خىمىيە

خىمىيە ئىلمى ئىنىگلىزتىلىدا chemistryدەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ماددىلارنىڭ تەشكىللىنىشى، قۇرۇلمىسى، خۇسۇسىيىتى ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەندۇر. دۇنيا ماددىدىن تەركىب تاپقان، شۇڭا خىمىيە ئىلمى ئىنسانلارنىڭ ماددىي دۇنيانى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋاستىسى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ تارىخىي ئۇزۇن، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئىلىم بولۇپ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى خىمىيە
ئىنگىلىزچە نامى Chemistry
خەنزۇچە نامى 化学
تۈرى تەبىئى پەن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خىمىيە ئىلمى ئىنىگلىزتىلىدا chemistry دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ماددىلارنىڭ تەشكىللىنىشى، قۇرۇلمىسى، خۇسۇسىيىتى ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەندۇر. دۇنيا ماددىدىن تەركىب تاپقان، شۇڭا خىمىيە ئىلمى ئىنسانلارنىڭ ماددىي دۇنيانى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋاستىسى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ تارىخىي ئۇزۇن، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئىلىم بولۇپ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

   خىمىيىنى پەن نامىدىنلا چۈشەنسەك، ئۆزگىرىش خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەندېگەن مەنىگە ئىگە. خىمىيە فىزىكىغا ئوخشاشلا تەبىئىي پەنلەر ئىچىدىكى نېگىزلىك پەن بولۇپ، ئۇ ماددىلارنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە قۇرۇلمىسى ۋە خۇسۇسىيەت ئۆزگىرىشلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. خىمىيە ئىنسانلارنىڭ ماددىلارنى تونۇشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋاستە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي دۇنيانى ئۆزگەرتىشىدىكى مۇھىم قۇرالىدۇر، شۇڭا ئۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت خىمىيىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.

 كىشىلەر ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئوت ئىشلىتىشنى بىلگەندىن باشلاپ، تاكى ھازىرقى ھەر خىل زامانىۋىي قۇراللار بىلەن قاپلانغان بۈگۈنكى دەۋرگە كەلگۈچە بولغان جەرياندا ئىزچىل تۈردە خىمىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ كەلمەكتە. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە ياخشىلىنىشىدا، خىمىيىنىڭ تۆھپىسىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.

خىمىيە ئاساسلىق پەن تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ فىزىكا ئىلمى، بىئولوگىيە ئىلمى، جۇغراپىيە ئىلمى، ئاستىرونومىيە ئىلمى قاتارلىق پەنلەر بىلەن ئۆز ئارا سىڭىشىپ، تېز تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، باشقا مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغىمۇ تۈرتكە بولىدۇ. مەسىلەن، خىمىيىدىكى يادرو كىسلاتاسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بۈگۈنكى كۈندە، بىئولوگىيە ئىلمىنى مولىكۇلا سەۋىيسىدىن ئېلېمىنت سەۋىيىسىگە يۇقىرى كۆتۈردى ۋە شۇ ئارقىلىق ئېلېمىنت بىئولوگىيىسىدىن ئىبارەت يېڭى پەننى بارلىققا كەلتۈردى.

  قەدىمكى دەۋردە، ئىپتىدائىي ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر خىل ئاپەتلەر بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا، ئوت ئىشلىتىشنى بىلدى. ئىپتىدائىي ئادەملەر ئوتتىن پايدىلىنىشنى بىلگەندىن باشلاپ، ياۋايىلىقتىن مەدەنىيلىككە قاراپ ئىلگىرىلىدى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇلار خىمىيەلىك ئۇسۇللارنى تونۇپ، تەبىئىي ماددىلارنى ئۆزگەرتتى. كۆيۈش بىر خىل خىمىيىلىك  ھادىسە. ئوتنىڭ بايقىلىشى ۋە ئادەملەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشى، ئىنسانلارنىڭ ياشاش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىي كۈچىنى بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈردى. ئوتتىن پايدىلىنىشنى بىلگەندىن كېيىن، كىشىلەر تۇز ئىشلىتىشنى بىلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئەتراپىدىكى ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيەت ئۆزگىرىشلىرىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلدى. مۇشۇنداق جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىنسانلار ئاستا-ئاستا ئىشلىتىش قىممىتى بار بويۇملارنى بايقاپ، تۇرمۇش قۇراللىرىنى تېخىمۇ تاكاممۇللاشتۇردى.

  16-ئەسىردىن باشلاپ، ياۋرۇپانىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، شۇ قاتاردا داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرىمۇ ماس ھالدا ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسى ئاۋامنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ، كىشىلەرنىڭ ماددىلارنىڭ  ئۆزگىرىشىگە قارىتا چۈشەنچىسى ۋە دىققەت-ئېتىبارى كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 1775-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، لاۋازىيە خىمىيىلىك تۇراقلىق مىقدارلار ئارقىلىق كۆيۈش ھادىسىسىدىكى ئوكسىدلىنىش نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىمىيىنى ئۆزىنىڭ ئوربىتىسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى. مېنىرال ماددىلارنى قايتا-قايتا تەھلىل قىلىش ئارقىسىدا، يەنە نۇرغۇنلىغان يېڭى ئېلېمىنتلار بايقىلىپ، مولىكۇلا، ئاتوم نەزىرىيىسىگە يېڭى ئاساسلار سېلىندى ۋە شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مولىكۇلانىڭ ماھىيىتىگە بولغان تونۇشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئورگانىك خىمىيىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، خىمىيىدىن پايدىلىنىپ ئوغۇت  ۋە  دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئاشلىق ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇش. خىمىيىدىن پايدىلىنىپ دورىلارنى تەڭشەش ۋە دورىدىن پايدىلىنىپ مىكروب ۋە باكتىرىيىلەرنى ئۆلتۈرۈش، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مەسىلىلەر ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 خىمىيە باشقا پەنلەر بىلەن گىرەلىشىپ ھەم ئۇلار بىلەن سىڭىشىپ، نۇرغۇن ئارىلىق پەنلەرنى شەكىللەندۈردى. مەسىلەن، بىئوخىمىيە، يەر شارى خىمىيىسى، ئالەم خىمىيىسى، دېڭىز خىمىيىسى، ئاتمۇسفىرا خىمىيىسى قاتارلىق پەنلەر شەكىللىنىپ، ئېلىكتىرون، ئاۋىئاتسىيە، ئىنفىرا نۇر، دېڭىز قاتارلىق ساھەلەردە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى.

 خىمىيە قوللىنىشچان ئىلىم، ئۇ ماتېماتىكا، فىزىكا قاتارلىق پەنلەر بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ، تەبىئىي پەنلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشىغا ماس ھالدا تۆھپە قوشتى. خىمىيىدىكى يادرولۇق ئىلىملەر تەبىئەت ئىلمىدىكى تەبىئىي پەنگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قايسى ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلدى. خىمىيە ئىلمى تەبىئەتنى يارىتىش ۋە ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ ۋە مۇھىم تۈۋرۈك بولۇپ، نۆۋەتتە خىمىيەشۇناسلار خىمىيىلىك ئۇسۇل ۋە مۇلاھىزىلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئېنىرگىيە مەسىلىسى، ئاشلىق مەسىلىسى، مۇھىت مەسىلىسى، ساغلاملىق مەسىلىسى، بايلىق ۋە سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق مەسىلىلەر دەل خىمىيىلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلىنماقتا.

ئەڭ مۇھىم ھەم ھەممە پەنلەرگە ئورتاق بولغان خۇسۇسىيەتلەردىن ، خىمىيە ئىلمى كىشىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش، بايقاش، قىزىقىش پىسخىكىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەبىئەتنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى بېيىتىدۇ.

خىمىيە تەرەققىيات تارىخىدا، تەتقىق قىلغان ئېلىمىنتلارنىڭ تۈرى ۋە تەتقىقات ئۇسلۇبى، مەقسىتى، ۋەزىپىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئەنئەنىۋىي جەھەتتىن ئورگانىك خىمىيە ۋە ئانئورگانىك خىمىيە، فىزىكىلىق خىمىيە ۋە ئانالىز خىمىيىسى دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 20-يىللاردىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى بىلەن ، خىمىيە ساھەسىدە ئېلىكتىرون نەزىرىيىسى ۋە كۋانت مېخانىكىسى شەكىللىنىپ، يېڭى مەنزىرە بارلىققا كەلدى. شۇڭا ھازىر خىمىيىنى بىئوخىمىيە، ئورگانىك خىمىيە، يۇقىرى مولىكۇلالىق خىمىيە، قوللىنىشچان خىمىيە ۋە خىمىيىلىك قۇرۇلۇش ئىلمى، فىزىكىلىق خىمىيە، ئانئورگانىك خىمىيە بەش چوڭ تۈر، 80 تارماق تۈرگە بۆلۈندى.[1][0]

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#