ليۇ يەندۇڭ

ليۇ يەندۇڭ

ليۇ يەندۇڭ، ئايال، خەنزۇ، 1945 ـ يىلى 11 ـ ئايدا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنتۇڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ليۇ يەندۇڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھىرى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى
پارتىيەگە كىرگەن ۋاقتى 1964 ـ يىلى 7 ـ ئاي
خەنزۇچە ئاتىلىشى 刘延东
مىللىتى خەنزۇ مىللىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1945 ـ يىلى 11 ـ ئاي
خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتى 1970 ـ يىلى 3 ـ ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ليۇ يەندۇڭليۇ يەندۇڭ، ئايال، خەنزۇ، 1945 ـ يىلى 11 ـ ئايدا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنتۇڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1970 ـ يىلى 3 ـ ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1964 ـ يىلى 7 ـ ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.

1964 ـ يىلىدىن 1970 ـ يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇش ـ خىمىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، بۇ مەزگىلدە شۇ يىللىق سىنىپنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى بولغان؛ 

1970 ـ يىلىدىن 1972 ـ يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن شەھىرى كەيپىڭ خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدا ئىشچى، تېخنىك، سېخ مەسئۇلى بولغان؛ 

1972 ـ يىلىدىن 1978 ـ يىلىغىچە بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى تەجرىبە زاۋۇتىدا ئىشچى، پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى، ئاساسىي قۇرۇلۇش قوماندانلىق ئىشتابى باش پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى، سېخ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، زاۋۇت پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى بولغان؛ 

1978 ـ يىلىدىن 1980 ـ يىلىغىچە بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى تەجرىبە زاۋۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 

1980 ـ يىلىدىن 1981 ـ يىلىغىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان؛ 

ليۇ يەندۇڭ1981 ـ يىلىدىن 1982 ـ يىلىغىچە، بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 

1982 ـ يىلىدىن 1991 ـ يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دائىمىي شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، رەئىسى بولغان؛ 

1991 ـ يىلىدىن 1995 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (1990 ـ يىلىدىن 1994 ـ يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سوتسىيولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ سوتسىيولوگىيە نەزەرىيەسى ۋە مېتودولوگىيەسى كەسپىدە ئوقۇپ، ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان) بولغان؛ 

1995 ـ يىلىدىن 1998 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 

1998 ـ يىلىدىن 2001 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (مىنىستىر دەرىجىلىك)، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى (1994 ـ يىلىدىن 1998 ـ يىلىغىچە جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان) بولغان؛ 

2001 ـ يىلىدىن 2002 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (مىنىستىر دەرىجىلىك)، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛

2002 ـ يىلىدىن 2003 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 

2003 ـ يىلىدىن 2005 ـ يىلىغىچە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 

2005 ـ يىلىدىن 2007 ـ يىلغىچە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 

2007 ـ يىلىدىن 2008 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 

2008 ـ يىلىدىن 2009 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 

2009 ـ يىلىدىن ھازىرغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

پارتىيە 15 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 16 ـ ، 17 ـ ، 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزاسى، 17 ـ ، 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 7 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 6 ـ ، 8 ـ ، 9 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 

http://www.uycnr.com/zl/zhongguorenwu/201212/t20121210_418994.html

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1874.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#