قىزىلمۇچ دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. قىزىلمۇچ (ئۆسۈملۈك)
  2. قىزىلمۇچ (خام دورا )
ئۆسۈملۈك

قىزىلمۇچ

قىزىلمۇچ

قىزىلمۇچنىڭ ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدۇر. ئۇ پىدىگەن ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، جەنۇبتىكى تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا بولسا كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى قىزىلمۇچ
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى پىدىگەن ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 辣椒
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى پىدىگەن تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى قىزىلمۇچ ئۇرۇقدېشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىلمۇچقىزىلمۇچ (لازا) نىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى كۆكتاتلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نىڭدونىڭ رەڭگى ئوچۇق، تەملىك ھەم پۇراقلىق، ئاچچىقلىق دەرىجىسى ئوتتۇراھال بولغان داڭلىق ئۇچلۇق (مۈڭگۈزسىمان) قىزىلمۇچنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ قۇرۇقىنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى %54.10 كە، ماي مىقدارى %2.8 كە يېتىدۇ؛ ئۇرۇقى تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى %83.16 كە، ماي مىقدارى %15.21 كە يېتىدۇ. ھەر 100 گرام قۇرۇق قىزىلمۇچ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى 172 مىللىگرامغا يېتىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە لىزىن (بىر خىل ئاممىنو كىسلاتاسى) نىڭ مىقدارىمۇ بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى ئوزۇقلۇقى مول ئاچچىق كۆكتات دېيىشىدۇ. 

قىزىلمۇچقىزىلمۇچنىڭ ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدۇر. ئۇ پىدىگەن ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، جەنۇبتىكى تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا بولسا كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. قىزىلمۇچنىڭ مېۋە شەكلى خىلمۇخىل بولۇپ، ئۇزۇن مۈڭگۈزسىمان، ئېللىپسسىمان، يىسا يۇمىلاق، ئۇرچۇقسىمان قاتارلىق شەكىللەردە بولىدۇ. مېۋە رەڭگى قىزىل، يېشىل، سېرىق، سۆسۈن قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. مېۋىسى ئادەتتە يۇقىرىغا قاراپ ئۆسىدىغانلىرىمۇ ياكى تۆۋەنگە قاراپ ئۆسىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. ئاچچىقلىق دەرىجىسىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشاش بولمايدۇ. 

دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاچچىق قىزىلمۇچ جۇڭگونىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى جىڭپو مىللىتى ياشايدىغان رايونلاردىن چىقىدىغان «شۈەن لاجياۋ» قىزىلمۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاچچىقلىق دەرىجىسى يۇقىرىغا قاراپ ئۆسىدىغان قىزىلمۇچنىڭ ئاچچىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئۇنى پەقەت شورپىغا بىرنەچچە قېتىم چىلاپ چايقاپ قويسىلا شورپا ئاچچىق تەمگە كىرىدىغان بولغاچقا، بىر تال «شۇەن لاجياۋ» قىزىلمۇچىنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. 

قىزىلمۇچقىزىلمۇچنىڭ ئاچچىق تەمى «كاپسائىتسىن» دىن كېلىدۇ. قىزىلمۇچ كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەم تەڭشىگۈچى كۆكتات بولۇپلا قالماي، يەنە ئاشقازاننى ياخشىلاش، يەلنى ھەيدەش، قاننى راۋانلاشتۇرۇش، سوغۇق ھەيدەش، پەرىشانلىقنى تۈگىتىش، توختاپ قالغان خىلىتلارنى ماڭغۇزۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە. قىزىلمۇچنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، تەم سەزگۈلىرىنى غىدىقلاپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لېكىن، ئاشقازان كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى، كۆز كېسەللىكى بار بىمارلار ھەرگىز قىزىلمۇچ يېمەسلىكى لازىم؛ جىگەر ياللۇغى، بۆرەك ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، يۇتقۇنچاق-كېكىرتەك ياللۇغى، چىقان قاتارلىق كېسەللىكلىرى بار بىمارلار بولسا ئىمكانقەدەر قىزىلمۇچنى ئازراق ئىستېمال قىلغىنى ياخشى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#