مۇرچۇبە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆپكە كاناينى قۇۋۋەتلەش، قىزىتما پەسەيتىش، يۆتەل توختۇتۇش، ئۆسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.
فارماكولوگىيلىك تەسىرى
مۇرچۇبە1.قاينىتىلمىسى كۆيدۈرگە تاياقچە باكتېرىيىسى، قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە، بوغما تاياقچە باكتېرىيىسى، ئۆپكە ياللۇغى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيىسى، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، سىبلىس تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە.
2. ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.
3. سۈت بېزى ئۆسۈكچىلىرى ۋە ئىششىقنى قايتۇرۇش تەسىرى بار.
19خىل ئامىنو كىسلاتاسى. ,sparagus amid B-stosterol licid قاتارلىقلار بار.
مۇرچۇبە1. مۇرچۇبە 20 گرام، ھەلىيۇن يىلتىزى، نىلۇپەر، بىنەپشە 10 گرامدىن، ئاق لەيلى گۈلى 8 گرام قائىدە بويىچە قايناتما تەييارلاپ، بىر كۈندە 3 ۋاق، 100 مىللىلېتىردىن ئىچىپ بەرسە، قىزىتما قايتۇرىدۇ.
2. مۇرچۇنە، زۇپا 15 گرامدىن، ھەلىيۇن يىلتىزى، بادام مېغىزى 5 گرامدىن، ئەنجۈر قېقى 3 دانە، چىلغۇزا مېغىزى 10 گرام، شېكەر ئىككى ھەسسە، قائىدە بويىچە لوئوق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل پەسەيتىدۇ، بەلغەم بوشىتىدۇ.
مۇرچۇبە شەربىتى
ياشانغانلاردىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، ئۆپكە سىلى، بولۇپمۇ يۆتىلىپ بەلغەم چىقىرالمايدىغان كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ. يەنە سوزۇلما كېسەللەردىكى تۆۋەن قىزىتما، بەدەن ئاجىزلىقى، جىگەر مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشى، مەنىي بالدۇر كېتىش، گال ئاغرىقى، سۈت بېزى ئىششىقى ۋە ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.