جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىناكارلىق قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىناكارلىق قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىناكارلىق قانۇنى» 1997–يىلى 11–ئاينىڭ 1–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىناكارلىق قانۇنى
ئېلان قىلىغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1997–يىلى 11–ئاينىڭ 1–كۈنى
قوللىنىلغان ۋاقتى 1998–يىلى 3–ئاينىڭ 1–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国建筑法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó jiàn zhù fǎ
تۈزۈتىلگەن ۋاقتى 2011–يىلى 4–ئاينىڭ 22–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىناكارلىق قانۇنى» بىناكارلىق پالىيىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بىناكارلىق بازىرىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش، بىنكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، بىناكارلىق ئىشلىرىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

1997-يىلى 11-ئاينىڭ 1–كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20-يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىناكارلىق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىناكارلىق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى

2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىناكارلىق قانۇنى»غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان.

48-ماددا مۇنداق تۈزىتىلگەن: «بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قانۇن بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. كارخانىنىڭ خەتەرلىك مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشىچى–خىزمەتچىلەرنى كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇپ، سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ».

بۇ قارار 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن بىناكارلىق پالىيىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بىناكارلىق بازىرىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش، بىنكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، بىناكارلىق ئىشلىرىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە بىناكارلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، بىناكارلىق ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا مۇشۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان بىناكارلىق ئىشلىرى ئۆي-ئىمارەتلەر ھەم ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى سېلىش ۋە ئۇنىڭ يانداش سىم يولى، تۇرۇبا يولى، ئۈسكۈنىلەرنى ئورنىتىش ئىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا بىناكارلىق ئىشلىرىدا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئىش قىلىش لازىم.

4-ماددا دۆلەت بىناكارلىق تەرەققىياتىنى يۆلەيدۇ، بىناكارلىق پەن–تېخنىكا تەتقىقاتىنى قوللايدۇ، ئۆي-ئىمارەت لايىھەلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشقا ئىلھام بېرىدۇ. ئىلغار تېخنىكا، ئىلغار ئۈسكۈنە، ئىلغار ھۈنەر–سەنئەت، يېڭىچە بىناكارلىق ماتېرىيالىنى ئىشلىتىش ۋە زامانىۋى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

5-ماددا بىناكارلىق ئىشلىرىدا قانۇن، نىزاملارغا ئەمەل قىلىش كېرەك. جامائەت مەنپەئىتى ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇن بويىچە قىلىنغان بىناكارلىق ئىشلىرىغا دەخلى يەتكۈزۈشىگە ۋە توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

6-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىناكارلىق ئىشلىرىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

2-باب بىناكارلىق ئىجازىتى

1-پاراگراف بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئىجازىتى

7-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى باشلاشتىن بۇرۇن، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ، قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن، گوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن چەكتىن تۆۋەن كىچىك قۇرۇشلار بۇنىڭ سىرتىدا.

بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش باشلاش دوكلاتى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە تەستىقلانغان بولسا، ئۇنىڭغا قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىش ھاجەتسىز.

8-ماددا قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:

(1) شۇ بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرنىڭ تەستىق رەسمىيىتى بولۇش؛

(2) شەھەر پىلانلىنىدىغان رايوندىكى بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ئېلىنغان بولۇش؛

(3) چېقىش-كۆچۈرۈشكە توغرا كەلگەنلىرىنىڭ چېقىش-كۆچۈرۈش سۈرئىتى قۇرۇلۇش قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(4) بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى بېكىتىلگەن بولۇش؛

(5) قۇرۇلۇش قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان قۇرۇلۇش قىلىش چېرتيوژى ۋە تېخنىكىلىق ماتېرىيالى بولۇش؛

(6) قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان كونكرېت تەدبىرلەر بولۇش؛

(7) قۇرۇلۇش مەبلىغى ئەمەلىيلەشكەن بولۇش؛

(8) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىغا قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسى بېرىشى كېرەك.

9-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ئالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئىش باشلىشى كېرەك. مەلۇم سەۋەب بىلەن، ۋاقتىدا ئىش باشلىيالمايدىغانلار ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگانغا مۆھلەتنى ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ مۆھلەت ئىككى قېتىملا ئۇزارتىپ بېرىلىدۇ، ھەر قېتىمقىسى ئۈچ ئايدىن ئاشمايدۇ. ئىشنىمۇ باشلىمىغان، مۆھلەتنى ئۇزارتىپ بېرىشنىمۇ ئىلتىماس قىلمىغان ياكى ئۇزارتىپ بېرىلگەن مۆھلەتتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسى ئۆزلۈكىدىن كۈچىدىن قالىدۇ.

10-ماددا سېلىنىۋاتقان بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى مەلۇم سەۋەب بىلەن توختىتىپ قويۇشقا توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش توختىتىلغان كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگانغا دوكلات قىلىشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىشى كېرەك.

بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى قايتا باشلىغاندا، ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگانغا دوكلات قىلىش كېرەك؛ توختىتىپ قويۇلغىنىغا بىر يىلى بولغان قۇرۇلۇشنى قايتا باشلاشتىن بۇرۇن، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگانغا تەكشۈرتۈشى كېرەك.

11-ماددا ئىش باشلاش دوكلاتى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلانغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى مەلۇم سەۋەب بىلەن قەرەلىدە باشلىغىلى بولمىسا ياكى توختىتىپ قويۇشقا توغرا كەلسە، تەستىقلىغان ئورگانغا ئەھۋالنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك. ئىشنى مەلۇم سەۋەب بىلەن ئالتە ئايغىچە باشلىغىلى بولمىسا، ئىش باشلاش دوكلاتىنى تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى قايتا بېجىرىش كېرەك.

2-پاراگراف كەسىپكارلىق سالاھىيىتى

12-ماددا بىناكارلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرى، چارلاش ئورۇنلىرى، لايىھەلەش ئورۇنلىرى ۋە قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك ئورۇنلىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى بولۇش؛

(2) ئۆزى شۇغۇللىنىدىغان بىناكارلىق ئىشلىرىغا لايىق كېلىدىغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن كەسىپ سالاھىيىتىگە ئىگە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى بولۇش؛

(3) بىناكارلىق بىلەن شۇغۇللىنىشتا بولۇشقا تېگىشلىك تېخنىكىلىق جابدۇقلىرى بولۇش؛

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

13-ماددا بىناكارلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرى، چارلاش ئورۇنلىرى، لايىھەلەش ئورۇنلىرى ۋە قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك ئورۇنلىرى رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى، تېخنىكىلىق جابدۇقلىرى ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇشى نەتىجىسى قاتارلىق ساپا شەرتىگە قاراپ، ساپا دەرىجىلىرىگە ئايرىلىدۇ. ئۇلار ساپا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، مۇناسىپ دەرىجىدىكى ساپا نامىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ساپا دەرىجىسى يول قويغان دائىرىدە بىناكارلىق بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

14-ماددا بىناكارلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى قانۇن بويىچە مۇناسىپ كەسىپكارلىق سالاھىيەتنامىسىنى ئېلىشى ھەمدە كەسىپكارلىق سالاھىيەتنامىسى يول قويغان دائىرىدە بىناكارلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك.

3-باب بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ھۆددە بېرىش ۋە ھۆددە ئېلىش

1-پاراگراف ئومۇمىي بەلگىلىمە

15-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ھۆددە بەرگۈچى ئورۇن بىلەن ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن قانۇن بويىچە يازما توختام تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى لازىم.

ھۆددە بەرگۈچى ئورۇن بىلەن ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن توختامدا پۈتۈشكەن مەجبۇرىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشى لازىم. مەجبۇرىيەتنى توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ئادا قىلمىغانلار خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

16-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ھۆددە بېرىش ۋە ھۆددە ئېلىشتىكى خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىش پائالىيىتىدە ئاشكارا بولۇش، ئادىل بولۇش، باراۋەر رىقابەتلىشىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، ھۆددە ئالغۇچى ئورۇنلاردىن ياخشىسىنى تاللاش لازىم.

بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىش ئىشلىرىدىن بۇ قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىشقا دائىر قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

17-ماددا ھۆددە بەرگۈچى ئورۇن ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ھۆددە بېرىش جەريانىدا پارا، ئۈستەك ئالسا ياكى باشقا نەپ تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ھۆددە بەرگۈچى ئورۇن ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىغا پارا، ئۈستەك ياكى باشقا نەپ بېرىشتەك ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن قۇرۇلۇشنى ھۆددە ئېلىۋالسا بولمايدۇ.

18-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش باھاسىنى ھۆددە بەرگۈچى ئورۇن بىلەن ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە توختامدا پۈتۈشىدۇ. ئاشكارا خېرىدار چاقىرىپ ھۆددە بېرىلىدىغانلىرىنىڭ پۈتۈش باھاسىنى پۈتۈشۈشتە خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىشقا دائىر قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش لازىم.

ھۆددە بەرگۈچى ئورۇن قۇرۇلۇش پۇلىنى توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ۋاقتىدا بېرىشى لازىم.

2-پاراگراف ھۆددە بېرىش

19-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىپ ھۆددە بېرىلىدۇ، خېرىدار چاقىرىپ ھۆددە بېرىش مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىرى بىۋاسىتە ھۆددە بېرىلسە بولىدۇ.

20-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا ئاشكارا خېرىدار چاقىرغاندا، ھۆددە بەرگۈچى ئورۇن قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە ئۇسۇل بويىچە خېرىدار چاقىرىش ئېلانى چىقىرىشى، خېرىدار چاقىرىلغان قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي تېخنىكىلىق تەلەپلىرى، توختامنىڭ ئاساسىي ماددىلىرى، خېرىدارلارنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلى، خېرىدارلارنى ئېلان قىلىش، باھالاش، بېكىتىش تەرتىپى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىنى بېرىشى لازىم.

خېرىدارلارنى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە ئورۇندا ئاشكارا ئېلان قىلىش لازىم. خېرىدارلار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خېرىدارلىق خېتىنى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە بەلگىلەنگەن خېرىدار باھالاش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپى بويىچە باھالاپ ۋە سېلىشتۇرۇپ، مۇناسىپ ساپا شەرتىنى ھازىرلىغان خېرىدارلار ئىچىدىن ياخشىسىنى تاللىۋېلىش لازىم.

21-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا خېرىدار چاقىرىشتا، خېرىدارلارنى ئېلان قىلىش، باھالاش، بېكىتىش ئىشىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قانۇن بويىچە ئۇيۇشتۇرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

22-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى خېرىدار چاقىرىپ ھۆددە بېرىشتە، ھۆددە بەرگۈچى ئورۇن بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە خېرىدار بولغان ھۆددە ئالغۇچى ئورۇنغا بېرىشى لازىم. بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى بىۋاسىتە ھۆددە بېرىشتە، ھۆددە بەرگۈچى ئورۇن بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى مۇناسىپ ساپا شەرتىنى ھازىرلىغان ھۆددە ئالغۇچى ئورۇنغا بېرىشى لازىم.

23-ماددا ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تارماقلار مەمۇرىي ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، ھۆددە بەرگۈچى ئورۇننى خېرىدار چاقىرىپ ھۆددە بېرىلىدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ئۆزى كۆرسەتكەن ھۆددە ئالغۇچى ئورۇنغا بېرىسەن دەپ چەكلەپ قويسا بولمايدۇ.

24-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن ھۆددە ئېلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ، بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى پارچىلاپ ھۆددە بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ. بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ھۆددە بەرگۈچى ئورۇن بىناكارلىق قۇرۇلۇشىدىكى چارلاش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى قۇرۇلۇشنى پۈتۈن ھۆددە ئالغۇچى بىر ئورۇنغا بىراقلا ھۆددە بەرسە بولىدۇ، بىنكارلىق قۇرۇلۇشىدىكى چارلاش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش ئىشلىرىدىن بىر تۈرىنى ياكى بىرقانچە تۈرىنى قۇرۇلۇشنى پۈتۈن ھۆددە ئالغۇچى بىر ئورۇنغا ھۆددە بەرسىمۇ بولىدۇ؛ لېكىن، ھۆددە ئالغۇچى بىر ئورۇن پۈتتۈرىدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى بىرقانچە قىسىمغا پارچىلاپ، بىر قانچە ھۆددە ئالغۇچى ئورۇنغا بۆلۈپ ھۆددە بېرىشكە بولمايدۇ.

25-ماددا توختامدىكى پۈتۈم بويىچە، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، دېتال-سەپلىمىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى قۇرۇلۇشنى ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن سېتىۋالىدىغان بولسا، ھۆددە بەرگۈچى ئورۇن ھۆددە ئالغۇچى ئورۇنغا قۇرۇلۇشقا لازىملىق بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، دېتال-سەپلىمىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈشنى بەلگىلەپ بەرسە ياكى ئۇنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت، تەمىنلەيدىغان سودىگەرنى بەلگىلەپ بەرسە بولمايدۇ.

3-پاراگراف ھۆددە ئېلىش

26-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن قانۇن بويىچە ساپانامە ئالغان بولۇشى ھەمدە قۇرۇلۇشنى ئۆزىنىڭ ساپا دەرىجىسى يول قويغان كەسىپ دائىرىسىدە ھۆددە ئېلىشى لازىم.

بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ ئۆز كارخانىسىنىڭ ساپا دەرىجىسى يول قويغان كەسىپ دائىرىسىدىن ھالقىپ ياكى باشقا بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسىنىڭ نامىدىن ھەر قانداق شەكىل بىلەن پايدىلىنىپ قۇرۇلۇشنى ھۆددە ئېلىۋېىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ باشقا ئورۇن ياكى شەخسنىڭ شۇ كارخانىنىڭ ساپانامىسىنى، تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىشلىتىپ، شۇ كارخانىنىڭ نامىدا قۇرۇلۇشنى ھۆددە ئېلىشىغا ھەرقانداق شەكىل بىلەن رۇخسەت قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

27-ماددا چوڭ تىپتىكى ياكى قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ئىككىدىن ئارتۇق ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن بىرلىشىپ ھۆددە ئالسا بولىدۇ. بىرلىشىپ ھۆددە ئالغۇچىلار ھۆددىگەرلىك توختامىنى ئادا قىلىشتا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

قۇرۇلۇشنى ساپا دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان ئىككىدىن ئارتۇق ئورۇن بىرلىشىپ ھۆددە ئالماقچى بولسا، ساپا دەرىجىسى تۆۋەن ئورۇننىڭ كەسپى يول قويغان دائىرىدە ھۆددە ئېلىشى كېرەك.

28-ماددا ھۆددە ئالغۇچى ئورۇننىڭ ئۆزى ھۆددە ئالغان پۈتۈن بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى باشقىلارغا ھۆددە بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. ھۆددە ئالغۇچى ئورۇننىڭ ئۆزى ھۆددە ئالغان پۈتۈن بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى پارچىلاپ، بۆلۈپ ھۆددە بېرىش نامى بىلەن باشقىلارغا ھۆددە بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

29-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن ئۆزى ھۆددە ئالغان قۇرۇلۇشنىڭ بىر قىسمىنى مۇناسىپ ساپا شەرتىنى ھازىرلىغان بۆلۈپ ھۆددە ئالغۇچى ئورۇنغا ھۆددە بەرسە بولىدۇ؛ لېكىن، پۈتۈن ھۆددە ئېلىش توختامىدا بۆلۈپ ھۆددە بېرىش پۈتۈشكەنلىرىدىن باشقىلىرىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈشى شەرت. قۇرۇلۇش قىلىش پۈتۈن ھۆددە ئېلىنغان بولسا، بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ گەۋدە قۇرۇلمىسىنى سېلىشنى پۈتۈن ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن ئۆزى پۈتتۈرۈشى شەرت.

بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن پۈتۈن ھۆددە ئېلىش توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ؛ بۆلۈپ ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن بۆلۈپ ھۆددە ئېلىش توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە، پۈتۈن ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. پۈتۈن ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن بىلەن بۆلۈپ ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن بۆلۈپ ھۆددە ئالغان قۇرۇلۇش توغرىسىدا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالدىدا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

پۈتۈن ھۆددە ئالغۇچى ئورۇننىڭ قۇرۇلۇشنى مۇناسىپ ساپا شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئورۇنغا بۆلۈپ ھۆددە بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. بۆلۈپ ھۆددە ئالغۇچى ئورۇننىڭ ئۆزى ھۆددە ئالغان قۇرۇلۇشنى يەنە بۆلۈپ ھۆددە بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

4-باب بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا نازارەتچىلىك قىلىش

30-ماددا دۆلەت بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا نازارەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

گوۋۇيۈەن مەجبۇرىي نازارەتچىلىك قىلىنىدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلىسە بولىدۇ.

31-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن نازارەتچىلىك قىلىنىدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا نازارەتچىلىك قىلىشنى مۇناسىپ ساپا شەرتىنى ھازىرلىغان قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك ئورنىغا ھاۋالە قىلىدۇ. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆزى ھاۋالە قىلغان قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك ئورنى بىلەن يازما ھاۋالە نازارەتچىلىك توختامى تۈزۈشى كېرەك.

32-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا نازارەتچىلىك قىلغۇچى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە ئالاقىدار تېخنىكىلىق ئۆلچەم، لايىھەلەش ھۆججىتى ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ھۆددىگەرلىك توختامى بويىچە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنغا ۋاكالىتەن، ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن ئۈستىدىن قۇرۇلۇش قىلىش سۈپىتى، قۇرۇلۇش مۇددىتى ۋە قۇرۇلۇش مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىشى قاتارلىق جەھەتتە نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك.

قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرى قۇرۇلۇشنىڭ قىلىنىشى قۇرۇلۇش لايىھەسىدىكى تەلەپكە، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ تېخنىكىلىق ئۆلچىمىگە ۋە توختامدىكى پۈتۈمگە ئۇيغۇن بولمىدى دەپ قارىسا، بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسىدىن تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرى قۇرۇلۇش لايىھەسىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە ياكى توختامدا پۈتۈشكەن سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى سەزگەندە، لايىھەلىگۈچى ئورۇندىن تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنغا ئېيتىشى كېرەك.

33-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا نازارەتچىلىك قىلىشتىن بۇرۇن، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ھاۋالە قىلغان قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك ئورنى، نازارەتچىلىك مەزمۇنى ۋە نازارەتچىلىك ھوقۇق دائىرىسىنى نازارەتچىلىك قىلىنغۇچى بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

34-ماددا قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك ئورنى قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك كەسپىنى ئۆزىنىڭ ساپا دەرىجىسى يول قويغان نازارەتچىلىك دائىرىسىدە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك ئورنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ ھاۋالىسى بويىچە، نازارەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئوبيېكتىپ، ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك.

قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك ئورنى بىلەن نازارەتچىلىك قىلىنىدىغان قۇرۇلۇشنى ھۆددە ئالغان ئورۇن، شۇنىڭدەك بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، دېتال-سەپلىمىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى تەمىنلەش ئورنى ئوتتۇرىسىدا تەۋەلىك مۇناسىۋىتى ياكى باشقا پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولماسلىقى كېرەك.

قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك ئورنى قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك كەسپىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ.

35-ماددا قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك ئورنى نازارەتچىلىك مەجبۇرىيىتىنى ھاۋالە نازارەتچىلىك توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە ئادا قىلماي، نازارەت قىلىشقا، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك تۈرلەرنى تەكشۈرمەي ياكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرمەي، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننى زىيانغا ئۇچراتسا، مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك ئورنى ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ھۆددە ئالغۇچى ئورۇنغا قانۇنسىز مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننى زىيانغا ئۇچراتسا، ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن بىلەن بىللە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

5-باب بىناكارلىق بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش

36-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتا، بىخەتەرلىك بىرىنچى، ئالدىنى ئېلىش ئاساس دېگەن فاڭجېندا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ھەممەيلەن ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرت.

37-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ لايىھەسى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۈزۈلگەن بىناكارلىق بىخەتەرلىك قائىدىسى ۋە تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى، قۇرۇلۇشنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بولۇشى كېرەك.

38-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرى قۇرۇلۇش قىلىش لايىھەسىنى تۈزگەندە، بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مۇناسىپ بىخەتەرلىك تېخنىكا تەدبىرى تۈزۈشى لازىم؛ كەسپىيلىكى كۈچلۈكرەك بولغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، مەخسۇس تۈر بويىچە بىخەتەر قۇرۇلۇش قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەم بىخەتەرلىك تېخنىكا تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

39-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرى قۇرۇلۇش مەيدانىدا بىخەتەرلىكنى ساقلاش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى لازىم؛ شارائىتى بارلىرى قۇرۇلۇش مەيدانىنىڭ ئەتراپىنى توسۇشى كېرەك.

قۇرۇلۇش مەيدانى قوشنا ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئالاھىدە مەشغۇلات مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

40-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسىغا قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى يەر ئاستى تۇرۇبا لىنىيەسىگە دائىر ماتېرىياللارنى بېرىشى، بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى تەدبىر قوللىنىپ قوغدىشى كېرەك.

41-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى مۇھىت ئاسراش ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى چاڭ-توزان، كېرەكسىز گاز، كېرەكسىز سۇ، قاتتىق تاشلاندۇق ۋە شاۋقۇن، تەۋرىنىشنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى ۋە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى تىزگىنلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

42-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىتىشى كېرەك:

(1) پىلانلىنىپ تەستىقلانغان دائىرىنىڭ سىرتىدىكى جاينى ۋاقىتلىق ئىگىلەشكە توغرا كەلسە؛

(2) يول، تۇرۇبا لىنىيەسى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، پوچتا-تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق جامائەت ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇپ قويۇش ئېھتىمالى بولسا؛

(3) سۇنى، توكنى، يول قاتنىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە؛

(4) پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلىشقا توغرا كەلسە؛

(5) قانۇن-نىزاملاردا تەستىقلىتىش زۆرۈر دەپ بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

43-ماددا قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىناكارلىق بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەم ئەمگەك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بىناكارلىق بىخەتەرلىكىگە بولغان يېتەكچىلىكى ۋە نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىدۇ.

44-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى بىناكارلىق بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تالاپەت ھادىسىسى ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشى شەرت.

بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ئۆز كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىدۇ.

45-ماددا قۇرۇلۇش مەيدانىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى مەسئۇل بولىدۇ. قۇرۇلۇش پۈتۈن ھۆددە ئېلىنغان بولسا، پۈتۈن ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن مەسئۇل بولىدۇ. بۆلۈپ ھۆددىگە ئالغۇچى ئورۇن پۈتۈن ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، پۈتۈن ھۆددە ئالغۇچى ئورۇننىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشىغا بويسۇنىدۇ.

46-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى ئەمگەك بىخەتەرلىكى تەلىم-تەربىيەسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بولغان بىخەتەرلىك تەلىم-تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ بىخەتەرلىك تەلىم-تەربىيەسى ئالمىغانلارنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

47-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى ۋە مەشغۇلاتچىلار قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن، نىزاملارغا ۋە بىناكارلىق ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىك قائىدىلىرىگە، تەرتىپلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك، قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلىشقا ياكى قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلات قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. مەشغۇلاتچىلار جىسمانىي ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەشغۇلات تەرتىپى ۋە مەشغۇلات شارائىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا پىكىر بېرىشكە، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە زۆرۈر بولغان مۇھاپىزەت بۇيۇملىرىغا ئىگە بولۇشقا ھوقۇقلۇق. مەشغۇلاتچىلار ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى تەنقىدلەش، پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

48-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قانۇن بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. كارخانىنىڭ خەتەرلىك مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇپ، سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

49-ماددا ئىمارەتنىڭ گەۋدىسى ۋە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە چېتىلىدىغان بېزەش قۇرۇلۇشىنى باشلاشتىن بۇرۇن، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بۇنىڭ لايىھەسىنى ئىشلەشنى قۇرۇلۇشنى ئەسلىي لايىھەلىگەن ئورۇنغا ياكى مۇناسىپ ساپا شەرتىنى ھازىرلىغان لايىھەلەش ئورنىغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك؛ لايىھەسى بولمىسا ئىش باشلاشقا بولمايدۇ.

50-ماددا ئۆي-ئىمارەت چېقىش ئىشىنى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتىنى ھازىرلىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئورنى ئۈستىگە ئېلىشى، بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ مەسئۇلى بىخەتەرلىككە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

51-ماددا قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا ھادىسە يۈز بەرگەندە، بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، تالاپەت ۋە ھادىسە زىيىنىنى ئازايتىشى ھەم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

6-باب بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش

52-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىدىكى چارلاش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش سۈپىتى دۆلەتنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش بىخەتەرلىك ئۆلچىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت، كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دائىر دۆلەت ئۆلچىمى بىناكارلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئۇنى ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك.

53-ماددا دۆلەت بىناكارلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارغا سۈپەت سىستېمىسى ئىسپات بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. بىناكارلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار ئىختىيارلىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ھوقۇق بەرگەن تارماق ئېتىراپ قىلغان ئىسپات بېرىش ئاپپاراتىغا سۈپەت سىستېمىسى ئىسپات بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىسپات بېرىلگەنلىرىگە ئىسپات بېرىش ئاپپاراتى سۈپەت سىستېمىسى ئىسپات كىنىشكىسى بېرىدۇ.

54-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ھەرقانداق سەۋەب بىلەن، قۇرۇلۇش لايىھەلىگۈچى ئورۇندىن ياكى بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسىدىن قۇرۇلۇشنى لايىھەلەش ياكى قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

قۇرۇلۇش لايىھەلىگۈچى ئورۇن ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان قۇرۇلۇش سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىش تەلىپىنى رەت قىلىشى كېرەك.

55-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشى پۈتۈن ھۆددە ئېلىنغان بولسا، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە قۇرۇلۇشنى پۈتۈن ھۆددە ئالغان ئورۇن مەسئۇل بولىدۇ، پۈتۈن ھۆددە ئالغان ئورۇن بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى باشقا ئورۇنلارغا بۆلۈپ ھۆددە بەرگەن بولسا، بۆلۈپ ھۆددە بەرگەن قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتى جەھەتتە بۆلۈپ ھۆددە ئالغان ئورۇن بىلەن بىللە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۆلۈپ ھۆددە ئالغان ئورۇن پۈتۈن ھۆددە ئالغان ئورۇننىڭ سۈپەت باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدۇ.

56-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى چارلىغۇچى، لايىھەلىگۈچى ئورۇن ئۆزىنىڭ چارلاش، لايىھەلەش سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى شەرت. چارلاش، لايىھەلەش ھۆججىتى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر، بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە، بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى چارلاش، لايىھەلەشنىڭ تېخنىكىلىق قائىدىسىگە ھەم توختامدىكى پۈتۈمگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. لايىھەلەش ھۆججىتىدە تاللانغان بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، دېتال-سەپلىمىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۆلچىمى، تىپى، ئىقتىدارى قاتارلىق تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچلەر ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ سۈپىتىگە قويۇلغان تەلەپ دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.

57-ماددا قۇرۇلۇش لايىھەلىگۈچى ئورۇن لايىھەلەش ھۆججىتىدە تاللانغان بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، دېتال-سەپلىمىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت، تەمىنلەيدىغان سودىگەرنى بەلگىلەپ بەرسە بولمايدۇ.

58-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى قۇرۇلۇشنى قۇرۇلۇش لايىھەسى چېرتيوژى ۋە قۇرۇلۇش قىلىش تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە قىلىشى شەرت، ئىش ھالقىلىرىنى قىسقارتىشقا، ماتېرىياللارنى كەم ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ئۆزگەرتىشكە ئەسلىي لايىھەلىگۈچى ئورۇن مەسئۇل بولىدۇ، بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

59-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى قۇرۇلۇش لايىھەسىدىكى تەلەپ، قۇرۇلۇش قىلىش تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە توختامدىكى پۈتۈم بويىچە، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، دېتال-سەپلىمىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈشى شەرت، ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىرىنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

60-ماددا ئىمارەتنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىلىش مۇددىتى ئىچىدە، ئۇل قۇرۇلۇشى ۋە گەۋدە قۇرۇلمىسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرت.

بىناكارلىق قۇرۇلۇشى پۈتكەندە، ئۆگزىسىدە، تېمىدا سۇ ئۆتۈپ كېتىش، دەز كېتىشتەك سۈپەت جەھەتتىكى نۇقسانلار بولماسلىقى كېرەك؛ سۈپەت جەھەتتە سېزىلگەن نۇقسانلارنى بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى ئوڭشىشى لازىم.

61-ماددا پۈتكەندىن كېيىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تاپشۇرۇلغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشى بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بەلگىلەنگەن سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى، قۇرۇلۇشنىڭ تېخنىكىۋى-ئىقتىسادىي ماتېرىياللىرى مۇكەممەل بولۇشى ۋە ئىمزا قويولغان رېمونت كاپالەتنامىسى بولۇشى ھەم قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرگەنلىك توغرىسىدا دۆلەت بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەر ھازىرلانغان بولۇشى شەرت.

پۈتكەن بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا ئۆلچەمگە توشقانلىرى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلسە بولىدۇ؛ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغان ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا ئۆلچەمگە توشمىغانلىرىنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىشكە بولمايدۇ.

62-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىدا سۈپەت رېمونت كاپالىتى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى رېمونت قىلىپ بېرىش دائىرىسىگە ئۇل قۇرۇلۇشى، گەۋدە قۇرۇلۇشى، ئۆگزىنىڭ سۇ مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە باشقا تاش-توپا قۇرۇلۇشى، شۇنىڭدەك توك-گاز تۇرۇبا لىنىيەسى، سۇ بېرىش-چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئورنىتىش قۇرۇلۇشى، پار بېرىش، سوغۇق ھاۋا يەتكۈزۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەر كىرگۈزۈلۈشى كېرەك؛ رېمونت كاپالىتى مۇددىتىنى ئىمارەتنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىلىش مۇددىتى ئىچىدە نورمال ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىشلەتكۈچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش پىرىنسپى بويىچە بەلگىلەش كېرەك. رېمونت كاپالىتىنىڭ كونكرېت دائىرىسى ۋە ئەڭ تۆۋەن مۇددىتىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

63-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى جەھەتتىكى ھادىسە ۋە نۇقسانلار ئۈستىدە قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ۋە ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

64-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسى ئالماي ياكى ئىش باشلاش دوكلاتى تەستىقلانماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرۇلۇش قىلغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئىش باشلاش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرى قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

65-ماددا ھۆددە بەرگۈچى ئورۇنلاردىن قۇرۇلۇشنى مۇناسىپ ساپا شەرتىنى ھازىرلىمىغان ھۆددە ئالغۇچى ئورۇنغا ھۆددە بەرگەنلىرى ياكى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى پارچىلاپ ھۆددە بەرگەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، جەرىمانە قويۇلىدۇ.

قۇرۇلۇشنى ئۆز ئورنىنىڭ ساپا دەرىجىسىدىن ھالقىپ ھۆددە ئالغانلار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلسا، ساپا دەرىجىسى چۈشۈرۈلسە بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ساپانامىسى بىكار قىلىنىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولسا مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

ساپانامە ئالماي تۇرۇپ قۇرۇلۇشنى ھۆددە ئېلىۋالغانلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

ساپانامىنى ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن ئېلىۋالغانلارنىڭ ساپانامىسى بىكار قىلىنىدۇ، جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

66-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرىدىن ساپانامىسىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئارىيەت بەرگەنلىرى ياكى باشقىلارنىڭ شۇ كارخانا نامىدا قۇرۇلۇشنى ھۆددە ئېلىۋېلىشقا باشقا ئۇسۇللار بىلەن رۇخسەت قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلسا، ساپا دەرىجىسى چۈشۈرۈلسە بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ساپانامىسى بىكار قىلىنىدۇ. ھۆددە ئېلىۋېلىنغان شۇ قۇرۇلۇش بەلگىلەنگەن سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەي زىيان كۆرۈلسە، بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى بىلەن شۇ كارخانا نامىنى ئىشلەتكەن ئورۇن ياكى شەخس چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

67-ماددا ھۆددە ئالغۇچى ئورۇنلاردىن ھۆددە ئالغان قۇرۇلۇشنى قايتا ھۆددە بەرگەنلىرى ياكى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بۆلۈپ ھۆددە بەرگەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلسا، ساپا دەرىجىسى چۈشۈرۈلسە بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ساپانامىسى بىكار قىلىنىدۇ.

ھۆددە ئالغۇچى ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرى قايتا ھۆددە بەرگەن ياكى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بۆلۈپ ھۆددە بەرگەن قۇرۇلۇش بەلگىلەنگەن سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەي زىيان كۆرۈلسە، قايتا ھۆددە ئالغان ياكى بۆلۈپ ھۆددە ئالغان ئورۇن بىلەن بىللە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

68-ماددا قۇرۇلۇشنى ھۆددە بېرىش ۋە ھۆددە ئېلىش جەريانىدا پارا تەلەپ قىلغان، پارا ئالغان، پارا بەرگەنلەردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ، پارا پۇل-مېلى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا چارە كۆرۈلىدۇ.

قۇرۇلۇشنى ھۆددە ئېلىش جەريانىدا پارا بەرگەن ھۆددە ئالغۇچى ئورۇن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالانغاندىن تاشقىرى، ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلسا، ساپا دەرىجىسى چۈشۈرۈلسە ياكى ساپانامىسى بىكار قىلىنسا بولىدۇ.

69-ماددا قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك ئورۇنلىرىدىن قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ساختىپەزلىك قىلغان، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، جەرىمانە قويۇلىدۇ، ساپا دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ساپانامىسى بىكار قىلىنىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ زىيان سالغانلار چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك ئورۇنلىرىدىن نازارەتچىلىك كەسپىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلسا، ساپا دەرىجىسى چۈشۈرۈلسە بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ساپانامىسى بىكار قىلىنىدۇ.

70-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىمارەتنىڭ گەۋدىسى ياكى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە چېتىلىدىغان بېزەش قۇرۇلۇشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قىلغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

71-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىناكارلىق ھادىسىسى پەيدا قىلغان يوشۇرۇن خەۋپنى تەدبىر قوللىنىپ تۈگەتمىگەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، ساپا دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ساپانامىسى بىكار قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاپ، زور تالاپەت ھادىسىسى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

72-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇش لايىھەلىگۈچى ئورۇننىڭ ياكى بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىسىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

73-ماددا قۇرۇلۇش لايىھەلىگۈچى ئورۇنلاردىن لايىھەنى بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك ئۆلچىمى بويىچە ئىشلىمىگەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قۇرۇلۇش سۈپىتى ھادىسىسى پەيدا قىلغانلىرى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، ساپا دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ساپانامىسى بىكار قىلىنىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

74-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرىدىن قۇرۇلۇش داۋامىدا ئىش ھالقىلىرىنى قىسقارتىپ، ماتېرىياللارنى كەم ئىشلەتكەنلىرى، ئۆلچەمگە توشمايدىغان بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، دېتال–سەپلىمىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەنلىرى ياكى قۇرۇلۇش لايىھەسى چېرتيوژى ۋە ياكى قۇرۇلۇش قىلىش تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، ساپا دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى ساپانامىسى بىكار قىلىنىدۇ؛ بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە توشمايدىغان قىلىپ قويغانلىرى قايتا ئىشلەش ۋە رېمونت قىلىپ بېرىش ھەم شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەپ بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

75-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، رېمونت كاپالىتى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى ئادا قىلىشنى كەينىگە سۆرىگەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ ھەم رېمونت كاپالەت مۇددىتىدە ئۆي-ئىمارەتنىڭ ئۆگزىسى، تېمىدىن سۇ ئۆتۈپ كېتىش، دەز كېتىشتەك سۈپەت جەھەتتىكى نۇقسان تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەپ بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

76-ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇش، ساپا دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش ۋە ساپانامىسىنى بىكار قىلىش مەمۇرىي جازالىرىنى گۇۋاھنامە تارقاتقان ئورگان قارار قىلىدۇ؛ باشقا مەمۇرىي جازانى قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار تارماقلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسى بويىچە قارار قىلىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ساپانامىسى بىكار قىلىنغانلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

77-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇناسىپ ساپا دەرىجە شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئورۇنغا شۇ دەرىجىدىكى ساپانامە بەرگەنلەرنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ساپانامىسىنى يىغىۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

78-ماددا ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھۆددە بەرگۈچى ئورۇننى چاقىرىپ ھۆددە بېرىلىدىغان قۇرۇلۇشنى ئۆزى كۆرسەتكەن ھۆددە ئالغۇچى ئورۇنغا بېرىسەن دەپ چەكلەپ قويغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

79-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئىجازەتنامىسى بېرىشكە مەسئۇل تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن قۇرۇلۇش قىلىش شەرتىگە توشمايدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسى بەرگەنلىرىنى، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە ياكى پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا مەسئۇل تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن ئۆلچەمگە توشمىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا سۈپىتى ئۆلچەمگە توشقانلىق ھۆججىتى بەرگەن ياكى ئۇنى ئۆلچەمگە توشقان دەپ ئۆتكۈزۈۋالغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، جاۋابكارلارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ زىيان كۆرۈلگەن بولسا، شۇ تارماق مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

80-ماددا ئۆي-ئىمارەتنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىلىش مۇددىتى ئىچىدە، قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە توشمىغانلىقى تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىغانلار جاۋابكارلاردىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

81-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتى، بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ ساپاسىنى تەكشۈرۈش ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ھۆددە بېرىش، ھۆددە ئېلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر، قايتا ھۆددە بېرىشنى مەنئى قىلىش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا نازارەتچىلىك قىلىش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سۈپىتىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر باشقا كەسپىي بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىدىكى بىناكارلىق ئىشلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

82-ماددا قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىناكارلىق ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش داۋامىدا، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ھەق ئالغاندىن تاشقىرى، باشقا ھەق ئالسا بولمايدۇ.

83-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىگەن كىچىك ئۆي–ئىمارەت قۇرۇلۇشىدىكى بىناكارلىق ئىشلىرىدا مۇشۇ قانۇندىن پايدىلىنىلىدۇ.

قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى دەپ قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن خاتىرە ئىمارەتلەر ۋە قەدىمىي ئىمارەتلەرنى رېمونت قىلىشتا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا دائىر قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىدۇ.

خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ۋە باشقا ئىشقا ۋاقىتلىق ئىشلىتىلىدىغان ئۆيلەرنى سېلىش، دېھقانلار ئۆزى پەس قەۋەتلىك ئۆي سېلىشقا بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.

84-ماددا ھەربىي ئۆي-ئىمارەت قۇرۇلۇشىدىكى بىناكارلىق ئىشلىرىنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىدۇ.

85-ماددا بۇ قانۇن 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#