قارا بويۇن تۇرنا

قارا بويۇن تۇرنا

قارا بويۇن تۇرنا (ئىلمىي نامى: Grus nigricollis) چوڭ تىپتىكى لەيلەك ئاياغلىقلار (ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن پاچاق قۇشلار) ئۇزۇنلۇقى 110-120 سانتېمىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 4-6 كىلوگرام. بەدىنىدىكى پەيلىرى كۈل رەڭ، باش، بۇرۇن، بويۇن ۋە ئۇچۇش پەيلىرى قارا، قۇيرۇق پېيى قوڭۇر رەڭدە. بېشىنىڭ ئالدىدىكى يالىڭاچ قىسمى تۇتۇق قىزىل رەڭدە، 3-دەرىجىلىك ئۇچۇش پەيلىرىنىڭ پىيى تارقاق، قانىتى يېپىلغاندا دەسلەپكى ئۇچۇش پەيلىرى ئېشىپ كەتكەن.

ئۇيغۇرچە نامى قارا بويۇن تۇرنا
ئىنگلىزچە نامى Black-necked Crane، Tibetan Crane
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى تۇرنىسىمانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى تۇرنا ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 黑颈鹤
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى تۇرنا ئائىلىسى
تۈرى قارا بويۇن تۇرنا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارا بويۇن تۇرناقارا بويۇن تۇرنا چوڭ تىپتىكى ئۇچۇش لەيلەك ئاياغلىقلار (ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن پاچاق قۇشلار) ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 120 سانتىمېتىر. پۈتۈن بەدىنى كۈل رەڭ ئاق، بويۇن، پۇتى بىرقەدەر ئۇزۇن، باش ۋە كۆز ئالدى يالىڭاچ قىسمى تۇتۇق قىزىل رەڭدە. بېشىنىڭ چوققىسىدىكى يالىڭاچ قىزىل تېرىسى، قۇياش نۇرى ئاستىدا قارىماققا ئىنتايىن ئوچۇق كۆرۈنىدۇ، ئەركىكىنىڭ جورا ئىزدەش مەزگىلىدە يوغىناپ، تېخىمۇ قىپقىزىل ئالاھىدە كۆرۈنىدۇ. كۆزىدىن كېيىن ۋە كۆزىنىڭ ئاستىدىكى بىر كىچىك ئاق ياكى كۈل رەڭ ئاق رەڭلىك داغلىرىدىن باشقىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بېشىنىڭ قالغان قىسمى ۋە بويۇن قىسمى تەخمىنەن 2 / 3 قىسمى قارا، شۇڭا قارا بويۇن تۇرنا دەپ ئاتالغان.

ئۇچۇش پەيلىرى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە، يېتىلگەن قۇشنىڭ چىشىسى بىلەن ئەركىكىنىڭ ئوخشىشىدۇ، چىشى تۇرنا سەل كىچىك. دەسلەپكى پەي، ئىككىلەمچى پەي ۋە قۇيرۇق پەيلىرى بىردەك قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، قۇيرۇق پەيلىرىرى ئۇزارتىپ يايسىمان ئېگىلگەن، قۇيرۇق پەيلىرىنىڭ ئۇچى ئاچىماق يىپقا ئوخشاش. قارا قۇيرۇق، پەي گىرۋىكى قوڭۇر سېرىق يۇقۇپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. مۈرە پەيلىرى سۇس كۈلرەڭ قارا رەڭلىك، ئۇچى كۈلرەڭ ئاق رەڭلىك. قالغان ئۈستى تەرىپى ۋە بەدىنىنىڭ ھەممىسى كۈل رەڭ ئاق، ھەر قايسى پەيلىرىنىڭ پەي گىرۋىكى سۇس قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. چىشى تۇرنا دۈمبىسى قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك لەيلىلىك پەيلەر، ئەركەك تۇرنىنىڭكى بولسا ئېنىق ئەمەس. رەڭدار پەردىسى سېرىق رەڭىلىك، ئاغزى كۈل رەڭ يېشىل، تۇمشۇقى ئۇچلۇق سېرىق؛ پاچاق ۋە پۇتى قارا.

چۈجىسى 

قارا بويۇن تۇرناقارا بويۇن تۇرنىنىڭ بالىسىنىڭ بېشى قوڭۇر سېرىق رەڭدە، بوينى قارا ۋە ئاق رەڭلىك، دۈمبىسى كۈلرەڭ سېرىق، دەسلەپكى ئۇچۇش پەيلىرى ۋە ئىككىلەمچى ئۇچۇش پەيلىرى قارا رەڭلىك بولىدۇ، قىشتىن ئۆتكەندىن كبيىن، بوينىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى قارامتۇل كۈل رەڭگە، دۈمبە قالدۇق قىسىملىرى سېرىق قۇڭۇر رەڭلىك پەيلەر بىلەن قاپلىنىدۇ. رەڭدار پەردىسى قوڭۇر، تۇمشۇق ئۇچى سېرىق، پاچاق ۋە پۇتى كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ.

چوڭ-كىچىكلىكى

قارا بويۇن تۇرنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆلچىمى: 

 ئەركەك قارا بويۇن ئاققۇ (♂) چىشى قارا بويۇن ئاققۇ (♀)
 بەدەن ئېغىرلىقى 3850-6100 گرام  5000-6250 گرام 
 تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1140-1190 مىللىمېتىر  1160-1200 مىللىمېتىر 
 تۇمشۇق ئۇچى ئۇزۇنلۇقى 114-128 مىللىمېتىر  115-127 مىللىمېتىر 
 قانىتى ئۇزۇنلۇقى 585-593 مىللىمېتىر  540-680 مىللىمېتىر 
 قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى 225-231 مىللىمېتىر  218-240 مىللىمېتىر 
 ئوشۇق-پەنجە ئۇزۇنلۇقى 231-253 مىللىمېتىر  228-233 مىللىمېتىر 

قارا بويۇن تۇرناقارا بويۇن تۇرنا ئاساسلىقى دېڭىز يۈزىدىن 2500-5000 مېتىر ئېگىزلىكتە ياشايدۇ، چىملىق، چىم سازلىق، قومۇش سازلىقى، كۆل ۋە دەريا ۋادىسىدىكى سازلىق جايلار جايلاردا ياشايدۇ. ئېگىز تاتلىق سۇلۇق يەردىكى تۇرنىلارنىڭ تۇرمۇش بولسا دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۆسۈش، كۆپىيىش تۇرنىلار ئېگىزلىكى. 

كۆچۈشى 

قارا بويۇن تۇرنائەتىيازلىق 3-ئايدا كۆچۈپ كۆپىيىدىغان جايى، كۈز پەسلىدە 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قىشلايدىغان جايغا بارالايدۇ.  قارا بويۇن تۇرنا 9-ئايدىن باشلاپ توپ بولۇپ جەنۇبقا كۆچۈپ قىشلايدۇ، كۆچۈش ئارلىقى ئاللىقاچان ئېنىق مەلۇم بوسا ئىككى كۆچۈش لىنىيەسى بار: ① جۇڭگو ژورغاي-ساۋخەي تۈز سىزىق ئارىلىقى 800 كىلومېتىر ئەتراپىدا، سۇڭپەن ئوتلاق بويلاپ چيۇڭلەيشەن تېغى، مىنجياڭ دەرياسى، ۋۇمېڭ تاغلىق تومۇر كۆل ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدا قىشنى ئۆتكۈزىدۇ. ② لۇڭباۋتەندىن تارتىپ نابخا دېڭىزى تۈز سىزىق ئارىلىقى 700 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ يۈشۇ دەرياسى ۋادىسى، جىنشاجياڭ دەريا ۋادىسى ۋە چۆئەرشەن  قاتارلىق جايلارنى بويلاپ ھازىرقى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى خېڭدۇەنشەن تاغ تىزمىسىغا بېرىپ كۆللەردە قىشتىن ئۆتىدۇ؛ 

قارا بويۇن تۇرنا توپى قىشتىن ئۆتۈش ۋاقتىدا چوڭراق، ئەمدىلا چوڭ بولغان چۈجە قۇش، باشقا جەمەتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ئون نەچچە، ھەتتا 40، 50 قۇش چوڭ بىر ئۇزۇن يوللۇق ئۇچۇش ۋاقتىدا، ئاۋال «-» شەكلىدە ئاندىن «V» ھەرىپى شەكلىدە تىزىلىپ «人» شەكىللىك قوشۇن بۇلۇپ، ئېگىز  ئۇچۇپ، ھاۋاسى مۆتىدىل جايلاردا يېتىپ بېرىپ قىشلايدۇ. ئۇلار قىشلايدىغان يەر بىلەن كۆپىيىدىغان يەرنى نىسبەتەن مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسلىقى گۇيجۇ ۋېينىڭنىڭ ساۋخەي، يۈننەننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى جاۋتۇڭ، خۇيزې، يۇڭشەن، چياۋجيا، غەربىي شىمال قىسمىدىكى جۇڭديەن، لىجياڭ ۋە نىڭلاڭ، شىزاڭ لازى، شيېتۇڭمېن، رېكازې، جاناڭ نەيدۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى سازلىقلار، سۇلۇق يەر ۋە دەريا قاتارلىق سۇ دائىرىسى، تەبىئىي شارائىتى ئەۋزەل، مول ئوزۇقلۇق بار بولغان جايلارغا كۆچىدۇ، شۇڭا ھەر يىلى نۇرغۇن قارا بويۇن تۇرنا مۇشۇ جايلارغا كېلىپ قىشلايدۇ، بۇ جايلاردا يەنە مىڭدىن ئارتۇق ئېيىق سۇر ۋە كۆپ خىل ياۋا غاز، ئۆردەك قاتارلىق نۇرغۇن سۇ قۇشلىرىنىڭ تۈرلىرىمۇ بار.

ئوزۇقلىنىشى

قارا بويۇن تۇرناقارا بويۇن تۇرنا ئوزۇقلۇق تاللىمايدۇ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى، يىلتىز غولى، قىرلىق پىيىزەك، تۈگۈنەك غول، لەش، قوناق، قۇم بىلەن، شۇنداقلا قۇرت-قوڭغۇز، بېلىق، پاقا ۋە ئېتىزدىكى قالدۇق زىرائەت ئۇرۇقى قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. قىشتىن ئۆتۈش مەزگىلىدە، ئەتىگەن سائەت 7 دە كەينى-كەينىدىن ئۇچۇپ سازلىق ياكى كۈنگەي تاغ باغرىدا يايلاپ، بەزىدە ھوسۇلى يىغىلىپ بولغان ئېتىزلاردىكى رەندە قېپقالغان ياڭيۇ، ئاق ئارپا، قارا بۇغداي، يالىڭاچ سۇلۇ، تۇرۇپ ۋە يىلتىزى قاتارلىقلارنى  يەيدۇ. 

ئادىتى 

قارا بويۇن تۇرناىنىڭ كۆپىيىش مەزگىلىدە يالغۇز ياكى جۈپ بۇلۇپ پائالىيەت قىلىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندىن باشقا پائالىيەتلەردە،  باشقا پەسىللەردە كۆپ توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، بولۇپمۇ قىشلىق ئۈچەك ھالىتىدە، ئادەتتە نەچچە ئونى بىر توپ بولۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ تاكى زاۋال چۈشكىچە كۆپ ۋاقىتلاردا ئوزۇقلۇق ئىزدەش بىلەن بولدۇ. چۈشتە كۆپىنچە سازلىق ياكى تېيىز كۆل بويىدا بىر پۇتى بىلەن ئۆرە تۇرۇپ ئارام ئالىدۇ،بېشىنى ئىگىپ دۈمبە پەيلىرىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇۋالىدۇ. سەھەردە ياكى خەتەرلىك ئەھۋاللار بولسا دائىم «guo-guo-guo» ياكى «gage-gage» قىلغان ئۈنلۈك، جۇشقۇن ئاۋاز چىقىرىدۇ. 

قارا بويۇن تۇرناقارا بويۇن تۇرنا جۇڭگو، ھىندىستان، ۋيېتنام قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. نېپالدا كۆچمەن قۇشلاردۇر. 

قارا بويۇن تۇرنا جۇڭگونىڭ بىر خىل ئالاھىدە مەھسۇلاتى، جۇڭگونىڭ چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى ۋە يۈننەن-گۇيجۇ ئېگىزلىكى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئالتۇن تاغلىرىغا سوزۇلۇپ بارىدۇ، گەنسۇدىكى چىليەنشەن تېغى، جەنۇبتا شىزاڭنىڭ ھىمالايا تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى ۋە يۈننەننىڭ ئېگىزلىكى، غەربتە قاراقۇرۇم تاغلىرى، شەرقتە گەنسۇ، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي شىمالىي چېتى، چىڭخەي ۋە سىچۈەن بىلەن چېگرىلىنىدىغان سۇڭپەن ئوتلىقى، شۇنىڭدەك يۈننەن بىلەن گۈيجۇ تۇتىشىدىغان قىسىمىدىكى ۋۇمېڭشەن تېغى، چىڭخەي، سىچۇەن، گەنسۇ، شىنجاڭ، شىزاڭ، يۈننەن ۋە گۈيجوۋ قاتارلىق 7 ئۆلكە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۆپىيىدىغان جايلار: چىڭخەي (يۈشۇ، جىدو، چۈمالەي، چېڭدو، زادو، مادو، جيۇجى، زېكۇ، گۇيدې، گۇڭخې، گاڭسا، تيەنجۈن، چىليەن، ئۇلان، دۇلەن، گولمۇد)، شىزاڭ (داڭشيۇڭ، ناچۈ، جيالى، ئامدو، بونگو، شېنجا، رىتۇ، ئامرىڭ، ساجيا، جۇڭبا)، سىچۈەن (رورگاي)، گەنسۇ (لۇچۈ، ماچۈ)، شىنجاڭ (چاقىلىق). 

قىشلايدىغان جايلار: شىزاڭ (لاسا، لىنجوۋ، دازى، چۈشۇي، خېيجۇگوڭكا، دۇڭلۇڭدېچىڭ، نەيدۇڭ، چۈسۇڭ، ساڭرى، جاناڭ، رېكازې، ساجيا، جياڭزى، لازى، شيېتۇڭمېن، بايناڭ، نەنمۇلىن، نيىڭچى، گۇڭبۇجياڭدا)، يۈننەن (جۇڭديەن، لىجياڭ، نىڭلاڭ، جاۋتۇڭ، يۇڭشەن، چياۋجيا، قارلىق دالا، خۇيزې، چۈجىڭ)، گۇيجۇ (ساۋخەي).

قارا بويۇن تۇرناقارا بويۇن تۇرنا ھەر يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4-ئاينىڭ باشلىرىغىچە كۆپىيىدىغان جايىغا ئۇچۇپ بېرىپ جورا تاللاپ جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىن، تۆت ئەتراپى سۇ بىلەن قورشالغان چۆپ، قومۇشلۇق ياكى يەر يۈزىگە ئۇۋا سالىدۇ. قارا بويۇن تۇرنىنىڭ كۆپىيىشى بىر قەدەر تارقاق، ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چىڭخەي ۋە گەنسۇ سىچۈەننىڭ شىمالىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 3500-5000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سازلىقلاردا كۆپىيىدۇ. 

ئۇۋىسى 

باشقا تۇرنىلار بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، قارا بويۇن تۇرنا تۇخۇم تۇغۇشتىن بۇرۇن چاڭگا ياساش مەزگىلى يوق، بەلكى ئاۋۋال تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇۋا سالىدۇ. ئۇۋىسى ئاددىي، تۈز، يېقىن ئەتراپتا ئوت-چۆپۋە سۇ بولغان رايونلارغا ئۇۋا سالىدۇ. ئۇۋىسىنىڭ سىرتقى دىئامېتىرى 86-90 سانتېمىتىر، ئىچكى دىئامېتىرى 40-43 سانتېمىتىر، ئېگىزلىكى 10-13 سانتېمىتىر، چوڭقۇر 4-5 سانتېمىتىر كېلىدۇ. 

تۇخۇمى 

قارا بويۇن تۇرناھەربىر ئۇۋىدا ئادەتتە ئىككى تال تۇخۇم، گاھىدا بىر دانە تۇخۇم بار بولدۇ. تۇخۇمى ئېللىپىس شەكىللىك ، قارامتۇليېشىل، سۇس يېشىل ياكى زەيتۇن كۈلرەڭ، ئۇنىڭ ئۈستىدە قويۇق قوڭۇر ياكى قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك دېغى بار، بولۇپمۇ چوڭ بېشىدا بىر قەدەر قويۇق. تۇخۇمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى 102-108 مىللىمېتىر × 61-63 مىللىمېتىر، ئېغىرلىقى 209-234 گرام. تۇنجى تۇخۇملىغاندىن كېيىن باشلاپ تۇخۇم باسىدۇ، تۇخۇم بېسىشنى ئەركەك چىشى قۇش ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ، چىشىسى كۆپرەك باسىدۇ. تۇخۇم بېسىش مەزگىلى 30-33 كۈن. چۆجىسى بالدۇر يېتىلىدۇ، تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن شۇ كۈنى ماڭالايدۇ. 

قارا بويۇن تۇرنا يەككە تۈر بۇلۇپ، كەنجى تۈرى يوق. 

قارا بويۇن تۇرنا«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» 2012-يىللىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ____ ئاسان خەتەرلىك. 

«ۋاشىنگىتون ئەھدىنامىسى» CITES  « CITES 1 خەۋىپكە يېقىنلاشقان تۈر؛ كۈچكە ئىگە ۋاقتى: 1997.

دۆلەت نۇقتىلىق مۇھاپىزەت دەرىجىسى: بىرىنچى دەرىجىلىك؛ كۈچكە ئىگە ۋاقتى: 1989. 

جۇڭگو ھالاكەت ئېغىزىدا تۇرغان ھايۋانلار توغرىسىدىكى قىزىل تاشلىق كىتاب دەرىجىسى: يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر؛ كۈچكە ئىگە ۋاقتى: 1996.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#