قىزىل دۈمبىلىك ئۆمۈچۈك
قىزىل دۈمبىلىك ئۆمۈچۈك يۇمىلاق ئۆمچۈك ئائىلىسىدىكى قاراقچى ئۆمچۈك ئۇرۇقدىشىدىكى بىر خىل ئۆمۈچۈك، ئاۋسترالىيە دىكى ئالاھىدە ئۆتكۈر زەھەرلىك ئۆمۈچۈكنىڭ بىرى، جۇغى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن زەھىرى كۈچلۈك، ئۇنىڭ دۈمبە قىسمىدا بىر قىزىل يوللۇق داغ بولغاچقا قىزىل دۈمبىلىك ئۆمۈچۈك دەپ ئاتالغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۇمىلاق ئۆمچۈك ئائىلىسىدىكى قاراقچى ئۆمچۈك ئۇرۇقدىشىدىكى بىر خىل ئۆمۈچۈك، ئاۋسترالىيەدىكى ئالاھىدە ئۆتكۈر زەھەرلىك ئۆمۈچۈكنىڭ بىرى، جۇغى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن زەھىرى كۈچلۈك، ئۇنىڭ دۈمبە قىسمىدا بىر قىزىل يوللۇق داغ بولغاچقا قىزىل دۈمبىلىك ئۆمۈچۈك دەپ ئاتالغان. ئاۋسترالىيە دە بولۇپمۇ كەنتلەردە، ھەر يىلى قىزىل دۈمبىلىك ئۆمۈچۈك چېقىۋالغاندىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىق ئەجەللىك دېلو مىسالى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، قىزىل دۈمبىلىك ئۆمۈچۈك يېزا ياكى شەھەر ئەتراپىدىكى گۈل-گىياھلار بىر قەدەر ياخشى ئۆسكەن، بىر قەدەر بۈك-باراقسان ھەم بىر قەدەر نەم جايلاردا ياشايدۇ.
ئۆمۈچۈك قىزىل دۈمبىلىك ئۆمۈچۈكنىڭ چىشىسىنىڭ تېنى قارامتۇل، پارقىراق بولۇپ، شارسىمان قۇرساق قىسمىنىڭ يۈزىدە قۇمسائەتسىمان قىزىل بەلگە بار، بەزىلىرىنىڭكىدە ئىككى كىچىك قىزىل داغ بار، ئەمما قۇمسائاتسىمان بەلگە يوق. قۇمسائەتسىمان بەلگىدىن باشقا، ئەركەكلىرىنىڭ قۇرسىقىنىڭ يان تەرىپىدە تۆت جۈپ ئاچ قىزىل يوللۇق بەلگە بار.
قىزىل دۈمبىلىك ئۆمۈچۈك يېزا ياكى شەھەر ئەتراپىدىكى گۈل-گىياھلار بىر قەدەر ياخشى ئۆسكەن، بىر قەدەر بۈك-باراقسان ھەم بىر قەدەر نەم جايلاردا ياشايدۇ.
قىزىل دۈمبىلىك ئۆمۈچۈكنىڭ ئېغىزىنىڭ ئۈستۈنكى تاڭلاي قىسمىدا ئىنتايىن قاتتىق چېقىش مۈچىسى بولۇپ، ئىچىدە زەھەر بېزى بار. ئۇ ئۈركۈگەندە، تاجاۋۇز قىلغۇچىغا ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى چېقىپ يارلاندۇرۇپ ئۆزىنى قوغدايدۇ، بۇنداق چاغدا ئۇنىڭ تېنىدىكى زەھەر بېزىدىن نېرۋا خاراكتېرلىك توكسالبۇمىن سۇيۇقلۇقى ئاجرىلىپ چىقىپ، چېقىش مۈچىسى ئارققىلىق تېرىدىكى يارا ئېغىزىدىن قارشى تەرەپنىڭ تېنىگە كىرىدۇ. ئۇ ئادەمنى چاققاندا ئادەم قاتتىق ئاغرىق ھېس قىلىدۇ، ئاندىن ئادەمدە كۆڭۈل ئېلىشىش ھەم نېرۋا مەركىزى پالەچ ھالغا چۈشۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئۇ ئادەم ياكى مال چارۋىلارنى چاققاندا، بەدەندە قىسمەن دائىرلىك ئىنكاس پەيدا بولىدۇ، ئېغىرراقلىرىدا ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. تۆگە، كالا، ئاتلار دائىم ئۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ مال چارۋىلارغا كەلتۈرىدىغان زىينى ئىنتايىن زور، پەقەت قويلا بۇنىڭ سىرتىدا، ئۇ ئەزەلدىن قويغا تەگمەيدۇ. ئۇنىڭ ئادەمنى چېقىپ يارلاندۇرۇش ئەھۋاللىرىمۇ ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن. ئەمما، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىزىل دۈمبىلىك ئۆمۈچۈكنىڭ ئادەمنى چېقىپ يارلاندۇرۇش ھەم ئۆلتۈرۈپ قويۇش ئەھۋاللىرىمۇ بولغان.
قىزىل دۈمبىلىك ئۆمۈچۈك ئوۋچىلىق تۇرمۇشىغا كۆنگەن بولۇپ، بىر قېتىمدا بىرلا ئولجا ئوۋلايدۇ، بىرىنى يەپ بولۇپ ئاندىن يەنە بىرىنى ئوۋلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئوۋ ئوۋلاش ماھارىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولۇپ، چىشلىۋالغان ئولجىسىنى ھەرگىز قويۇپ بەمەيدۇ، ئولجىسى ئۇلارنى سۆرەپ تەرەپ-تەرەپكە قاتىرسىمۇ، ئۇلاردىن ھەرگىز قۇتۇلالمايدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.