پېي شېنفۇ
پېي شىنفۇ (裴神符) تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى (مىلادىيە 7-ئەسىر) قەشقەر دە ئۆتكەن مەشھۇر سازەندە ۋە تالانتلىق كومپوزىتور.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پېي شىنفۇپېي شىنفۇ (裴神符) تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى (مىلادىيە 7-ئەسىر) قەشقەر دە ئۆتكەن مەشھۇر سازەندە ۋە تالانتلىق كومپوزىتور. ئۇ ھەرخىل قەشقەر سازلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چېلىپ نام چىقارغان. ئەينى چاغدا قەشقەر، كۈسەن ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە زەخمەك بىلەن چېلىنىدىغان بەش تارلىق بەرباب (راباب) نى بارماق بىلەن چېكىپ چېلىشقا ئۆزگەرتىپ، تېخنىكا يېڭىلاپ، غەربىي دىيار، جۈملىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇزىكا تەرەققىياتىغا كاتتا تۆھپە قوشقان. «تاڭ تارىخىنىڭ مۇھىم بايانلىرى» (唐会要) دېگەن كىتابىنىڭ 33-جىلىدىدا قەشقەرلىك پېي شىنفۇنىڭ بەربابنى چېكىپ چېلىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغانلىقىنى خاتىرىلەنگەن.
پېي شىنفۇ ئۇستا سازەندە، تالانتلىق كومپوزىتور بۇلۇپلا قالماي، مەشھۇر مەدەنىيەت ئەلچىسى. ئۇ قەشقەردىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە بېرىپ غەربىي دىيار سەنئىتىنى تۇنۇشتۇرغان ۋە «نۇسرەت قۇچقان غۇلام»، «ئاتەش سۇمۇرۇغ» (بۇمۇزىكىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى «تاڭ تارىخىنىڭ مۇھىم بايانلىرى»دا «يالچىن قۇش» دەپ تىرانسكرىپىسىيە قىلىنغان)، «سېغىنىش كۈيى» دېگەن مۇزىكىلارنى ئىشلەپ چاڭ كەلتۈرۈۋەتكەن.
ئۇ مۇزىكىلار ناھايىتى يېقىملىق، مېلودىيەسى گۈزەل بولغاچقا، خاقان تاڭ تەيزۇڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان، تاڭ گاۋزۇڭ زامانىغا كەلگەندە ئىچكىرىگە كەڭ تارقىلىپ شۆھرەت قازانغان.
شائىر بەيجۇيى «بەشتار چېلىش» دېگەن شېئىرىدا:
«بىر چېلىپ بىر ناخشا ئېيتسا ئۈچ قېتىم ھەيھات دېدىم،
شۇنچە تەمكىن خالى راھەت نەغمىنى ئاڭلاپ تامام.
دىل ئېرىپ ئاققان چېغىدا قارىسام كەيپىم يېنىپ،
ئىختىيارسىز زوق بىلەن ئالماقتىكەن قەلبىم ئارام.»
دەپ ئاپىرىپ ئوقۇغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.