لاۋرېنس

لاۋرېنس  (1901-1958)  ئامېرىكىلىق فىزىكا ئالىمى. دۇنيادىكى تۇنجى سۈنئىي ئېلېمېنت تېخنېتسىي لاۋرېنسنىڭ سىكلوترونىدا بارلىققا كەلگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لاۋرېنس
تۇغۇلغان ۋاقتى 1901-يىل
كەسپى فىزىكا ئالىمى،تەتقىقاتچى
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1958-يىل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېزلەتكۈچ − زەرەتلىك ئىئون، ئېلېكترون، پروتون قاتارلىق مىكرو زەررىچىلەرنى تېزلىتىدىغان تەجرىبە قۇرۇلمىسى. فىزىكلار تېزلەتكۈچتىن پايدىلىنىپ مىكرو دۇنيادىكى نۇرغۇن سىرلارنى بايقىيالايدۇ، تەبىئەت دۇنياسىدا يوق ئىزوتوپلارنى ياسىيالايدۇ. سىكلوتروننى ئامېرىكىلىق ئالىم لاۋرېنس (1901-1958) كەشىپ قىلغان. ئۇ مۇشۇ سەۋەبتىن  1939-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

لاۋرېنستىن ئىلگىرى، باشقىلار بىرنەچچە خىل تېزلەتكۈچنى ياسىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تېزلەتكۈچلەرنىڭ ئېلېكترودى بەك قىسقا، ئېنېرگىيىسى يېتەرلىك بولمىغاچقا، قوللىنىلىشى ناھايىتى زور چەكلىمىگە ئۇچرىغان.

لاۋرېنس لايىھىلەش ئىدىيىسى جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۇزۇن ئېلېكترودنى يۆگەم قىلىپ ئورىغان، بۇنداق قىلغاندا چەكلىك مەيدانغا ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئۇزۇن ئېلېكرودنى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن85 توننا تۆمۈر ۋە8 توننا مىس ئىشلىتىپ، ئۆزى سىزغان چېرتيوژ بويىچە سىكلوتروننى ياساپ چىقىدۇ، بۇ سىكلوترون زەررىچىلەرنىڭ سۈرئىتىنى مىلتىق ئوقى سۈرئىتىنىڭ30 نەچچە مىڭ ھەسسىسىدىن ئاشۇرىدۇ. دۇنيادىكى تۇنجى سۈنئىي ئېلېمېنت تېخنېتسىي لاۋرېنسنىڭ سىكلوترونىدا بارلىققا كەلگەن.

 ئۇ كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق رادىئاتسىيىنىڭ بۇلغىشىدىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىسىنى بويسۇندۇردى، بۇنىڭ بىلەن خىزمەتچى خادىملار يۇقىرى چاستوتىلىق ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك زەررىچىلەرنىڭ زىيان-زەخمىتىگە ئۇچرىمايدىغان بولدى. 40-يىللاردىن كېيىن، فىزىكلار لاۋرېنس ئىجاد قىلغان سىكلوتروندىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن يېڭى تىپتىكى يادرو رېئاكسىيەسىنى بايقىدى، ئىلگىرى ئۇچرىتىپ باقمىغان نەچچە 100 خىل ئىزوتوپنى كۆزەتتى، ئاتوم بومبا ياساش مەقسەت قىلىنغان مانخاتتون قۇرۇلۇشىدا، لاۋرېنس ئۆزىنىڭ سىكلوترونى ئارقىلىق، ئۇران ئومۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ %0.7 ىنىلا ئىگىلەيدىغان ئۇران 235 نى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئاتوم بومبىنى كەشىپ قىلىش ئۈچۈن زور تۆھپە كۆرسەتتى. لاۋرېنس يەنە تېزلىتىلگەن زەررىچىنى بىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا تەتقىقاتى ھەم داۋالاش جەھەتلەرگە ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، تۇنجى قېتىملىق تېز نېيترون ئېقىمى ئارقىلىق چوڭقۇر قىسىمدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى داۋالاش تەجرىبىسىنى ئىشلىدى، كېيىن سىكلوترون ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ئىزوتوپلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆسمە قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئومۇملاشتى. 

1961-يىلى، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى لاۋرېنس رادىئوئاكتىۋ تەجرىبىخانىسى سىكلوترون ئارقىلىق يېڭى بىر خىل ئېلېمېنتنى سۈنئىي سىنتېزلىدى، بۇ ئېلېمېنت ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنىڭ 103-ئورنىدا تۇرىدۇ. لاۋرېنسنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ ئېلېمېنتقا «لاۋرېنتسىي» دېگەن نام بېرىلدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#