لازېر

لازېر ___ ئەسلى (ئىنگىلىزچە LASER) دىگەن سۆز بۇلۇپ بىزگە رۇسچىدىن ئۆزلىشىپ كىرگەن. ئىنگىلىزچە قوزغىتىلغان رادىئاتسيە ئارقىلىق كۆچەيتىلگەن نۇردىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى.

ئۇيغۇرچە نامى لازېر
چەتئەلچە نامى Light Amplification by Stimulated Emission of Radiation
باشقا نامى لازېر نۇرى
بايقىغۇچى 爱因斯坦
تۇنجى قوزغىتىلغان ۋاقتى 1960-يىلى
خەنزۇچە نامى 激光
ئىنگىلىزچە نامى LASER
تۇنجى قېتىم بايقالغان ۋاقتى 1916-يىلى
قوللىنىش دائىرىسى كەڭ دائىرىدە قوللىنىش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازېرلازېر ___ ئەسلى (ئىنگىلىزچە LASER) دىگەن سۆز بۇلۇپ بىزگە رۇسچىدىن ئۆزلىشىپ كىرگەن. ئىنگىلىزچە قوزغىتىلغان رادىئاتسيە ئارقىلىق كۆچەيتىلگەن نۇردىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى. لازېر نۇرى ئوخشاش دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى فوتونلار ئىقىمىنى تارقىتىدىغان نۇر مەنبەسى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.

لازېريېقىنقى يىللاردىن بۇيان دوختۇرلار مېڭە ئوپېراتسىيىسىدە تىغ ئىشلەتمەستىن، بەلكى يىڭنە ئۇچى چوڭلۇقىدا يىغىلغان نۇر نۇقتىسىدىن پايدىلىنىپ ئوپېراتىسيە ئېلىپ بېرىپ، نېرۋىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىش بولغان توقۇلمىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يەنە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا نېرۋىنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنالايدىغان بولدى. بۇ خىل ئاجايىپ نۇر نۇقتىسى ئىنسانىيەتكە بەخت ئېلىپ كېلىپ، ئۈمىد نۇرى، يەنى لازېر دەپ ئاتالدى. 1960- يىلى ئامېرىكا تۇنجى بولۇپ، دۇنيادىكى ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بولغان تۇنجى يېڭى يورۇقلۇق مەنبەسى − لازېر ئەسۋابىنى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى چاڭچۈن ئوپتىكا مېخانىزملىرى تەتقىقات ئورنى بۇ خىل يېڭى يورۇقلۇق مەنبەسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. 

لازېر ئەسۋابىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكا تەتقىقات تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ بىر چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، ئىنسانىيەت يۇقىرى يورۇش دەرىجىسىگە ئىگە، يەككە رەڭلىكلىكى ياخشى بولغان يورۇقلۇق مەنبەسىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدى، لازېر ئەسۋابى ئىنتايىن يۇقىرى يورۇش دەرىجىسىگە ئىگە يورۇقلۇق مەنبەسى بولۇپ، ئۇ يېتەلەيدىغان يورۇش دەرىجىسى تەبىئەتتىكى يورۇش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان يورۇقلۇق مەنبەسى − قۇياش يورۇقلۇقىدىن نەچچە ئون مىليارد ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، بىر غايىۋى يەككە رەڭلىك يورۇقلۇق مەنبەسى ھېسابلىنىپ، يۇقىرى يەككە رەڭلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. 

ئادەتتىكى گېلىي-نېئون لازېر ئەسۋابى چىقارغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 6328 ئانگىسترېم بولغان قىزىل نۇرنى ئېلىپ ئېيتسا، ئۇنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقىنىڭ دائىرىسى پەقەت 10 مىليوندىن بىر ئانگىستېرىم (°A) پەرقلىنىدۇ. 

ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ يۇقىرى يۆنىلىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، يۆنىلىشلىك نۇرلار دەستىسى چېچىلىپ كەتمەي تۈز سىزىق بويىچە ئالدىغا تارقىلالايدۇ. 

لازېرلازېرنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەل ئىقتىدارلىرى بولغانلىقتىن، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، تېببىي داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، ئالاقىلىشىش، ھەربىي ئىشلار ۋە پەن-تەتقىقات قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا. لازېرنى يىغىپ دىئامېتىرى m6-10 دىن كىچىك يورۇقلۇق نۇقتىسى ھاسىل قىلىنسا، بۇ يورۇقلۇق نۇقتىسىغا ناھايىتى يۇقىرى ئېنېرگىيە توپلىنىدۇ-دە، قاتتىق قىزىل ياقۇت، داتلاشماس پولات قاتارلىقلارنى ئېرىتىۋېتەلەيدۇ ياكى ھورلاندۇرۇۋېتەلەيدۇ، شۇڭا بۇ ئارقىلىق نازۇكلۇق دەرىجىسى تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ماشىنىسازلىق پىششىقلاپ ئىشلەش، مەسىلەن، لازېر ئارقىلىق كېسىش، تۆشۈك ئېچىش، كەپشەرلەشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ، بۇنىڭدا ئېنېرگىيە مەنبەسى تېجىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە ئاپتوماتلىشىشنى ئاسانلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 

ئوخشاش بولمىغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ياكى ئوخشاش بولمىغان مىقدار (ئۆلچەم) دىكى لازېر جانلىقلار ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ياكى تورمۇزلاپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا لازېردىن پايدىلىنىپ سورت يېتىشتۈرۈپ، زىرائەتلەر ۋە چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىدا، دىئاگنوز قويۇش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوپېراتسىيە قىلىش، فىزىكىلىق داۋالاش، يىڭنە سانجىپ داۋالاش، ئىچكى ئەزانى كۆزىتىش ئەينىكى ئارقىلىق داۋالاش قاتارلىقلاردا لازېر ئىشلىتىلىپ، ئەنئەنىۋى تېببىي ئىلمىدە ھەل بولمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلەر ھەل قىلىنغان. 

لازېر ئوپتىكىلىق ئالاقىلىشىش، دۆلەت مۇداپىئەسىدە رازۋېدكا قىلىش ۋە قوغدىنىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ. 

لازېر ئۇسۇلى ئارقىلىق يادرو ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ يادرو يېقىلغۇسىنى ئىشلەپچىقىرىش ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىدىكىگە قارىغاندا ئەرزان ۋە قۇلاي بولىدۇ. لازېرنىڭ قوللىنىلىشى ئۇنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى كۆرسىتىپ بەردى، لازېر ھەقىقەتەن ئىنسانىيەتنىڭ ئۈمىد نۇرىدۇر.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#