنىشىدۇ. شۇ يىلى «قان شورىغۇچىلارخاتىرىسى» نىڭ 2-بۆلۈمىگە قاتنىشىدۇ. ئۇ مۇشۇ ئوبرازى ئارقىلىق 12-نۆۋەتلىك ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى تاللاش مۇسابىقىسىىنىڭ ئەڭ ياخشى سېھىر-فانتازىيە فىلىمى ئايال ئارتىسى مۇكاپاتى ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلغان تېلېۋىزىيە ئايال ئارتىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.

2011-يىلىئۇ «ياتاقداش»، «ئامېرىكا ئېمپىرىيەسى (American Empire)» ۋە «قان شورىغۇچىلار خاتىرىسى» نىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمىگە داۋاملىق قاتنىشىدۇ.

2012-يىلى ئەما ۋاتسون بىلەن بىرگە «تام گۈلى چوققىسى (The Perks of Being a Wallflower)» فىلىمىگە ۋە «قان شورىغۇچىلارخاتىرىسى» نىڭ 4-بۆلۈمىگە قاتنىشىدۇ.

2013-يىلىنىنا دوبرېۋ «قان شورىغۇچىلار خاتىرىسى» نىڭ 5-بۆلۈمىگە قاتشىنىدۇ ۋە شۇ يىلى ئامېرىكا ماكسىم ئەرلەر ژۇرنىلى باھالىغان «ئەڭ جەزبىدار 100 گۈزەلنىڭ بىرى» بولۇپ تاللىنىدۇ.

2014-يىلىنىنا دوبرېۋ بېيجىڭغا كېلىپ تېڭشۈن ۋىدىيوسى ئىشلىگەن «大牌驾到» پىروگراممىسىغا قاتنىشىدۇ. شۇ يىلى «قان شورىغۇچىلار خاتىرىسى» نىڭ 6-بۆلۈمىگە ۋە «قان شورىغۇچىلار خاتىرىسى» فىلىمىنىڭ تۇغۇندى فىلىمى «تۇنجى ئەۋلاد قان شورىغۇچىلار (The Originals)»غا قاتناشتى.

2015-يىلىنىنا دوبرېۋ «قان شورىغۇچىلار خاتىرىسى» نىڭ 6-بۆلۈمىنى تاماملانغاندىن كېيىن بۇتىياتىردىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ يىلى ئۇ «ئەڭ ئاخىرقى قىز» فىلىمىگە قاتناشقان

2016-يىلىئۇ ۋن دىسېل، ۋۇيىفەن، جېنزىدەن، تونى جا، روبىرۇس، دىپىكا پادوكونى قاتارلىقلاربىلەن بىرگە « 3X ئالاھىدە خادىملىرى : ئالاھىدە خادىمنىڭ قايتىپ كېلىشى(xXx: Return of Xander Cage)» فىلمىگە، 4-ئايدا «مۇزەككەر-مۇئەننەس چېكىگە كىرمەسلىك» ناملىق فىلىمگە قاتنىشىدۇ. 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭغا كېلىپ بۇ فىلىمنىڭ جۇڭگودىكى تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

17-نۆۋەتلىك ئىلمىي فانتازىيىلىك تۈرىدىكى كۆپ قىسىملىق تىياتىر ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى (مۇكاپاتقا ئېرىشكەن)؛

16-نۆۋەتلىك ئىلمىي فانتازىيىلىك تۈرىدىكى كۆپ قىسىملىق تىياتىر ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى (مۇكاپاتقا ئېرىشكەن)؛

15-نۆۋەتلىك ئىلمىي فانتازىيىلىك تۈرىدىكى كۆپ قىسىملىق تىياتىر ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى (مۇكاپاتقا ئېرىشكەن)؛

14-نۆۋەتلىك ئىلمىي فانتازىيىلىك تۈرىدىكى كۆپ قىسىملىق تىياتىر ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى (مۇكاپاتقا ئېرىشكەن)؛

13-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئىلمىي فانتازىيىلىك خىيال / تۈرىدىكى ئايال ئارتىس  (مۇكاپاتقا ئېرىشكەن)؛

13-نۆۋەتلىك ئەڭ قالتىس ئايال چولپان (نامزات)؛

13-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى قان شورىغۇچى ئالۋاستى (نامزات)؛

12-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى بۆسۈش ھاسىل قىلغان TV ئايال ئارتىسى (مۇكاپاتقا ئېرىشكەن)؛

12-نۆۋەتلىك ئىلمىي فانتازىيىلىك تۈرىدىكى كۆپ قىسىملىق تىياتىر ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى (مۇكاپاتقا ئېرىشكەن).

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#