ياۋا تۆگە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياۋا تۆگە قارىماققا ئۆي تۆگىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ياۋا تۆگە پۈتۈنلەي بىرلا خىل رەڭدە بولىدۇ. ياۋا تۆگىنىڭ پۈتۈن تېنىنى تۈك–تىۋىتلەر قاپلاپ تۇرغان بولىدۇ، لېكىن تۈكلىرى ئۆي تۆگىسىنىڭ تۈكلىرىدىن قىسقا بولىدۇ. ياۋا تۆگىنىڭ تېنى يوغان بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 مېتىر ئەتراپىدا، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى 1.8–2.2 مېتىر كېلىدۇ. قۇلىقى قىسقىراق بولۇپ، 10 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.
قۇيرۇقى بەدىنىگە نىسبەتەن قىسقا بولۇپ 90 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. بوينى ئەگرى، ئۈستۈنكى كالپۇكى يېرىلغان بولۇپ، توشقاننىڭ كالپۇكىغا ئوخشايدۇ، پۇتلىرى ئۇزۇن ھەم ئىنچىكە بولىدۇ. ئۆي تۆگىلىرىنىڭ پۇتى توم ھەم قىسقىراق بولىدۇ.
دۈمبىسىدە ئىككى ھۈررىكى بولۇپ، ئۆركىشى ياكى لوككىسى دەپ ئاتىلىدۇ. لوككىسى كىچىكرەك، لوككا ئارىلىقى تارراق بولىدۇ. ئۆي تۆگىلىرىنىڭ لوككىسى يوغان بولۇپ، لوككا ئارىلىقى كەڭرەك بولىدۇ. سىرتىدىن قارىغاندا، ياۋا تۆگىنىڭ لوككىسى پاكار، ئۆي تۆگىسىنىڭ لوككىسى ئېگىز كۆرۈنىدۇ . ئادەتتە سېمىز تۆگىلەرنىڭ لوككىسى تىك بولىدۇ، ئورۇق تۆگىلەرنىڭ لوككىسى ياتقان (سالپايغان) ھالەتتە بولىدۇ. ياۋا تۆگىنىڭ ئالدى ئىككى پۇتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ياپىلاق قاداق تەنچىسى بولمايدۇ. تاپىنى كىچىكرەك (تارراق) ھەم يۇمشاق بولىدۇ. بۇرۇن تۆشۈكى ئىچىدە ئېچىلىپ يېپىلىدىغان پەردىسى بولۇپ، بۇرنىغا قۇم – توزانلارنىڭ كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ياۋا تۆگەياۋا تۆگە چۆل، يېرىم چۆل ۋە قۇملۇق چايلاردا ياشايدۇ. ئۇ ياشىغان رايونلارنىڭ كىلىماتى چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى بولۇپ، يازدا ئىسسىق، قىشتا سوغۇق، ھۆل–يېغىن مىقدارى ناھايىتى ئاز ۋە ناھايىتى قۇرغاق بولىدۇ.
ياۋا تۆگە ئاساسەن دېڭىز يۈزىدىن 1000–2800 مېتىرئېگىزلىكتىكى چۆل ئېدىرلىقلاردا ۋە قۇملۇقلاردا ياشايدۇ. بۇنداق رايونلاردا ئاساسەن قۇرغاقچىلىققاقارشى تۇرۇش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ. ياۋا تۆگە مانا مۇشۇنداق قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈچى كۇچلۈك بولغان يۇلغۇن، چاكاندا، يانتاق، چىخ، ئاقتىكەن، قامغاق، قومۇش، ياۋا پىياز ۋە توغراق نوتىلىرى قاتارلىقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. ياۋا تۆگە ناھايىتى چىداملىق ھايۋان، بولۇپمۇ ئۇسسۇزلۇققا، ئاچلىققا، سوغۇققا، قۇم–بورانغا ئالاھىدە چىداملىق بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.