قالقانگۈل

قالقانگۈل-كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.

ئۇيغۇرچە نامى قالقانگۈل
تارقالغان رايونلار روسىيە فىدىراتىسىيسى، موڭغۇلىيە، چاۋشيەن، ياپۇنىيە
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى نەيچىسىمان گۈل تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى قالقانگۈل ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 黄芩
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى
تۈرى قالقانگۈل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، يىلتىز غولى قېلىن، دىئامېتىرى 2 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، شاخلىرى ئۇزۇن. غولنىڭ ئاساسىي قىسمىنىڭ ئېگىزلىكى 30 ~ 120 سانتىمىتىر، تۈۋى قىسمىنىڭ دىئامېتىرى 2.5 ~ 3 مىللىمېتىر كېلىدۇ، دىقماق تۆت قىرلىق بولۇپ، ئىنىچكە سىزىقلار بار، مىكرو تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، يېشىل ياكى سۆسۈن رەڭگە كىرگەندە ئۆزى تۈۋى قىسمىدىن شاخلىنىدۇ. گۈل رېتى غول، شاخ ئۇچىدا ئۆسكەن، ئۇزۇنلۇقى 7 ~ 15 سانتىمېتىر، گۈل سېپىنىڭ ئۇزۇنلىغى 3 مىللىمېتىر كېلىدۇ، گۈل رېتىنىڭ ھەممىسىنى ئۇششاق تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ؛ يوپۇرماق ئورىغۇچى ياپرىقى ئاستىنىقى ۋە ئۈستۈنكى قىسمىدىن يىراق بولىدۇ، تۇخۇمسىمان يۇمىلاق شەكىللىك، تۆمۈنسىمان بولۇپ دۈگلەكتىن تىمىنسىمان شەكىلگىچە بۇلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 4 ~ 11 مىللىمىتىر، گۈل ئېچىلغان ۋاقىتتا ئۇزۇنلۇقى تۆت مىللىمېتىر، قالقانسىمان پلاستىنكا ئېگىزلىكى 1.5 مىللىمېتىر، سىرتقى قىسمىنى زىچ ئۇششاق تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، يۇمشاق تۈكلۈك گۈل كاسىسىنىڭ گىرۋىكى شالاڭ، ئىچكى يۈزى تۈكسىز، گۈل تاجىسى سۆسۈن، ئۇزۇنلىغى 2 ~ 3 سانتىمېتىر، سىرتىدا زىچ بەزسىمان قىسقا يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ، ئىچكى يۈزى خالتىسىمان بولىدۇ. ئوتتۇرا قىسمى دىئامېترى 1.5 مىللىمېتىر، گۈل تاجىسى قوش كالپۇكسىمان، ئۈستۈنكى كالپۇك قالپاقسىمان، ئالدى ئۇچى سەل كەمتۈك، ئاستىنقى كالپۇك ئوتتۇرا يېرىقچىسى ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك تۇخۇمسىمان يۇمىلاق شەكىللىك، ئاتىلىق 4، گۈل يىپى كۆپىنچە ياپلاق.

يىلتىزىنىڭ ئۆسۈشى

قالقانگۈلنىڭ ئوق يىلتىزى ئۈچ يىل جەريانىدا نورمال ئۆسىدۇ. ئوق يىلتىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، يىرىكلىك دەرىجىسى، ھۆل ئېغىرلىقى ۋە قۇرۇق ئېغىرلىقى ئوخشاشلا يىلدىن-يىلغا كۆپىيىدۇ، ئوق يىلتىزىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى قالقانگۈلنىڭ گلىكوزىد مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى. 4 يىلدىن كېيىن ئۆسۈش سۈرئىتى ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ، پورى قۇرۇپ بىر قىسىم ئوق يىلتىزى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، يىلدىن-يىلغا قالقانگۈلنىڭ بارلىق ئوق يىلتىزى ۋە تومراق بولغان يان يىلتىزلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن قالقانگۈل گلىكوزىد تەركىبى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.

يۇپۇرماقنىڭ ئۆسۈشى

بىخ چىقارغاندىن كېيىن، ئاساسىي غولى تەدرىجىي چوڭىيىدۇ، يوپۇرماق سانى بارغانسېرى ئاشىدۇ، كېيىن شاخ شەككىلىنىدۇ ھەم پورەكلەپ گۈل ئېچىلدۇ، دان تۇتىدۇ. 6 ~ 5-ئايلار غولى ۋە يوپۇرمىقىنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى، قالقانگۈل بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئاساسىي غولىدا تەخمىنەن 30 جۈپ يوپۇرماق ئۆسۈپ چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىدىكى بەش جۈپ يوپۇرمىقى ھەر 4 ~ 6 كۈن ئىچىدە ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى يۇپۇرمىقى ھەر 2 ~ 3 كۈن ئىچىدە ئۆسۈپ چىقىدۇ. 

چېچەكلەپ مېۋە بېرىشى

 قالقانگۈل بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئادەتتە مايسا ئۈنۈپ 2-ئايدىن كېيىن پورەكلەيدۇ، ئىككى يىللىق بولغان قالقانگۈلنىڭ كۆكىرىپ مايسسى ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن 70 ~ 80 كۈن قالغاندىن باشلاپ پورەكلەيدۇ، غۇنچىلغاندىن كېيىن 10 كۈن ئەتراپىدا چېچەكلەپ، 40 كۈن ئەتراپىدا ئارقىدىن  مېۋە پىشىشقا باشلايدۇ.

ئۆسۈش مۇھىتى

قالقانگۈل تاغ چوققىسى، ئورمان ياقىسى، يول بويى قاتارلىق كۈنگەي، بىر قەدەر قۇرغاق جايدا ئۆسىدۇ. يىتىلگەن تۈپلىرىنىڭ يەر ئاستى قىسمىنىڭ تېمپىراتۇرسى 35 سېلسىيە گىرادۇس بولغاندا قىشتىن بىخەتەر ئۆتىدۇ، 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قۇرۇپ كېتىدۇ.

قالقانگۈل ئاساسلىقى شەندۇڭ، شەنشى، سەنشى، يۈنچېڭ شەھىرى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئاساسلىق لۇڭشى، ۋېييۇەن، جاڭشيەن ناھىيەسى، مىنشيەن ناھىيەسى قاتارلىق رايونلار ھەم جۇڭگو، روسىيە فىدىراتىسىيسى، موڭغۇلىيە، چاۋشيەن، ياپۇنىيە قاتارلىق رايونلارغىمۇ تارقالغان.

 مايسا تاقلاش؛ 

ئوت ئوتاش؛ 

ئوغۇتلاپ سۇغىرىش؛ 

غۇنچىسىنى ئۈزۈۋېتىش؛

كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش؛ 

باكتىرىيەگە قارشى تۇرالايدۇ؛
زەمبۇرۇغقا قارشى تۇرالايدۇ؛
ۋىرۇسقا قارشى تۇرالايدۇ؛
ياللۇغقا قارشى تۇرالايدۇ؛
مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ؛
يۈرەك قان تومۇرغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ؛
قان پلاستىنكىلىرىنىڭ توپلىنىشىغا ۋە قاننىڭ ئۇيۇشىغا قارشى تۇرالايدۇ؛
قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش رولى بار؛
جىگەرنى، ئۆت سۇيۇقلىغىنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ؛ 
راكقا قارشى تۇرالايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#