ئۆپكە سىلى

ئۆپكە سىلى

 بۇ سىل جاراسىمىنىڭ ئۆپكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولىدىغان ئۆپكىدە جاراھەت ۋە كاۋاك قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىزىتما ئارقىلىق بەدەننى جۇدىتىدىغان ۋە بەدەن قۇۋۋىتىنى خورىتىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكتۇر. بۇ ئۆپكە سىل كېسەللىكى مىكروبى بىلەن يۇقۇملىنىش، كېسەللىك مىكروبى قان ۋە لىمفا سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق ئۆپكىگە كېلىپ، ئۆپكە توقۇلمىلىرىدا زېدىلىنىش پەيدا قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى ئۆپكە سىلى
كېسەللىك سەۋەبى ئۆپكە سىل كېسەللىكى مىكروبى بىلەن يۇقۇملىنىش، كېسەللىك مىكروبى قان ۋە لىمفا سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق ئۆپكىگە كېلىپ، ئۆپكە توقۇلمىلىرىدا زېدىلىنىش پەيدا قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار تازىلىقى ناچار بولغان مۇھىتتا ياشىغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ
يۇقۇملىنىشى يۇقىدۇ
يۇقۇملىنىش يولى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ
ئاساسلىق ئالامىتى ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسىزلىق،تەرلەش، كالتە يۆتەل ۋە ئورۇقلاش
خەنزۇچە نامى 肺结核
تەۋە بۆلۈم نەپەس ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى ئۆپكە
ئىنگلىزچە نامى pulmonary tuberculosis

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆپكە سىلى سىل كېسىلى ئاساسلىقى سىل تاياقچە باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، داۋالاش بىر قەدەر قىيىن بولغان كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. سىل كېسىلى يۇقۇش ۋە ئورۇنلاشقان ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن، مەسىلەن، ئۆپكىدە بولسا ئۆپكە سىلى، لىمفا بەزلىرىدە بولسا لىمفا تۈگۈن سىلى، ئۈچەيدە بولسا ئۈچەي سىلى، تېرىدە بولسا سىلى ۋەھاكازالار. ئۇنىڭدىن باشقا جىگەر، تال، بالىياتقۇ، بۆرەك، ئۇرۇقدان ۋە باشقا ئەزالاردىمۇ كۆرۈلىدۇ. لېكىن ئۆپكە سىلى بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلگەنلىكتىن، ئادەتتە ئېيتىلغان سىل كېسىلى ئۆپكە سىلىنى كۆرسىتىدۇ. 

ئۆپكە سىلى (ھازىر ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئاتىلىدۇ) نىڭ بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلۈشى ۋە داۋالاشنىڭ قىيىن بولۇشىدىكى سەۋەب، سىل تاياقچە باكتېرىيەسى كۆپ خىل شەكىللىك بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتىدا بىر قوغداش قېپى بولغاچقا، ئىسسىق-سوغۇق، قۇرغاقچىلىق ۋە باشقا خىمىيەلىك ماددىلارغا بولغان چىدامچانلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، ئاسانلىقچە ئۆلمەيدۇ. [0]

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئۆپكە سىل كېسەللىكى مىكروبى بىلەن يۇقۇملىنىش، كېسەللىك مىكروبى قان ۋە لىمفا سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق ئۆپكىگە كېلىپ، ئۆپكە توقۇلمىلىرىدا زېدىلىنىش پەيدا قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆپكە سىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللاردىن

ئۆپكە سىلى1. ئىرسىيەت ئامىلى-گەرچە سىل كېسىلى ئىرسىي كېسەل بولمىسىمۇ، بىراق مۇشۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغان ئاتا-ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ بۇ خىل كېسەل بىلەن ئاغرىش نىسبىتى باشقىلارغا قارىغاندا روشەن يۇقىرى بولىدۇ. 

2. تۇرمۇشى نامرات، تازىلىقى ناچار بولغان مۇھىتتا ياشىغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. 

3. ھاۋانى بۇلغايدىغان خاراكتېردىكى ھۈنەرلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ، مەسىلەن كانچىلار، تاشچىلار، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى، ياغاچچىلار ۋە پاختا ئاتقۇچىلار قاتارلىق چاڭ-توزانلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردا كۆپرەك يۈز بېرىدۇ.

4. ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ۋە بەزى كېسەللىكلەر، مەسىلەن يۈرەك، جىگەر، بۆرەك ۋە باشقا بەدەننى ئاجىزلاشتۇرغۇچى كېسەللىكلەر، بولۇپمۇ زۇكام، يۆتەل ۋە ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىكلىرى.

5. ھۆلچىلىك، زەيكەش ۋە نەمخۇش ئورۇنلاردا ئۇزۇن مۇددەت ياشىغاندىمۇ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. 

6. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ھەزىم قىلىش خىزمىتى ياخشى بولماسلىق. 

7. ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چېكىش قاتارلىق ناچار تۇرمۇش ئادىتى. 

8. كۆپ غەم قىلىش، ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولۇشى قاتارلىقلارمۇ بۇ خىل كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

ئالامىتى: كېچىسى تەرلەش، چۈشتىن كېيىن قىزىتىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسىزلىق، كالتە يۆتەل ۋە ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، دەم سىقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش، كېچىسى سوغۇق تەرلەش، سەۋەبسىز ئۇرۇقلاش، قان تۈكۈرۈش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۆۋەن قىزىش قاتارلىقلار. [0]

1-رېتسېپ

تەركىبى: يىلان 20 گىرام، تاباشىر، كۇندۇر، سەمغى ئەرەبى، گىلى ئەرمىنى 10 گىرامدىن، ھەببۇلئاس، نىشاستە، كەتىرا، بادام مېغىزى، كۆكنار ئۇرۇقى 20 گىرامدىن، ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

ئۆپكە سىلىتەركىبى: قارىمۇچ، ئاقمۇچ، ئاق بەزرۇلبەنجى 80 گىرامدىن، ئەپيۈن 40 گىرام، زەپەر 20 گىرام، سۇمبۇل، ئاقىرقەرھا، پەرپىيون، لىسانىل ئاساپىر تۆت گىرامدىن، ھەسەل 900 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن زەپەرنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئارقىدىن ئەپيۈننى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، كېيىن قالغان دورىلارنى سېلىپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. زەپەر بىلەن ئەپيۈن ئايرىم سوقۇلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 3. 0 ~ 5. 0 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا بولمايدۇ) .

3-رېتسېپ

تەركىبى: چامغۇر 500 گىرام، ھەسەل 500 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: چامغۇرنى سۇدا قاينىتىپ سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە ھەسەلنى سېلىپ يەنە قاينىتىپ قىيام بولغاندا چامغۇرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ

سىل كېسىلى بىمارلىرى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

بىمارلار يۇقىرىدا ئېيتىلغان كېسەللىك سەۋەبلىرىدىن يىراق تۇرغاندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. ئىمكان بار دائىم ئۇچۇق ھەم ساپ ھاۋالىق جايلاردا ياشاش كېرەك.

2. تېز سىڭىدىغان، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك، مەسىلەن گۆشلۈك تاماقلار، سۈت-قايماق، بېلىق ۋە كۆكتاتلارغا ئوخشاش.

3. شەخسىي ۋە كوللېكتىپ تازىلىققا دىققەت قىلىش كېرەك، كىيىم-كىچىكلەرنى پاكىزە يۇيۇپ، 3~4 كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. 

يۇقىرىقى نۇقتىلارغا دىققەت قىلغاندا سىل كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ساقتۇر خەلقىم ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى 

http://www.sahtur.com/forum.php?mod=viewthread&tid=684

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#