ۋالپارايسۇ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مۇھىم پورت شەھىرى، شۇنداقلا جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان ياقىسىدىكى ئەڭ چوڭ پورتى. ۋالپارايسو چىلىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. شەھەرنىڭ 100 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىغا، چىلىنىڭ پايتەختى سانت ياگو شەھىرى جايلاشقان. بۇ ئىككى شەھەر تۆمۈريول ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ . ۋالپارايسۇ 1536-يىلى سېلىنغان، كېيىن دېڭىز دولقۇنى، بوران، ئوت ئاپىتى، يەر تەۋرەش قاتارلىق سەۋەبلەردىن نۇرغۇن قېتىم ۋەيران بولغان. ھازىرقى شەھەر 1906-يىلدىكى يەر تەۋرەشنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان.
شەھەرۋالپارايسونىڭ « تىنچ ئوكياندىكى مەرۋايىت »دىگەن نامى بار .
شەھەر ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش ئاساسىدا لايىھىلەنگەن ۋە مىللىچە بىناكارلىق ئۇسلۇبىغا ئىگە ، ب د ت مائارىپ پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى ۋالپارايسونى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا كىرگۈزگەن .1996 - يىلىدىكى دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان 100 تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىلىرىنى بىرى دەپ باھالانغان .1998 - يىلى ئاۋام ۋە ئەربابلار بىرلىكتە چىلى ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك مەمۇرىي ئاپپاراتىدىن ۋالپارايسونى دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىدۇ ۋە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ . 2003 - يىلى ۋالپارايسو دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرىدۇ .ۋالپارايسو سىرلىق ئوردا شەكىلىدىكى شەھەر يۇلى ۋە تار شېغىللىق كۇچىلار بىلەن گەۋدىلەنگەن ، شەھەردىكى نۇرغۇنلىغان قەدىمى قۇرلۇشلار دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن .ھازىر ۋالپارايسو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ، پەن ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.