رويان

بۇ رويان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، رويانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى قان توختىتىش، قاننى جانلاندۇرۇش، تۇرۇپ قالغان قاننى تارقىتىش، يىرىڭنى تارتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى رويان
پارسچە نامى Rubia cordifolia L.
تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 茜草
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبى
پىنيىنچە يېزىلىشى qiàn cǎo

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رويانبۇ رويان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، رويانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 40 ~ 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ ئوق يىلتىزى چوڭقۇر، ئۇزۇن، قارامتۇل بېغىر رەڭدە بولۇپ، يەرگە يېقىن قىسمى يۇقىرىغا قاراپ كۆپ شاخلايدۇ. ھەربىر شېخىدا بىردىن يەر ئۈستى غولى ئۆسۈپ چىقىدۇ. غولى ئىنچىكە ۋە كىچىك، تەتۈر تىكەنلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى ساپسىز دېگۈدەك، تۆت يوپۇرمىقى بىر ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ، شەكلى ئۇزۇنراق سوقىچاق ياكى ئۇزۇنراق تۇخۇم شەكلىدە بولىدۇ؛ گۈلى ئاق، كىچىك، گۈل تاجىسى بەش تال بولىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى باھار، كۈز پەسىللىرىدە كولىۋېلىپ، لايلىرىنى تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ يوپۇرمىقىنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ جەنۇبىدىكى ئۆي ئەتراپى ۋە يول بويلىرىدا ئۆسىدۇ.

قۇرۇق سوغۇق.

قان توختىتىش، قاننى جانلاندۇرۇش، تۇرۇپ قالغان قاننى تارقىتىش، يىرىڭنى تارتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

ھۆل رويان يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل جاراھەتلەرنىڭ يىرىڭىنى تارتىپ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ. 12 گرام روياننى 20 گرام كىچىك خوخا، 21 گرام ئاق چۇغلۇق بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىچكى قاناش، بۇرۇن قاناش ۋە ھەيز كۆپىيىپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. روياندىن 35 گرام ئېلىپ قاينىتىپ، رەيھان شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز كەلمەسلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ. روياندىن 12 گرام، رەۋەندىن سەككىز گرام، ئارچىدىن 10 گرام ئېلىپ، ئايرىم - ئايرىم ئوتقا قاقلاپ سېرىق رەڭگە كەلگەندە قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گرام تالقاننى مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇرۇپ سۈيى بىلەن بىللە ئىچىپ بەرسە، قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 15 گرام روياننى 12 گرام زاراڭزا چېچىكى، 20 گرام تەسۋىقوناق ئۇرۇقى، تۆت گرام بۇۋانە بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل رويان يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئۈستىگە ئازراق تۇز قوشۇپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، ھەرخىل جاراھەت ۋە غەلۋىرەككە مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام روياننى 15 گرام مامكاپ، 12 گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يىقىلىپ، ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تىلماچ ئىزاھاتلىق لوغىتى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#