ۋىتاس
ۋىتاس 1981-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئوكرائىنا لاتۋىيەنىڭ داۋگاۋپىلس دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋىتاس 1981-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇكرائىنا لاتۋىيەنىڭ داۋگاۋپىلس دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان.كىچىك چېغىدا بوۋىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئاككورىيون چېلىشنى ئۆگەنگەن ھەم بوۋىسىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا دائىم ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى ئودىسسادا ئىشتىن سىرت ئويۇن قويغان. ئون نەچچە ياش ۋاقتىدا ئودىسسا مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.
ۋىتاس 2000-يىلى كرېمل سارىيى ئۆتكۈزگەن يەككە ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە «ئوپېرا 2» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن ھەمدە مۇسابىقىدىكى ئەڭ ياش ناخشىچىغا ئايلانغان. ھازىرغىچە، ۋىتاس رۇس تىلىدا 5 دانە CD پلاستىنكىسى ۋە 2 دانە مۇزىكا پلاستىنكىسىنى تارقاتقان. 2005-يىلىنىڭ باشلىرىغا قەدەر، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 16 دۆلەتتە 1000 مەيداندىن ئارتۇق يالغۇز كىشلىك ناخشا كېچىلىك ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ۋىتاس 2004-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، «ئانامنىڭ ناخشىسى» (我母亲的歌) نى ئاساسىي تېما قىلىپ رۇسىيە، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان، ئىسرائىلىيە ۋە بالتىق دېڭىزى قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئويۇن قويغان. ئۇنىڭ كىشىنى تېخىمۇ قايىل قىلىدىغان يەنە بىر يېرى شۇكى، ئۇ بىر كىيىم لايىھىلىگۈچى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.