موزى

يېغىلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەم ئالدىراپ-تېنەپ چۇ بەگلىكىنىڭ ئاستانىسىگە بېرىپ، چۇ بېگىگە سۇڭ بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشنى نەسىھەت قىلغان.ئوتتۇرا ياشلىق كىشى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر، موزىچىلار ئىلمىي ئېقىمىنىڭ پېشۋاسى موزىدۇر (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 468 −376-يىللار).

ئۇيغۇرچە ئىسمى موجەي
باشقا نامى 墨子، موزى
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 376-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 墨翟
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 468-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

موزىيېغىلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەم ئالدىراپ-تېنەپ چۇ بەگلىكىنىڭ ئاستانىسىگە بېرىپ، چۇ بېگىگە سۇڭ بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشنى نەسىھەت قىلغان. چۇ بېگى سۇڭ بەگلىكىگە جازا يۈرۈشى قىلىشتا، گۇڭ شۇپەن دېگەن كىشى (يەنى لۇبەن) كەشىپ قىلغان ئېگىز شوتىغىلا تايانماقچى بولغانىدى. ھېلىقى ئادەم چۇ بېگىگە گۇڭ شۇپەننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۆزى بىلەن مۇسابىقىلەشتۈرۈشنى ئېيتىپ، چۇ بەگلىكى قوشۇنلىرىنىڭ سۇڭ بەگلىكىگە قارشى قىلىدىغان ئۇرۇشى توغرىسىدا گۇڭ شۇپەن بىلەن قىياس مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن. گۇڭ شۇپەن بىرنەچچە تۈرلۈك ھۇجۇم تاكتىكىسىنى قوللانغان ۋە شەھەر-قەلئەگە ھۇجۇم قىلىدىغان نەچچە خىل قورال-ياراغلىرىنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ھەممىسىنى ھېلىقى ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم بىر-بىرلەپ بىلىۋېلىپ، گۇڭ شۇپەننى بوي ئەگدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن گۇڭ شۇپەن ئۇتتۇرغانلىقىنى بوينىغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا قايىل بولغان. بۇ مانېۋىردىن تەسىرلەنگەن چۇ بېگى سۇڭ بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچكەن. بۇ ئوتتۇرا ياشلىق كىشى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر، موزىچىلار ئىلمىي ئېقىمىنىڭ پېشۋاسى موزىدۇر (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 468 -376-يىللار). 

موزىنىڭ ئىسمى موجەي بولۇپ، يېغىلىق دەۋرىدىكى سۇڭ بەگلىكىدىن. كېيىن ئۇزاق مۇددەت لۇ بەگلىكىدە تۇرغان. ئۇ ياغاچچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۆزىنى «ئاددىي پۇقرا» دەپ ئاتىغان، كېيىن نۇرغۇن كىتاب ئوقۇپ، ناھايىتى بىلىملىك ئادەمگە ئايلانغان. موزى «بىلىمگە ھېرىسمەن ھەم بىلىملىك» كىشى بولۇپ، تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە ناھايىتى ماھىر ۋە ئۆزگىچە تەشەببۇسلىرى بار ئىدى. ئۇ ياش چاغلىرىدا، كۇڭزىچىلار ئوتتۇرىغا قويغان چاكىنا «ئەدەپ» قائىدىلىرىدىن نارازى بولغاچقا، كۇڭزىچىلىق ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچىپ، تالىپ قوبۇل قىلىپ دەرس ئۆتۈپ، مۇستەقىل ئىلمىي ئېقىم پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، موزىچىلار ئىلمىي ئېقىمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 

موزىموزى «كۆيۈمچان بولۇش» ، «ھۇجۇم قىلىشماسلىق» نى تەشەببۇس قىلغان، يەنى كىشىلەردىن ئۆزئارا كۆيۈنۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، تالان-تاراج قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قارشى تۇرغان. ئۇ ئىلاھىي تەقدىر دېگەنگە ئىشەنمەي، كىشىلەرنىڭ تىرىشىشىنى تەكىتلەپ، قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تەڭرىقۇتلۇققا، پادىشاھلىققا ياكى ۋەزىرلىككە سايلاشنى تەشەببۇس قىلغان، مۇناسىۋەتكە تايىنىپ باي-ئېسىلزادىلىككە ئېرىشىۋېلىشقا قارشى تۇرغان. ئۇ يەنە تىرىشچان، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەشەمەتچىلىك قىلىش، بۇزۇپ-چېچىپ ئىسراپ قىلىشقا قارشى تۇرغان. موزىنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىن كەلگەن، موزىنىڭ ئىدىيىسى دەل ئۇششاق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش، ئىقتىسادىي ئورنى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ ھال ئەينى چاغلاردا ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

موزىچىلار مۇستەھكەم تەشكىل ۋە قاتتىق ئىنتىزامغا ئىگە بولۇپ، كالتە كىيىم، چىغ كەش كىيىپ، تۇرمۇشىنى ناھايىتى جاپالىق ئۆتكۈزۈپ، «ئوتقا سەكرەش، تىغقا دەسسەش» تىن ئايانمىغان. موزىنىڭ ئىدىيىسى «موزى» دېگەن كىتابتا خاتىرىلەنگەن. بۇ كىتاب شۇ چاغدىكى ئىدىيە ساھەسىدىكىلەرگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەچكە، «موزى ئىلمى» دەپ ئاتالغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#