دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى

دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى

دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى چېگرىسى ئىچىدە بۇلۇپ، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 كىلومېتىر، قاتنىشى قولاي. دۆلەتنىڭ 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى.

ئۇيغۇرچە نامى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
ئورنى ئاۋات ناھىيەسى
ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 8000 مو
خەنزۇچە نامى 刀郎部落景区
قاراشلىق رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
دەرىجىسى دۆلەتنىڭ 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى چېگرىسى ئىچىدە بۇلۇپ، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 كىلومېتىر، قاتنىشى قولاي. دۆلەتنىڭ 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى.

دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 8000 مو، سۇ ئۈزۈش، قېيىق ھەيدەش قاتارلىق كۆپ خىل سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرى ۋە دولان ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت مۇزېيى بار، دولان قول ھۈنەرۋەنچىلىك رايونى، تۆگىقۇش باقمىچىلىق رايونى، ئىپتىدائىي توغراقلىق، دولان كەنتى، قۇم ھەيكەل باغچىسى قاتارلىق مەنزىرىلىك جايلىرى بار؛ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىمەنزىرە رايونىنىڭ تۆت پەسلىدىكى مەنزىرىسى ئۆزگىچە، ھەر كۈنى قەرەللىك دولان ناخشا-ئۇسسۇلى، دولان توي مۇراسىمى، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ئايلىنىش، دارۋازلىق قىلىش قاتارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 

ساياھەتچىلەر توخۇ سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، تۆگە مېنىش، ئات مىنىش، ئېشەككە مىنىش مۇسابىقىسى قاتارلىقلارغا قاتنىشالايدۇ.

مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەچۈرمىشى بىلەن كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، قەدىمىي ياغ تارتىش دۇكىنى، سۇ تۈگمىنى، تۆمۈرچىلىك دۇكىنى، مۇسەللەس پىششىقلاپ ئىشلەش ئۆيى قاتارلىق دولانلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى  ساياھەتچىلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىشىغا ئېچۋىتىلگەن؛ دولانلىقلار تۇرمۇشىنىڭ ئۆزگىرشىگە ئەگىشىپ دولان مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورى 

http://aks.gov.cn/art/2014/6/30/art_68_6736.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#