شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت نىزامى
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت نىزامى» 1998–يىلى 9–ئاينىڭ 25–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ  5–يىغىنىدا ماقۇللانغان.
ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت نىزامى
ئېلان قىلغان ئورگان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1998–يىلى 9–ئاينىڭ 25–كۈنى
قوللىنىلغان ۋاقتى 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区旅游条例
پىنيىنچە يېزىلىشى xīn jiāng wéi wú ěr zì zhì qū lǚ yóu tiáo lì
تۈزۈتىلگەن ۋاقتى 2012–يىلى 1–ئاينىڭ 5–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت نىزامى» ساياھەت بايلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش، ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ساياھەتچىلەر، ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ساياھەتچىلىكنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن-نىزامغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلگەن.

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت نىزامى» 1998–يىلى 9–ئاينىڭ 25–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004–يىلى 3–ئاينىڭ 26–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن، 2012–يىلى 1–ئاينىڭ 5–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن. 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان.

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام ساياھەت بايلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش، ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ساياھەتچىلەر، ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ساياھەتچىلىكنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن-نىزامغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ساياھەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش، ساياھەت تىجارىتى قىلىش ۋە ساياھەتچىلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا، شۇنىڭدەك ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت پائالىيىتىگە تەتبىقلىنىدۇ. قانۇن– نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

3-ماددا ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، بازار ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈش، جەمئىيەتتىكىلەر قاتنىشىش، بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكى پىرىنىسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم.

4-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ساياھەتچىلىكنى خەلق ئىگىلىكىنىڭ تۈۋرۈك كەسپى قىلىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەتچىلىكنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە كەسىپ تەرەققىيات سىياسىتى تۈزۈپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلىشى؛ ساياھەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ساياھەت تەرەققىياتى جەريانىدىكى چوڭ–چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماسلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىك بىلەن ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، ساھە بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، ساياھەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

باشقا ئالاقىدار تارماقلار ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەيدۇ.

6-ماددا ساياھەت ساھە جەمئىيىتى ساھە تەلەپچانلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ساھە سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

7-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ھەم مۇكاپاتلايدۇ.

2-باب تۈرتكە بولۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەت تەرەققىياتى مەبلىغىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش ئەھۋالى ۋە ساياھەت تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ يىلمۇيىل كۆپەيتىشى كېرەك.

9-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قاتناش، مۇھىت، تازىلىق، سۇ بېرىش، توك بېرىش، خەۋەرلىشىش، بىخەتەرلىك قاتارلىق ساياھەت جامائەت مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساياھەت تۈرى، ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)، ساياھەت لىنىيەسىنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىغا سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە مەدەت بېرىشى لازىم.

ساياھەت، سودا، قاتناش–تىرانسپورت تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ۋە تىجارەت كارخانىلىرى ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)، ساياھەت لىنىيەسى بويىغا ھاجەتخانا سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ساياھەتچىلەر سانىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ھاجەتخانىلارنى سېلىپ، ئۇنى پاكىز تۇتۇشى، نورمال ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

10-ماددا قاتناش– تىرانسپورت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان تاشيول، گاراژ (مەيدان) قۇرۇلۇشىنى قاتناش قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، بىخەتەر، قولايلىق بولغان ئۇنىۋېرسال ساياھەت قاتناش تورىنى بەرپا قىلىشى، نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان قاتناش يول ئېغىزىغا دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كۆرسەتكۈچ بەلگە ئورنىتىشى كېرەك.

11-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مېھمانخانىلار ئىشلىتىدىغان سۇ، توك، گاز باھاسىنى ئادەتتىكى سودا–سانائەت كارخانىلىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش قىلىدۇ.

12-ماددا مائارىپ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنىڭ ساياھەت پەنلىرىنى ئېچىشىغا مەدەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مەبلەغنىڭ ساياھەت مائارىپىغا سېلىنىشىنى رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، ساياھەت كەسپىي مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەت كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ، ساياھەت كەسىپكارلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

13-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى ياخشىلاپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ، رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئېكولوگىيە سەيلىسى، قار–مۇز سەيلىسى، ئوتلاق سەيلىسى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ساياھىتى، قىزىل ساياھەت، چېگرا ساياھىتى، شۇنىڭدەك قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيە سەيلىسى قاتارلىق ئۆزگىچە ساياھەت تۈرىنى كۆپەيتىپ، ئالاھىدە ساياھەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

14-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئۆزگىچە بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىستىراھەت ساياھىتىنى، ئۆزگىچە مىللىي يېمەك-ئىچمەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشى، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ساياھەتچىلىككە كۆپ خىل شەكىلدە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىشى، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ شۇ جاينىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ساياھەت تۈرىنى ئېچىشىغا مەدەت بېرىشى لازىم. ئەل ئىچى سەنئىتى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، تارىخىي ئىمارەتلەر، توي-تۆكۈن ئادىتى، ئەنئەنىۋى ھېيت-بايرام قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

15-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ساياھەت تاۋارلىرىنى يارىتىشقا، ئىشلەپچىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ساياھەت تاۋىرى تىجارەت كارخانىلىرى ۋە دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرىنى يۆلەپ، يەرلىك، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئالاھىدىلىكىگە ياكى ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) ئۆزگىچىلىكىگە ئىگە ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە باشقا ساياھەت تاۋارلىرىنى يارىتىپ، ساياھەت تاۋارلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ھۈنەردىن پايدىلىنىپ، ساياھەت تاۋارلىرىنى يارىتىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

16-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەت، رادىيو-تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنى تەشكىللەپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ساياھەت ئومۇمىي ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىش پىلانى ۋە تونۇشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ساياھەت ئوبرازى ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىشى كېرەك.

17-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ساياھەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر مۇلازىمىتى سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇشى؛ ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ ساياھەت تور مۇلازىمىتى قىلىش، توردا سېتىش، توردا زاكاز قىلىش ۋە توردا چىقىم قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ساياھەت ئۇچۇر مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

18-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئالاقىدار يىغىن، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، يەرمەنكە، پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، ئەل ئىچى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىغا ئۆز جايىنىڭ تەبىئەت مەنزىرىسى، ئادىمىيەت مەنزىرىسى، ئۆرپ-ئادەت مەنزىرىسى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ، مەھسۇلاتنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ، كۇرسلۇق ساياھەت مەھسۇلاتى يارىتىشى كېرەك.

19-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى، دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى، دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونى، دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى، دۆلەت ئورمان باغچىسى، دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، دۆلەت A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)، جۇڭگو داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە ئۈلگە بازىسى، نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قاتارلىق ساياھەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، ساياھەت بايلىقىنىڭ كۇرسلۇق مەھسۇلات ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.

20-ماددا ئۆزگىچە ساياھەت مەدەنىيەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ، تىپىك يەرلىك ئالاھىدىلىككە ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئويۇن قويۇش مەھسۇلاتلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىغا مەدەت بېرىلىدۇ.

21-ماددا دۆلىتىمىز ئىچى–سىرتىدىكى كارخانىلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشىغا، ھەر خىل ساياھەت كارخانىلىرىنى قۇرۇشىغا، ساياھەت تەرەققىيات كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

22-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھۆكۈمەت پائالىيىتىدە قاتناش، تاماق، ياتاق، يىغىن ئىشلىرى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ساياھەت كوپىراتىپلىرىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

3-باب پىلانلاش ۋە ئېچىش

23-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئېھتىياجى ۋە ساياھەت بايلىقى ئەھۋالىغا قاراپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ساياھەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، ئاممىدىن كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن پىكىر ئېلىش، ئىلمىي دەلىللەشكە تەشكىللەش ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش لازىم.

24-ماددا ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ساياھەت بايلىقى شارائىتى ۋە ئۇل ئەسلىھە شارائىتىغا بېرىلگەن ئومۇمىي باھا؛

(2) ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە نىشانى؛

(3) ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئەسلىھە قۇرۇلۇشى؛

(4) ساياھەت بايلىقى ۋە مۇھىت ئاسراشقا قويۇلغان ئاساسىي تەلەپ؛

(5) يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشقا دائىر سىياسەت ۋە تەدبىر؛

25-ماددا ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا، شەھەر–يېزا يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە مۇھىت ئاسراش، قاتناش تەرەققىياتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش، شۇنىڭدەك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، ئورمان باغچىسى، گېئولوگىيە باغچىسى، سۇلۇق يەر باغچىسى يىرىك پىلانى قاتارلىق كەسپىي يىرىك پىلان بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار كەسپىي يىرىك پىلاننى تۈزگەندە ياكى تەڭشىگەندە، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلىشىشى ھەمدە ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى لازىم.

26-ماددا ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)نىڭ تىجارىتىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)نىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى، شۇ جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن يولغا قويۇشى كېرەك. يىرىك پىلان تەستىقتىن ئۆتمىگەن بولسا، ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)نى ئېچىش قۇرۇلۇشى ئىجازەتنامىسىنى بېجىرىپ بەرمەسلىكى، ساياھەت تىجارەتچىلىرى قۇرۇلۇش قىلىش، ئېچىش پائالىيىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قىلماسلىقى كېرەك.

27-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى، باھالىشى، ساياھەت بايلىقى ئۇچۇرى ئامبىرى ۋە ئېچىش ئالدىدا تۇرغان ساياھەت قۇرۇلۇشى تۈرى ئامبىرىنى قۇرۇشى ھەمدە ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشى كېرەك.

28-ماددا سېلىنىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان ۋە كېڭەيتىلىدىغان ساياھەت قۇرۇلۇشى تۈرى ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانى ۋە ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى، ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ساياھەت قۇرۇلۇشى تۈرىنى تەستىقلىغاندا ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى لازىم.

ساياھەت تۈرى قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش كېرەك. ساياھەت بايلىقى بىلەن ئېكولوگىيەنى ئاسراش يانداش ئەسلىھەلىرىنى ساياھەت تۈرى قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ پۈتتۈرۈپ ئىشلىتىش لازىم.

29-ماددا تەبىئىي بايلىق، مىللىي مەدەنىيەت بايلىقى، تارىخىي ئىمارەت ۋە باشقا ئادىمىيەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ساياھەت تۈرلىرىنى ئېچىش، ساياھەت پائالىيەتلىرىنى قىلىشتا، تەبىئىي مەنزىرە، مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىزنالىرىنى قاتتىق قوغداپ، مىللىي ئالاھىدىلىكى، تارىخىي قىياپىتىنى ساقلاش كېرەك.

ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشتا، ئاۋۋال ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش، قوغداش لايىھەسى تۈزۈپ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

نۇقتىلىق ساياھەت شەھەر-بازىرىنىڭ يېڭى شەھەر رايونىنى پىلانلىغاندا ۋە كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتكەندە، ساياھەت ئىقتىدارىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىمارەت ئۇسلۇبىنى ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

4-باب تىجارەت قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش

30-ماددا ساياھەت تىجارىتى قىلىشتا، تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە ئېلىش، قانۇن–نىزاملاردا ساياھەت تارمىقى ياكى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش بەلگىلەنگەن بولسا، مۇناسىپ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئېلىش لازىم.

31-ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى مۇلازىمەت تۈرى، مەزمۇنى ۋە ھەق ئۆلچىمىنى ئاشكارىلاپ، چىن، توغرا ساياھەت مۇلازىمىتى ئۇچۇرى بېرىپ، توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە ياكى ساھە ئۆلچىمى بويىچە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

ساياھەت تاۋارلىرى تىجارىتى قىلىشتا، باھاسى، تاۋار نامى، ئىشلەنگەن جايى، ئۆلچىمى، دەرىجىسى ۋە باھا بىرلىكىنى ئېنىق يېزىپ قويۇش لازىم.

32-ماددا ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەت پائالىيىتىنى تەشكىللىگەندە، ساياھەتچىلەر بىلەن يازما توختام تۈزۈپ، مۇلازىمەت تۈرى، ھەق ئۆلچىمى، جىسمانىي بىخەتەرلىك، جىسمانىي سۇغۇرتا ۋە خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىق ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى لازىم. ئەندىزىلىك توختامنى قوللانغاندا ساياھەتچىلەرگە توختامنىڭ ئالاقىدار ئەندىزىلىك ماددىلىرىنىڭ كونكرېت مەنىسىنى ئېيتىشى لازىم. ئۆزى ھەق تۆلەيدىغان تۈرلەرنى ساياھەت توختامىدا ئېنىق ئىزاھلاپ، ساياھەتچىلەرگە ئىختىيارىي تاللىتىش لازىم. ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجى بولسا، ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ئالاھىدە پۈتۈشسە بولىدۇ، ساياھەتچىلەرنى توختامدا پۈتۈشكىنىدىن باشقا تۈرلەرگە زورلاپ قاتناشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

33-ماددا ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ۋە كۈتۈۋېلىشتا، باشقا ساياھەت تىجارەتچىلىرى بىلەن كەسپىي ئالاقە قىلىشقا توغرا كەلسە، قانۇنلۇق ساپاغا ئىگە ساياھەت تىجارەتچىلىرىنى مۇلازىمەت قىلىشقا تاللاپ، ئىككى تەرەپ توختام تۈزۈپ، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى پۈتۈشۈشى كېرەك.

34-ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى كوللېكتىپ ساياھەت كەسپىنى مۇستەقىل باشقۇرۇشى لازىم. ئۆتكۈزۈۋېتىشكە، قوشۇۋېتىشكە توغرا كەلسە، ساياھەتچىلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەمدە ساياھەت توختامىغا يېزىش لازىم.

ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆمەكنى ئۆز ئالدىغا ئۆتكۈزۈۋېتىشىگە، قوشۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

35-ماددا ساياھەت يولۇچى تىرانسپورت تىجارىتىدە تىجارەت ساپانامىسى ۋە ئالاقىدار كىنىشكىلارنى قانۇن بويىچە ئېلىش ھەمدە تىرانسپورت مۇلازىمىتىنى ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن تۈزگەن ساياھەت تىرانسپورت توختامىغا ئاساسەن قىلىش، ئۆز مەيلىچە تىرانسپورت لىنىيەسىنى ئۆزگەرتمەسلىك، تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى ئالماشتۇرۇۋەتمەسلىكى، ساياھەت ئۆمىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنى ئاپتوموبىلغا سېلىۋالماسلىق لازىم.

36-ماددا ساياھەت يېتەكچىلىرى ساياھەت يېتەكچىلىك سالاھىيەتنامىسى ئېلىشى لازىم. ساياھەت يېتەكچىسى گۇۋاھنامىسى يوقلارنىڭ ساياھەت يېتەكچىلىكى قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

ساياھەت يېتەكچىلىرى ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ساياھەت يېتەكچىلىكى قىلىشى، ساياھەت يېتەكچىلىك كەسپىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قوبۇل قىلماسلىقى، ساياھەت يېتەكچىلىكىنى ئۆز ئالدىغا قىلماسلىقى لازىم.

37-ماددا ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىلەرنى بەلگىلەنگەن جايدا تاۋار سېتىۋېلىشقا ياكى بەلگىلەنگەن تاۋارنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىماسلىقى ياكى باشقىچە يول بىلەن مەجبۇرلىماسلىقى لازىم.

ساياھەتچىلەر ساياھەت كوپىراتىپى ئورۇنلاشتۇرغان مال سېتىۋېلىش سورۇنىدا سېتىۋالغان تاۋار ساختا، ناچار ياكى كۈچىدىن قالغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن تاۋار بولۇپ قېلىپ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، ساياھەت كوپىراتىپى ئاۋۋال تۆلەپ بېرىشى كېرەك؛ ساياھەت كوپىراتىپى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، ساياھەت ماللىرىنى سېتىۋېلىش سورۇنىنىڭ تىجارەتچىلىرىدىن ياكى ساتقۇچىلىرىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

38-ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى ساياھەت بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مال– مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سورۇن ۋە ساياھەت تۈرىنى ساياھەتچىلەرگە ئېيتىپ قويۇشى ۋە ئېنىق ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك. ساياھەت بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىشى ھەمدە شۇ جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى لازىم.

ياتاق ۋە يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قىلىدىغان تىجارەتچىلەر ساياھەتچىلەرگە بىخەتەر، پاكىز مۇلازىمەت قىلىشى ۋە باھاسىغا لايىق سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك، ساياھەتچىلەر كېسەل بولۇپ قېلىش، نەرسە-كېرەكلىرى ئوغرىلىنىش، تاسادىپىي يارىلىنىش قاتارلىق تاسادىپىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ياردەملىشىپ بىر تەرەپ قىلىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

39-ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى لەيلەش، قىياغا يامىشىش، ئوۋ ئوۋلاش، ئېكسپېدىتسىيە قىلىش، ئېگىزدىن سەكرەش قاتارلىق ئالاھىدە ساياھەت تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلىتىشى كېرەك.

40-ماددا جىسمانىي بىخەتەرلىككە چېتىلىدىغان كابىللىق فۇنىكۇليور، فۇنىكۇليور، ساياھەت كېمىسى، كاتېر قاتارلىق ساياھەت ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا تەكشۈرتۈپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن تىجارەتكە كىرىشتۈرۈش لازىم.

ساياھەت تىجارەتچىلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۈسكۈنە، ئەسلىھەنى كۈندىلىك ئاسراش، رېمونت قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى؛ بىخەتەرلىك ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى كېرەك.

41-ماددا ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)نى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلار ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) يىرىك پىلانى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، تاماشا قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك-ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، تازىلىق، بىخەتەرلىك ئەسلىھە-ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى ئورنىتىشى ھەمدە ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ مۇھىتىغا ماس كېلىدىغان بەلگە ۋە جامائەتكە ئۇچۇر بېرىدىغان سۈرەتلىك بەلگە ئورنىتىشى لازىم.

ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەر سانى ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى سىغىم مىقدارىغا يېقىنلاشقاندا، ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)نى باشقۇرغۇچى ئاپپارات بۇ ھەقتە ۋاقتىدا ئۇچۇر بېرىشى، تارقاقلاشتۇرۇشى، تەدبىر قوللىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى تىزگىنلىشى كېرەك.

42-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) ئىچىدە يايما يېيىشىغا، ساياھەتچىلەرگە تاۋار ساتقان ياكى ھەقلىق مۇلازىمەت قىلغاندا، ئازدۇرۇشىغا، يېپىشىۋېلىشىغا، ئالدىشىغا، تەھدىت سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

43-ماددا ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)دا ئېھتىياجغا قاراپ، چۈشەندۈرۈش، مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇشقا بولىدۇ. ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)نىڭ چۈشەندۈرگۈچىلىرى تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، شۇ ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)دا چۈشەندۈرۈشى كېرەك. چۈشەندۈرۈش ھەققى ئالىدىغانلار ئاشكارا باھا قويۇشى كېرەك.

44-ماددا ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ياشانغانلار، مېيىپلەر، رەسمىي ھەربىيلەر، ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق مۇئەييەن كىشىلەرگە ھەقسىز ياكى ئېتىبار باھادا مۇلازىمەت قىلىشى لازىم.

ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) ھەقسىز تۈرلەر ياكى ئېتىبار تۈرلەرنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.

5-باب ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى

45-ماددا ساياھەتچىلەر تۆۋەندىكى ھوقۇقلارغا ئىگە:

(1) ساياھەت تىجارەتچىلىرى تەمىنلىگەن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش؛

(2) ساياھەت تىجارەتچىلىرى ۋە ئۇلار تەمىنلىگەن مۇلازىمەت تۈرى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش؛

(3) ساياھەت تىجارەتچىلىرىدىن پۈتۈشكىنى ياكى ئادەت بويىچە، سۈپىتى، باھاسىغا لايىق مۇلازىمەتنى تەلەپ قىلىش؛

(4) مەجبۇرىي سودا ھەرىكىتى ۋە توختامدا پۈتۈشكەندىن باشقا ھەق ئېلىش مۇلازىمىتىنى رەت قىلىش؛

(5) جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى جەھەتتە كاپالەتكە ئېرىشىش؛

(6) ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ھۆرمەتلىنىش؛

(7) قانۇن-نىزامدا بەلگىلەنگەن ياكى ساياھەت توختامىدا پۈتۈشكەن باشقا ھوقۇقلار.

46-ماددا ساياھەتچىلەر تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ:

(1) قانۇن-نىزام ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش؛

(2) دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتكە ھۆرمەت قىلىش؛

(3) ساياھەت بايلىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىزنالىرى ۋە ساياھەت ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش؛

(4) بىخەتەرلىككە ۋە تازىلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش؛

(5) ساياھەت توختامىدا پۈتۈشكەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر.

47-ماددا ساياھەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكەندە ياكى ساياھەت تىجارەتچىلىرى بىلەن تالاش-تارتىش كۆرۈلگەندە، تۆۋەندىكى يول بىلەن ھەل قىلىشقا بولىدۇ:

(1) ئىككى تەرەپ كېڭىشىش؛

(2) ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىدىن مۇرەسسە قىلىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىش؛

(3) ساياھەت، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باھا تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارغا ئەرز قىلىش؛

(4) قانۇن بويىچە كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى دەۋا قىلىش.

6-باب نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش

48-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، ساياھەت بازىرى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ساياھەت تىجارەتچىلىرى ۋە كەسىپكارلارنىڭ تىجارەت پائالىيىتى ۋە ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى لازىم.

49-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەت بىخەتەرلىكى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت بىخەتەرلىكى نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە بىخەتەرلىك ھادىسە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى قاتناش-تىرانسپورت، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سەھىيە، تاشقى ئىشلار، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى، يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ساياھەت بىخەتەرلىكى بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت تاسادىپىي ۋەقەسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، ساياھەت بىخەتەرلىكىگە دائىر مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

50-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ۋە ساياھەت تىجارەتچىلىرىنى تەشكىللەپ، ساياھەتتە قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت تاسادىپىي ۋەقەسىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

51-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىستىراھەت ساياھىتىنى ئالدىن مەلۇم قىلىش تۈزۈمى ۋە ساياھەت ئاگاھ ئۇچۇرى بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، چوڭ-چوڭ ھېيت– بايرام، تەبرىكلەش پائالىيىتى مەزگىلىدە، ئاساسلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)دا ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۇچۇرىنى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىسى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىشى لازىم.

ئاساسلىق ساياھەت رايونى (نۇقتىسى)دا ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولۇپ قالسا، شۇ جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ساياھەت ئاگاھ ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

52-ماددا باھا مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)نىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسىنى بېكىتىش ياكى ئۆستۈرۈشتە، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەردىن تولۇق پىكىر ئېلىشى ھەمدە ئىجرا قىلىشتىن ئالتە ئاي بۇرۇن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى، بىر خىل ئىشىك بېلىتىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئارىلىقى ئۈچ يىلدىن كەم بولماسلىقى، ئۆستۈرۈش دەرىجىسى دۆلەت بەلگىلىگەن چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.

ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)نىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسىنى خالىغانچە بېكىتىشىگە ياكى تەڭشىشىگە، تۇتاش بېلەتلەرنى مەجبۇرىي سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

53-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ساياھەتچىلىككە ئائىت دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى ۋە يەرلىك ئۆلچەمنى يولغا قويۇپ، ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ ساياھەت ئەسلىھەسى ۋە ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشى لازىم.

54-ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى ئىختىيار قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. باھالاشتا يۇلتۇز دەرىجىسىگە ۋە دەرىجىگە ئېرىشكەن ساياھەت تىجارەتچىلىرى يۇلتۇز دەرىجىسى ۋە دەرىجە ئۆلچىمى بويىچە ھەق ئالىدۇ ھەمدە شۇنىڭغا لايىق مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ مۇناسىپ يۇلتۇز دەرىجىسىگە ۋە دەرىجىگە ئېرىشەلمىگەن ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ يۇلتۇز دەرىجىسى ۋە دەرىجە بەلگىسى ياكى نامىنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

55-ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى بەلگىلىمە بويىچە ساياھەت ئىستاتىستىكا مەلۇمات جەدۋىلى ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا، توغرا، تولۇق، ئەينەن يوللاپ، ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

56-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ساياھەت ئەرز– شىكايەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلىشى لازىم.

ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ئەرز–شىكايەتلىرىدىن نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىرى ھەققىدە نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى كېرەك؛ نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلالمايدىغانلىرى ھەققىدە ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىدۇ ھەمدە ئەرز قىلغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ؛ باشقا مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار بىر تەرەپ قىلىدىغانلىرىنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ ھەمدە ئەرز قىلغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

57-ماددا ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)نى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلاردىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) يىرىك پىلانى تۈزمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) يىرىك پىلانىنى قانۇن بويىچە تەستىقلاتماي تۇرۇپ، قۇرۇلۇشنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشلىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە جازالايدۇ.

58-ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنلۇق ساپا ھازىرلىمىغان ساياھەت تىجارەتچىلىرىنى ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشقا تاللىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

59-ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن ساياھەت توختامىدا پۈتۈشكىنىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئۆمەكنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، قوشۇۋېتىش ياكى ساياھەتچىلەرنى بەلگىلەنگەن جايدا مال سېتىۋېلىش، بەلگىلەنگەن تاۋارنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاش، باشقىچە ئۇسۇل بىلەن مەجبۇرلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان سېلىپ، زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى سودا– سانائەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

60-ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى جازالايدۇ:

(1) ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سورۇننى ۋە ساياھەت تۈرىنى ساياھەتچىلەرگە ئالدىن ئۇقتۇرمىغان ۋە ئېنىق ئاگاھلاندۇرمىغانلارغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛

(2) ساياھەت بىخەتەرلىك ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، شۇ جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا مەلۇم قىلمىغانلارغا 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛

(3) ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەر سانى ئەڭ يۇقىرى سىغىم مىقدارىغا يېقىنلاشقاندا، ساياھەتچىلەرگە ۋاقتىدا ئۇچۇر بەرمىگەن ياكى تەدبىر قوللىنىپ ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى تىزگىنلىمىگەنلەرگە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

61-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)دا ئۆز مەيلىچە يايما يايغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە جازالايدۇ؛ تاۋار ساتقان ياكى ھەقلىق مۇلازىمەت قىلغاندا، ساياھەتچىلەرنى ئازدۇرغان، يېپىشىۋالغان، ئالدىغان، تەھدىت سالغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

62-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە سۈپەت دەرىجە ئۆلچىمىگە لايىق مۇلازىمەت قىلمىغانلارنى ياكى يۇلتۇز دەرىجىسى ۋە دەرىجە بەلگىسى، نامىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

63-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)نىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسىنى خالىغانچە بېكىتكەن، ئۆستۈرۈۋالغان ياكى تۇتاش بېلەتنى زورلاپ ساتقانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە جازالايدۇ.

64-ماددا ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ياكى باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) ساياھەت باشقۇرۇشتا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا ئائىت دېلونى قوبۇل قىلمىغان ياكى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(2) مەمۇرىي ئىجازەت ياكى مەمۇرىي جازانى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بەرگەنلەر؛

(3) ساياھەت تىجارەتچىلىرىگە سېلىق سالغان ياكى ئۇلاردىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا ھەق ئالغان، ئۇلارنى تەكشۈرگەنلەر؛

(4) خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

65-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جازا بېرىلىدىغان باشقا قىلمىشلارغا ئالاقىدار قانۇن-نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

66-ماددا بۇ نىزام 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/7898328.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#