توغاچ شاپتۇل
توغاچ شاپتۇل ئازغان ئائىلىسىدىكى، شاپتۇل ئۇرۇقدىشى، يوپۇرماق تاشلايدىغان كىچىك دەرەخ بۇلۇپ، ئىلى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ رايۇنلىرىغا كۆپىرەك تارقالغان .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مېۋە شەكلى
مېۋە شەكلى يۇمىلاق، يەككە مېۋە ئېغىرلىقى 32 گرام، رەڭگى سۇس سېرىق، سىلىق، تۈكچىلىرى يوق، يارما سىزىقچىسى تېيىز، مېۋە تۇمشۇقى يۇمىلاق، مېۋە ئىتى گۆشلۈك بولىدۇ ، رەڭگىمۇ قىزغۇچ سېرىق ۋە قىزىل رەڭلىك ، دىئامېتىرى 7.5 سانتىمىتىر ، ئىچىدە ئاق رەڭلىك ئۇرۇقلىرى بولىدۇ . مېۋە ساپىقى قىسقا، ساپاق تەرەپ ئويمىنى تېيىز، كەڭرەك، ئېتى چۈرۈك، ئاق سېرىق، يۇمشاق، شىرنىسى كۆپ، تەمى تاتلىق، سۈپىتى ئوتتۇرا ھال، ئېتى ئۈچكىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
توغاچ شاپتۇل بولسا ئادەتتىكى شاپتۇل قاتارلىق تۈرلىرى بۇلۇپ، ئاساسلىق بېيجىڭ، شەندۇڭ ، خېبېي، خۇبېي قاتارلىق شىمالدىكى رايونلارنى ھەم شىنجاڭنىڭ ئىلى ، قەشقەر ، خوتەن ، ئاقسۇ رايۇنلىرنى ئاساس قىلغان. شۇ جايدىكىلەر «توغاچ» دەپ ئاتىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۆسۈش تۇپرىقى، كېلىماتىغا ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ئادەتتىكى شاپتۇل بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ . دەرەخنىڭ شاخلىنىشى كۈچلۈك . ئىلى رايۇنىدا 7 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى پىشىدۇ .
ئېلىمىزنىڭ بېيجىڭ، شەندۇڭ، خېبېي، خۇبېي ۋە شىنجاڭنىڭ ئىلى ، قەشقەر ، خوتەن ، ئاقسۇ رايۇنلىرىغا كۆپىرەك تارقالغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ياردەم قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.