قىرغىزىستان

قىرغىزىستان

قىرغىزىستان جۇمھۇريىتى Kyrgyz Republic پايتەختى بىشكەك شەھىرى بۇلۇپ، قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق مەملىكىتى ھىساپلىنىدۇ.  

ئۇيغۇرچە نامى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى قىرغىزىستان
پايتەختى بىشكەك
دۆلەت تىلى قىرغىز تىلى
يەر مەيدانى 198 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر،
خەنزۇچە نامى 吉尔吉斯共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئوتتۇرا ئاسىيا
دۆلەت شېئىرى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت شېئىرى
نوپۇسى 5935400 (2015-يىلى)
چەتئەلچە نامى The Kyrgyz Republic/Kyrgyzstan

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىرغىزىستانقىرغىزىستان جۇمھۇريىتى Kyrgyz Republic پايتەختى بىشكەك شەھىرى، شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 797 مىڭ 7 يۇز. يەر مەيدانى 198 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر، دۆلەت نوپۇسى: 5 مىلىيون 935 مىڭ 500 (2015-يىل). ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق مەملىكىتى ھىساپلىنىدۇ. 90% زىمىنى دېڭىز يۈزىدىن 1500 مېتر ئىگىز. شەرقى قىسمىدىكى كۆركەم تاغلار ئارىسىغا جايلاشقان "ئىسسىق كۆل" نىڭ سۇ يۇزى دېڭىز يۈزىدىن 1600 مېتر ئېگىز، كۆلنىڭ ئىگەللىگەن مەيدانى 6320 كۋادرات كم دىن ئارتۇق بولۇپ، دۇنيادىكى ئىگىز تاغ كۆللىرى ئىچىدە چوڭقۇرلىقى 1-ئورۇندا، سۇ مىقدارى 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. كۆل سۈيى زۇمرەتتەك سۇپ-سۇزۇك، يىل بويى مۇز توڭلىمايدۇ، (كۆل نامى ئانا تىلىمىزدىكى "ئىسسىق كۆل") "ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەرۋايىت" دىگەن نامى بار. [2][1]

قىرغىزىستانقىرغىزستان زىمىنى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى تۈركى تىللىق قەۋملەرنىڭ زىمىنى بولۇپ، مىلادى 3-ئەسىردىلا ھۇنلارغا دائىر يازما خاتىرىلەردە ئۇچرايدۇ. مىلادى 6-7-ئەسىرلەردە قىرغىزىستان زىمىنى كۆك تۈرك ئىمپىرىيىسىگە ، ئۇنىڭدىن كېيى قارا خانىلار سۇلالىسىگە تەۋە بولغان. كېيىن موڭغۇللار ئىشغال قىلىپ، تۈركلەشكەن موڭغۇل خانلىقىنىڭ قولىدا بولغان.

17-ئەسىردىن كېيىن تاكى رۇس ئىشغالىغا قەدەر قوقان خانلىقىغا تەۋە بولغان. قىرغىز خەلقىنىڭ ئەسلى مىلادى 6-ئەسىردە يېنسەي دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدا قۇرۇلغان قىرغىز خانلىقىغا چېتىلىدۇ. 15-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا جۇڭغارلار قىرغىز مىللىتىنى پۈتۈن قەۋم بويىچە سۈرگۈن قىلىپ تەڭرىتېغىغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن بۈگۈنكى قىرغىز مىللىتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن. (يەنەسەي -- قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋە قىرغىزچە "ئەنەساي" يەنى "ئانا ساي" دىگەنلىكتۇر - نازىمى) . 1876-يىلى چار روسىيە تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىندى. 1917-يىللى قىرغىزستاندا سوۋېت ھاكىمىيىتى تىكلەندى، 1936 -يىلى قىرغىزستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇريىتى قۇرۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىۋىگە كىردى. 1991-يىل 31-ئاۋغۇست مۇستەققىللىك جاكارلاپ، دولەت نامى قىرغىزستان جۇمھۇريىتى دەپ ئوزگەرتىلدى.

1993-يىل ماي ئېيىدا دۆلەت نامى يەنە قىرغىز جۇمھۇريىتى دەپ ئوزگەرتىلدى. قىرغىزىستان سابىق سوۋېت ئىتىپاقى دەۋرىدىمۇ بىر قەدەر نامرات جۇمھۇرىيەت ئىدى. يەككە ئىگىلىك دەۋرىدە قىرغىزىستاننىڭ ئىگىز تاغلىق ئورنىغا مۇۋاپىق ھالدا سۇ ئېلىكتىر ئېنېرگىيىسى ۋە رەڭلىك مىتال سانائىتى تەرەققى قىلدۇرۇلغان. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن قىرغىزىستان گەرچە زور ئىقتىسادى مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغان بولسىمۇ خەلق ھوقۇقى تولۇق ئىشقا ئېشىپ ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دېموكراتىيە ئارىلى›› دەپ نام ئالغان ۋە كۆپلەپ تاشقى مەبلەغ جەلپ قىلالىغان.

قىرغىزىستان قىرغىزستاندا 80 نەچچە مىللەت باربۇلۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار %65، ئۆزبەكلەر %14، رۇسلار %12.5، تۇڭگانلار %1.1، ئۇكرائىنلار 1%، ئۇيغۇر 1% ئۇندىن باشقا كەرىس (چاۋشەن مىللىتى)، نېمىس، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئاھالىنىڭ %80 تى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ. دۆلەت تىلى -- قىرغىز تىلى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇس تىلىغىمۇ ھۆكۇمەت ئىشلىرىدا رەسمى قوللىنىدىغان تىل قاتارىدىن ئورۇن بېرىلگەن. 

مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە. يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 200-800مىللىمېتىر، ئېگىز تاغلىقتىكى مىقدارى 1000 مىللىلېتىردىن يۇقىرى بولىدۇ.

قىرغىزىستان2008-يىلى قىرغىزىستاننىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 5 مىليارت 255مىلىيۇن دوللار بولغان بولۇپ كىشى بېشىغا 2200 دوللار توغرا كېلىدۇ. قىرغىزىستاننىڭ پۇل بىرلىكى سوم، 2002-يىلى 46.93 سوم بىر دوللارغا، 2004-يىلى 42.65 سوم بىر دوللارغا، 2006-يىلى 40.15 سوم، 2008-يىلى 36.15 سوم بىر دوللارغا تەڭ بولغان. 2008-يىلى قىرغىزىستاننىڭ مۇقىم تېلفون ئىشلەتكۈچىسى 482 مىڭ، يانپون ئىشلەتكۈچىسى2مىلىيۇن 152مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى 750مىڭ بولغان.

قىرغىزىستانقىرغىزستاندىكى ۋە دۆلىتىمىزدىكى قىرغىزلار بىر مىللەت بولۇپ ئۇلارنىڭ خەنزۇچە نامى (吉尔吉斯 ۋە 柯尔克孜) دەپ ئىككى خىل ئاتىلىپ كېلۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قىرغىزستان قىرغىزلىرىنىڭ مىللەت نامى خەنزۇ تىلىغا رۇس تىلىدىكى ئېيتىلىشى "Киргиз" (كىرگىز) دىن ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىلىنغان بولۇپ، رۇسچە-خەنزۇچە تاۋۇش-بوغۇم سېلىشتۇرمىسى بويىچە، رۇس تىلىدىكى "كى" ۋە "گى" بوغۇملىرى خەنزۇ تىلىغا ئوخشاشلا 吉 دەپ ئاھاڭ تەرجىمە قىلىنىغانلىقىدىن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/2673.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#