نېيترون يۇلتۇز

نېيترون يۇلتۇز

نېيترون يۇلتۇز ئەسلىدە ماسسىسى قۇياشنىڭ ماسسىسىدىن چوڭ بولغان بىر تۇرغۇن يۇلتۇزدىن ئىبارەت. نېيترون يۇلتۇزدا، ھەر كۇب سانتىمېتىر ماددىنىڭ ئېغىرلىقى بىر مىليارد توننىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇز قورۇلۇپ نېيترون يۇلتۇزنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشى تېزلىشىپ كېتىدۇ، ھەر سېكۇنتتا نەچچە قېتىم، ھەتتا نەچچە ئون قېتىم ئايلىنىش سۈرئىتىگە يېتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى نېيترون يۇلتۇز
چەتئەلچە نامى neutron star
رادىئۇسى 10-30 كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 中子星
كۆلىمى تەخمىنەن 300 كۋادرات كىلومېتىر
ئىچكى ھارارىتى 6 مىليارد سېلسىيە گرادۇس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نېيترون يۇلتۇزنېيترون يۇلتۇز ئەسلىدە ماسسىسى قۇياشنىڭ ماسسىسىدىن چوڭ بولغان بىر تۇرغۇن يۇلتۇزدىن ئىبارەت. نېيترون يۇلتۇز تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھالىتى ئەمەس، ئۇ تېخى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەدرىجىي ئۆزگىرىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى، ئېنېرگىيە خورىتىشىمۇ ناھايىتى تېز بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆمرىمۇ ئاران نەچچە 100 مىليون يىل داۋاملىشىدۇ. ئېنېرگىيىسى خوراپ تۈگىگەندىن كېيىن، نېيترون يۇلتۇز نۇر تارقاتمايدىغان قارا پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

نېيترون يۇلتۇزنېيترون يۇلتۇز ئەسلىدە ماسسىسى قۇياشنىڭ ماسسىسىدىن چوڭ بولغان بىر تۇرغۇن يۇلتۇزدىن ئىبارەت. ئۇ پارتلاپ گۈمۈرۈلۈپ قورۇلۇش جەريانىدا پەيدا بولىدىغان زور تارتىشىشكۈچى ئۇنىڭ ماددىي قۇرۇلمىسىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئاتومنىڭ سىرتقى پوستى بېسىلىپ بۇزۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاتوم يادروسىمۇ بېسىلىپ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ئاتوم يادروسىدىكى پروتون بىلەن نېيترون قىستاپ چىقىرىلىپ، پروتون بىلەن ئېلېكترون بىر يەرگە كېلىپ يەنە بىرىكىپ نېيتروننى ھاسىل قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىردا، بارلىق نېيترونلار قىستىلىپ بىر يەرگە كېلىپ نېيترون يۇلتۇزنى ھاسىل قىلىدۇ. 

نېيترون يۇلتۇزدا، ھەر كۇب سانتىمېتىر ماددىنىڭ ئېغىرلىقى بىر مىليارد توننىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇز قورۇلۇپ نېيترون يۇلتۇزنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشى تېزلىشىپ كېتىدۇ، ھەر سېكۇنتتا نەچچە قېتىم، ھەتتا نەچچە ئون قېتىم ئايلىنىش سۈرئىتىگە يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قورۇلۇش ئارقىلىق نېيترون يۇلتۇز ناھايىتى كۈچلۈك بىر «ماگنىت تۆمۈر» گە ئايلىنىدۇ، بۇ «ماگنىت تۆمۈر» ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىدىن سىرتقا ئېلېكتر دولقۇنى تارقىتىدۇ. ئۇ تېز سۈرئەت بىلەن ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلانغاندا، خۇددى بىر مۇناردىكى ماياكقا ئوخشاش تەرتىپلىك ھالدا يەر شارىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېلېكتر دولقۇنىنى چېچىپ تۇرىدۇ. ئېلېكتر دولقۇنىنى تارقىتىدىغان شۇ قىسمى يەر شارىغا يۈزلەنگەندە، بىز ئېلېكتر دولقۇنىنى قوبۇل قىلالايمىز؛ شۇ بىر قىسمى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ ئېغىپ كەتكەندە، بىز ئېلېكتر دولقۇنىنى قوبۇل قىلالمايمىز. شۇڭا، بىز ئارىلاپ - ئارىلاپ ئېلېكتر دولقۇنىنى قوبۇل قىلىمىز. بۇ خىل ھادىسە يەنە «ماياك ئېففېكتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نېيترون يۇلتۇزنىڭ ئېنېرگىيىلىك رادىئاتسىيىسى قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ 1 مىليون ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئەگەردە بىر سېكۇنت ئىچىدە تارقاتقان ئومۇمىي ئېنېرگىيىنىڭ ھەممىسى ئېلېكتر ئېنېرگىيىگە ئايلانسا، بىزنىڭ يەر شارىدا نەچچە مىليارد يىل ئىشلىتىشىمىزگە بىمالال يەتكەن بولاتتى.

1967-يىلى ئاۋغۇستتا، ئاسترونوملار بىر خىل غەلىتە ئېلېكتر دولقۇنىنى تاسادىپىي ھالدا قوبۇل قىلىدۇ. بۇ خىل ئېلېكتر دولقۇنى خۇددى ئادەمنىڭ تومۇرى سوققانغا ئوخشاش ھەر 1 ~ 2  سېكۇنتتا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ. كىشىلەر بىر مەھەل ئۇنى ئالەم ئادىمىنىڭ چاقىرىق ئاۋازى دەپ قاراپ، خېلىغىچە داغدۇغا قىلىشقان، كېيىن ئەنگلىيىلىك ئالىم يۇۋىش ئاخىر بىر خىل غەلىتە ئېلېكتر دولقۇنىنى ئېنىقلاپ چىققان، ئەسلىدە ئۇ ئىلگىرى بايقىلىپ باقمىغان ئالاھىدە تۇرغۇن يۇلتۇز، يەنى ئىمپۇلس يۇلتۇز. مۇشۇ يېڭى بايقاش سەۋەبلىك يۇۋىش 1974-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ھازىر، بايقالغان ئىمپۇلس يۇلتۇزلار 1973 دىن ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان، قىسقۇچپاقا تۇمانلىقىنىڭ مەركىزىدىمۇ بىر ئىمپۇلس يۇلتۇز بار. ئىمپۇلس يۇلتۇزلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى تۆت چوڭ ئاسترونومىيىلىك بايقاشنىڭ بىرى (قالغان ئۈچى: يۇلتۇزسىمان جىسىم، يۇلتۇزلار ئارا ئورگانىك مولېكۇلىلار، ئالەم K3 مىكرو دولقۇن رادىئاتسىيىسى). چۈنكى ئۇ رادىئو ئىمپۇلسىنى توختىماي تارقىتىپ تۇرىدۇ، يەنە كېلىپ ئىككى ئىمپۇلس ئارىسىدا ئارىلىق (ئىمپۇلس دەۋرى) ناھايىتى تۇراقلىق بولىدۇ، توغرىلىق دەرىجىسى ئاتوم سائىتىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىدىن قېلىشمايدۇ. ھەر خىل ئىمپۇلس يۇلتۇزىنىڭ دەۋرىيلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇزاق بولغاندا 3.7 سېكۇنت بولىدۇ، قىسقا بولغاندا ئاران 0.033 سېكۇنت بولىدۇ.

 ئىمپۇلس يۇلتۇزلار تېز سۈرئەت بىلەن ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان، كۈچلۈك ماگنىت مەيدانىغا ئىگە بولغان نېيترون يۇلتۇزلاردىن ئىبارەت. نېيترون يۇلتۇزلار ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئادەتتە رادىئوسى ئاران 10 كىلومېتىر كېلىدۇ، ماسسىسى قۇياشنىڭ ماسسىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ، زىچلىقى ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ زىچلىقىدىن يۇقىرى بولىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى زىچ تۇرغۇن يۇلتۇزدۇر.[0]






ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/980.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#