پۇراپ تەكشۈرۈش

 پۇراپ تەكشۈرۈش بولسا دوختۇرنىڭ پۇراش سىزىم قۇۋۋىتى ئارقىلىق بىماردىن چىققان تۈرلۈك پۇراق ۋە ئۇنىڭ كېسەللىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەشخىس قىلىش ئۇسۇل –پۇراپ تەكشۇرۇش دىيىلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 پۇراپ تەكشۈرۈش مەزمۇنلىرى پۇراپ تەكشۈرۈش بولسا دوختۇرنىڭ پۇراش سىزىم قۇۋۋىتى ئارقىلىق بىماردىن چىققان تۈرلۈك پۇراق ۋە ئۇنىڭ كېسەللىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەشخىس قىلىش ئۇسۇل –پۇراپ تەكشۇرۇش دىيىلىدۇ. بۇنداق غەيرىي پۇراقلار كۆپىنچە بىمارنىڭ تېرە شىللىق پەردىسى، ئېغىز بوشلۇغى ،نەپەس يولى، ئاشقازان ئۈچەي يولى، قۇسۇق ماددىسى، چىقىرىندى ماددىلىرى، يىرىڭ سۇيۇقلۇقلىرى ۋە قان سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلاردىن كېلىدۇ.


ئەھمىيتى

1) نەپەس پۇرىقى نەپەستىن كۈچلۈك ھاراق پۇرىغىنىڭ كېلىشى ھاراقنى كۆپ ئىچىپ ئىسپىرتتىن زەھەرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. غىدىقلاش خاراكتېرلىك سامساق پۇرىقىنىڭ كېلىشى دورىدىن زەھەرلىنىش،بۇلۇپمۇ دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئىپادىسى. نەپەستىن سېسىق ئالما پۇرىغى كېلىشى قەنت سىيىش كېسىلىدىكى كېتوندىن زەھەرلىنىشنىڭ ئىپادىسى، جىگەر خىزمىتى زەئىپلەشكەندە بىمارنىڭ نەپسىدىن چاشقان مايىغى پۇرىغى كېلىدۇ. بۇ جىگەر سېسىغى دەپ ئاتىلىدۇ. سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىشتە ئاممونىي پۇرىقى كېلىدۇ (ئاچچىق نۆشۈدۈر پۇرىغى كېلىدۇ).

 2) خەپرۇك (بەلغەم) سۇيۇقلۇقى پۇرىقى قانلىق بەلغەمدىن ژىن پۇرىغى كېلىدۇ. كاناي كېڭىيىش ۋە ئۆپكە يېرىڭلىق ئىششىغى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنىڭ بەلغىمى بەدبۇي بولىدۇ. ئۆپكە سىلى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنىڭ بەلغىمىنى چوغ ئۈستىگە قويسا، يۇڭ ۋە سۆڭەك كۆيگەندەك پۇراق كېلىدۇ.

 3) يىرىڭ سۇيۇقلۇقى ئادەتتە يىرىڭ سۇيۇقلۇقىدا ژىن پۇرىقى بولۇپ، سېسىقچىلىق بولمايدۇ. ئەگەر بەدبۇي پۇراق كەلسە قارىسان كېسىلى (گازلىق گانگىرىنا) نىڭ ئېھتىماللىقىنى ئويلاش لازىم. ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىغى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنىڭ بەلغىمى سېسىق پۇراقلىق بولىدۇ. 4) قۇسۇق ماددىسى تاماق خاراكتېرلىك ئاشقازاندىكى نەرسىلەرگە ئازراق تىزاپ (كىسلاتا) پۇرىغى بولىدۇ. ئاشقازاندا تاماق تۇرۇپ قالغان بىمارلارنىڭ ئاشقازىنىدىكى نەرسە ئېچىپ كىسلاتا ھاسىل بولغانلىقتىن قۇسۇق ماددىسىدىن كۈچلۈك كىسلاتا پۇرىقى كېلىدۇ. قۇسۇق ماددىسىدا ھاراق پۇرىقىنىڭ بولۇشى ھاراق ئىچكەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۈچەي توسۇلۇش بولغان، ئۈچەي تولغاشقان ،قورساق پەردە ياللۇغى بىلەن ئاغرىغۇچىلاردا قۇسۇق ماددىسىدىن چوڭ تەرەت پۇرىقى كېلىدۇ.

5) چوڭ تەرەت چوڭ تەرەتتە چىرىش خاراكتېرلىك سېسىق پۇراقنىڭ بولۇشى ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنىڭ ياكى ئاشقازان ئاستى بەز خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ ئىپادىسى. چوڭ تەرەتتىن ژىن پۇرىقىنىڭ كېلىشى جاراسىملىق تولغاقنىڭ ئىپادىسى. چوڭ تەرەتىن جىگەر پۇرىغى ياكى جاڭيۇ پۇرىغىنىڭ كېلىشى ئاميوبالىق تولغاقنىڭ ئىپادىسى.

 6) كىچىك تەرەت (سۈيدۈك) كۆپ مىقداردا سامساق يېگەندە ياكى ئورگانىك فوسفورلۇق دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن زەھەرلەنگەندە، سۈيدۈكتىن سامساق پۇرىقى كېلىدۇ. دوۋساقنىڭ ياللۇغلۇق يۇقۇملىنىشلىرىدا سۈيدۈكتىن كۈچلۈك نۆشۈدۈر پۇرىغى كېلىدۇ.

 7) تەر پۇرىقى نورمال كىشىلەرنىڭ تەر سۇيۇقلۇقىدا ئالاھىدە پۇراق بولمايدۇ. بەدەن كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى يۈز بەرسە، ئاندىن تەر پۇراقلىق كېلىدۇ. مەسىلەن: رېماتىزم كېسىلى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنىڭ كېسىلى كۈچلۈك قوزغىلىش دەۋرىدە تەردىن ئاچچىق پۇراق كېلىدۇ. قەنت سىيىش كېسىلى بىلەن ئاغرىغان بىيمارلارنىڭ تەر پۇرىغى سېسىق ئالما پۇراقلىق كېلىدۇ. تەر بەزلىرى يىرىڭلىق ئىششىغان، ياللۇغلانغان بىمارلاردىن ئۆتكۈر سېسىق تەر پۇرىغى كېلىدۇ. تاز كېسىلى (باش تەمرەتكىلىرى) بىلەن ئاغرىغانلاردىن چاشقان سۈيدۈكى پۇراقلىق تەر كېلىدۇ. كېزىك كېسىلى بىلەن ئاغرىغان بىمارلاردىن ئۆزگىچە بىر خىل قاڭسىق پۇراقلىق تەر كېلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1042

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#