شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى

  سۇ بايلىقى مۇئەييەن رايون دائىرىسى ئىچىدە ئاتموسفېرادىن يەر يۈزىگە چۈشۈپ ئېگىز تاغلاردىكى مۇزلۇقلاردا قاتتىق ھالەتتە ساقلانغان ياكى كۆللەردە، سۇ ئامبارلىرىدا سۇيۇق ھالەتتە ساقلىنىۋاتقان ۋە ياكى يەر يۈزىدە سىرغىم شەكىللەندۈرۈپ ئېقىۋاتقان يەر ئۈستى سۇلىرى ۋە يەر ئاستىغا سىڭىپ يەر ئاستى سۈيى بولۇپ شەكىللەنگەن سۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ كۆرسىتىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇلۇغ ئاتا سۇ ئامبىرى شىنجاڭنىڭ ئاتموسفېرا ھۆل يېغىنىنىڭ يىللىق ئومۇمىي مىقدارى 254 مىليارد 600مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇ پۈتۈن شىنجاڭدىكى 85 مىليارد 700مىليون كۇب مېتىر سۇ بايلىقىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يەر ئۈستى سۇ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 97 مىليارد 004 مىليون كۇب مېتىر، يەر ئۈستى سۈيى بىلەن تەكرارلانمايدىغان يەر ئاستى سۇ بايلىقىنىڭ مىقدارى 6 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇ پۈتۈن شىنجاڭدىكى 85 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىر سۇ بايلىقىنى ھاسىل قىلىدۇ.

 بۇنىڭ ئىچىدە يەر ئۈستى سۇ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 79 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىر، يەر ئۈستى سۈيى بىلەن تەكرارلانمايدىغان يەر ئاستى سۇ بايلىقىنىڭ مىقدارى 6 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر، بۇنىڭغا دۆلەت سىرتىدىن ئېقىپ كىرىدىغان 8 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىر دەريا ئېقىن مىقدارىنى قوشقاندا، ئەمەلىي پايدىلىنىشقا بولىدىغان سۇ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 94 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ.

 شىنجاڭنىڭ يەر ئۈستى سۇ بايلىقىنىڭ زامان ۋە ماكان جەھەتتىكى جايلىشىشى تولىمۇ تەكشى ئەمەس.

 پەقەت ھۆل يېغىن ئارقىلىقلا تولۇقلىنىدىغان دەريالاردىن ھاسىل بولىدىغان يەر ئۈستى سۇبايلىقلىرىنىڭ مولچىلىق مەزگىلى 4~8- ئايلاردا كېلىدۇ، زور مىقداردىكى مۇزلۇق سۇلىرى ئارقىلىق تولۇقلىنىدىغان دەريا ئېقىنلىرىنىڭ مولچىلىق مەزگىلى بولسا 6~9- ئايلاردا كېلىدۇ، مۇزلۇقلار يەر ئۈستى سۇ بايلىقىغا نىسبەتەن ئۇزۇن مۇددەتلىك تەڭشەش رولىغا ئىگە.

 تۈزلەڭ رايونلاردىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ %83.50 ى يەر ئۈستى سۇلىرىنى مەنبە قىلىدۇ، ئۇنىڭ مولچىلىق مەزگىلى يەر ئۈستى سۈيىنىڭكىدىن كېيىنرەك بولۇپ، كېچىكىش مەزگىلى ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولىدۇ. سۇ بايلىقىنىڭ ماكان جەھەتتىكى تارقىلىشىدا تاغلىق رايونلاردا كۆپ، تۈزلەڭلىكلەردە ئاز بولۇشتەك ئالاھىدىلىك بار.

 ئالتاي، تەڭرىتاغلىرىدىكى ئەڭ زور يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 800- 1000 مىللىمېتىرغا، پامىر، كوئېنلۇن تاغلىرىدىكى يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى ئەڭ چوڭ بولغان رايونلاردا 400-600 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. دەريالار ئاساسەن تەڭرىتاغ، ئالتاي تېغى ۋە كۇئىنلۇن تاغلىرىدىن شەكىللەنگەن، يەر ئاستى سۇلىرى ئاساسەن تاغلىق رايونلاردىكى يەر ئۈستى سۇلىرىنىڭ سىڭىشىدىن كەلگەن. تۈزلەڭ رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇلىرى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە يەر ئاستى سۇ بايلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ زاپىسى 38 مىليارد300 مىليون كۇب مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە 6 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىرى ھەر يىللىق تەبىئىي ھۆل يېغىندىن تولۇقلىنىدۇ.

 32 مىليارد كۇب مېتىرى يەر ئۈستى سۇلىرىنىڭ سىڭىشىدىن تولۇقلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى يەر ئاستى سۇلىرىنىڭ كۈنلۈك ئېچىشقا بولىدىغان مىقدارى 25 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىرغا بارىدۇ. نۆۋەتتە يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئومۇمىي ئىشلىتىلىش مىقدارى 7 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، ئىچىشقا بولىدىغان سۇ بايلىقى مىقدارىنىڭ %31.3ىنى ئىگىلەيدۇ.

مۇز شىنجاڭنىڭ مۇزلۇق بايلىقى ئىنتايىن مول، مۇزلۇقلارنىڭ كۆلىمى 22مىڭ 184.83كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت مۇزلۇقلىرى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %37.8 نى ئىگىلەيدۇ، مۇزلۇقلارنىڭ زاپىسى 2455.5513 كۇب كىلومېتىر بولۇپ، سۇغا سۇندۇرغاندا 1 تىرىليون 908 مىليارد 720 مىليون كۇب مېتىر سۇغا توغرا كېلىدۇ. 

مۇزلۇقلار ھەر يىلى شىنجاڭنىڭ دەريا ئېقىنلىرىغا 17 مىليارد 179 مىليون كۇب مېتىر سۇ تولۇقلاپ تۇرىدۇ.

 بۇ شىنجاڭدىكى دەريالارنىڭ ئومۇمىي ئېقىم مىقدارىنىڭ %19.48 ىنى ئىگىلەيدۇ. مۇزلۇقلار ئاساسەن كوئىنلۇن تاغ سىستېمىسى ( قارا قۇرۇم تېغى، كوئىنلۇن تېغى، پامىر ئېگىزلىكى ۋە ئالتۇن تاغلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ۋە تەڭرىتاغ سىستېمىسىغا مەركەزلەشكەن.

 مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىش جەھەتتىكى يىللار ئارا ئۆزگىرىشى بىر قەدەر تۇراقلىق بولۇپ، دەريالارنىڭ يىللىق ئېقىم مىقدارىنى كۆپ يىللىق تەڭشەش رولىغا ئىگە، بۇ ھال شىنجاڭنىڭ سۇغىرىشقا تايىنىدىغان دېھقانچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشەنچلىك سۇ بايلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/20120427/c_131556558.htm

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/20120427/c_131556562.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#