ۋېن جاڭ

ۋېن جاڭ

ۋېن جاڭ 1984-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە تۇغۇلغان، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئەر ئارتىسى، رېژىسسور. 2006-يىلى مەركىزى تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋېن جاڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرى
يۇلتۇز تۈركۈمى سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمى
قان تىپى O تىپلىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 文章
مىللىتى مانجۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1984-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 172 سانتىمېتىر
كەسپى ئارتىس، رېژىسسور

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋېن جاڭۋېن جاڭ 1984-يىلى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە تۇغۇلغان. تۇلۇق ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇغان ۋاقىتلىرىدا، ۋېن جاڭ سىچۇەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت ئىنستىتۇتىغا بېرىپ ئوقۇغان، لېكىن ئۇ بۇ مەكتەپكە كىرىپلا بېيجىڭدا ئوقۇشقا ئىرادە باغلىغان. ئالىي مەكتەپ ئارزۇ تولدۇرۇشتىن بۇرۇن ۋېن جاڭ مەخسۇس بېيجىڭغا بېرىپ جۇڭگونىڭ ئىككى چوڭ سەنئەت مەكتىپى − بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتى ۋە مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلغان. شىئەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىغا تىزىملاتقۇزغان. 2002-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىغا قۇبۇل قىلىنغان.

ۋېن جاڭ2003-يىلى جۇڭگونىڭ جىنايەتچى ئۆسمۈر تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قۇتقۇزۇش»تا رول ئېلىشقا تۇنجى قاتناشقان.

2004-يىلى يېجىڭ رېژىسسورلۇق قىلغان، ۋاڭ سۇنىڭ ھېكايىسىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ياشلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۈنلەر»دە رول ئالغان. 

2005-يىلى تۇنجى قەدەىمىي كىيىملىك فىلىم «كىمخاب تون»دا رول ئالغان، بۇ تىياتىرغا جاڭ لى رېژىسسورلۇق قىلغان. 

2006-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، تۇڭ داۋېي، ما يىلى بىلەن بىللە ھەمكەرلىشىپ بارگاڭ رېژىسسورلۇق قىلغان «كۆرەش قىلىش» فىلىمىدە رول ئالغان. 11-ئايدا بېرىپ شېنجېندا لۇڭگاڭ سۈرەتكە ئالغان ھارام پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنى تېما قىلغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يوشۇرۇن ئېقىن»دا رول ئالغان. 

2007-يىلى تۇنجى كىنو «چۆچۈرىنى خام سانىما»دا باش رول ئالغان، بۇ 21-نۆۋەتلىك توكيو خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا «ئاسىيا شامىلى» بۆلۈمى ۋە 12-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى يېڭى تېمىلارنى كۆرسىتىش تاللاش توپىغا كىرگەن.

2008-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «كىچىك ھۇجرا» دېگەن فىلىمدە مۇلايىم، تىرىشچان، ئەمما ئەقلىي 80-يىللاردىكى شەھەر ياش كىچىك بالىنىڭ رولىنى ئالغان. 

2009-يىلى ئەدەبىيات-سەنئەت فىلىمى «دېڭىز-ئوكياندىكى جەننەت»تە رول ئالغان، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمار ۋاڭ دافۇنىڭ رولىنى ئالغان؛ شۇ يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېما قىلىنغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يىلپىز» ناملىق كىنودا جۇجىيې بىلەن بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ رولىنى ئالغان؛ ئالتىنچى ئايدا، «چۆچۈرىنى خام سانىما» 12-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ كىنو قانىلى، ئاخبارات مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى ئاخبارات ۋاستىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان يېڭى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2010-يىلى 6-ئايدا،سۈرەتكە ئېلىنغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يىلپىز» يەرلىك رادىئو ئىستانسىسى كۆرۈش چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن، كېيىن باشقا جايلار ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىش بەرگەن؛ 

ۋېن جاڭ2005-يىلى ۋېن جاڭ بىلەن ما يىلى تۇنجى قېتىم ھەمكارلاشقان «كىمخاب تون»دا رول ئېلىش جەريانىدا تونۇشۇپ دوست بولۇشقان.

2006-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «كۈرەش قىلىش» فىلىمىدە ما يىلى بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىش جەريانىدا بىرلىكتە رول ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق ئىككىسى باش رول ئوينىغان، خىزمەتتىكى پات–پات ئۇچرىشىپ تۇرۇش بۇ ئىككىسىنى ئاشىق-مەشۇقلارغا ئايلاندۇرغان.

2008-يىلى ۋېن جاڭ بىلەن مايىلى توي قىلغان. 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋېن جاڭ بىلەن ما يىلىنىڭ قىزى ۋېن جۈجۇ تۇغۇلغان.

ۋېن جاڭ«ئەۋلىيالار ھەققىدە رىۋايەت» 

«سۇ پەرىسى» 

«بىر قەدەمدىن يېقىنلىشىش»  

«مەن يولدا سىزنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن»

«ماشىنا ئىزىدىن قوغلاش» 

«ئوفسايت قىلغۇچى» 

«قان تامچىسى ئوغلى» 

«ئۈچ توي قىلمىغان ئانا» 

«خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش» 

«شاكىچىك»  

«كىچىك دادا» 

«قىزىل ئەتىرگۈل ئايال ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن قىسىم» 

«قارا تۈلكە» 

«خۇمارىدىن چىقىش» 

«يالاڭ توي دەۋرى»  

«مۇزدا ئۇخلاپ قالغان سۇ» 

ۋېن جاڭ2013-يىلى 8-نۆۋەتلىك سېپىدىكى تىزىملىك يىللىق ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى 4-نۆۋەتلىك مۇزىكا مۇراسىمى يىللىق چوڭ قۇرۇقلۇق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى 12-نۆۋەتلىك سىچۈەن تېلېۋىزىيە بايرىمى ئالتۇن مۈشۈكېيىق تۈرىدىكى ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2012-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى نۆۋەتلىك ئاممىۋى فىلىم بەيخۇا مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى 19-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى 18-نۆۋەتلىك شاڭخەي تېلېۋىزىيە بايرىمى-ئاق گۈللۈك ماگنولىيە مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى 26-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى مۇزىكا كىنو-تېلېۋىزىيە مۇراسىمى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى كىنو-تېلىۋىزىيەدىكى ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى 19-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىللىق 6-نۆۋەتلىك يۇلتۇز تېڭشۈن تورى قامۇسى ئەر كىنو ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2012-يىلى مۇھەببەت سەنئىتى «دۇنيانى ئۆزگەرتىش، جۇڭگوغا تەسىر كۆرسىتىش» يىللىق تويى مۇراسىمىدا ئەڭ ياخشى ئەر كىنو ئارتىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو رېژىسسورى جەمئىيىتى يىللىق ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت ئەڭ كۆپ سەنئەت كۆرىكى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى ئوقۇرمەنلەر كىنو فېستىۋالى ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2011-يىلى يوۋكۇ كىنو-تېلېۋىزىيە كۆرسەتكۈچى ئېچىش مۇراسىمى يوۋكۇ كۆرسەتكۈچى (تېلېۋىزىيە تىياتىرى)دا ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2011-يىلى 14-نۆۋەتلىك جۇڭگو خۇابياۋ كىنو مۇكاپاتىدا ئىلغار يىڭى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2011-يىلى 13-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئاكتيورلۇق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن سۇمرۇغ مۇكاپاتى ئىلمىي جەمئىيىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2011-يىلى 18-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#