كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى

2001-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-يىغىنىدا ماقۇللاندى .

ئۇيغۇرچە نامى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国职业病防治法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

(2001-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-يىغىنىدا ماقۇللاندى) 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن كەسپىي كېسەل خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش، ۋە تۈگىتىش، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساغلاملىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىلدى. 

2-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا تەتبىقلىنىدۇ. 

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كەسپىي كېسەل كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە يەككە ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار(تۆۋەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دېيىلىدۇ) دىكى ئەمگەكچىلەر كەسپىي پائالىيەتتە چاڭ-توزان، رادىئوئاكتىپ ماددا ۋە زەھەرلىك، زىيانلىق باشقا ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشى سەۋەبىدىن بولغان كېسەلنى كۆرسىتىدۇ. 

كەسپىي كېسەلنىڭ تۈرى ۋە مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ، تەڭشەيدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

3-ماددا كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈر بويىچە باشقۇرۇش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش يولغا قويۇلىدۇ.

4-ماددا ئەمگەكچىلەر كەسپىي ساغلاملىقنى قانۇن بويىچە ئاسراشقا ھوقۇقلۇق. 

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرگە دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى، ساغلاملىق تەلىپىگە ئۇيغۇن خىزمەت مۇھىتى ۋە شارائىتى يارىتىپ بېرىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي ساغلاملىقىنى ئاسرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

5-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى، شۇ ئورۇندىكى كەسپىي كېسەل خەۋپىدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

6-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا قانۇن بويىچە قاتنىشىشى شەرت. 

گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

7-ماددا دۆلەت كەسپىي كېسەلنڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشقا پايدىلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر، يېڭى ماتېرىيالنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، كېڭەيتىش ۋە ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىدۇ؛ كەسپىي كېسەلنىڭ سەۋەبى ۋە پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى ھەققىدىكى ئۇل تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ؛ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك تېخنىكا، ھۈنەر ۋە ماتېرىيالنى پائال ئىشلىتىدۇ؛ كەسپىي كېسەل زىيىنى ئېغىر تېخنىكا، ھۈنەر ۋە ماتېرىيالنى ئىشلىتىشنى چەكلەيدۇ ياكى شاللىۋېتىدۇ. 

8-ماددا دۆلەت كەسپىي ساغلاملىق نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەت بويىچە كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ. 

9-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانۇننى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشنى قوللىشى كېرەك. 

10-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئائىت تەشۋىق-تەربىيىنى كۈچەيتىشى، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قارىشىنى كۈچەيتىشى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساغلاملىق ئاسراش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. 

11-ماددا دۆلەتنىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئالاقىدار كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

12-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس بۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.

2-باب ئالدىنقى مۇداپىئە 

13-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن كەسپىي كېسەل، خەۋپى پەيدا قىلىدىغانلىرىنى تەسىس قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇغاندىن سىرت، خىزمەت سورۇنلىرىنى تۆۋەندىكى كەسپىي ساغلاملىق تەلىپىگىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك:

(1) كەسپىي كېسەل خەۋپ ئامىلىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ياكى زىچلىقى دۆلەتنىڭ كەسىپى ساغلامىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(2) كەسپىي كېسەل خەۋپىدىن ساقلىنىشقا مۇناسىپ ئەسلىھەلەر بولۇش؛

(3) ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسى مۇۋاپىق بۇلۇش، خەۋپلىك مەشغۇلات بىلەن خەۋپسىز مەشغۇلاتنى ئايرىۋېتىش پرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولۇش؛ 

(4) يۈرۈشلەشكەن كىيىم يۆتكەش ئۆيى، مۇنچا، ھامىلىدارلار ئارامخانىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەر بولۇش؛ 

(5) ئۈسكۈنە، قورال–سايمان قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئەمگەكچىلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخىك ساغلاملىقىنى ئاسراش تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش؛

(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشقا دائىر باشقا تەلەپلىرى. 

14-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىدا كەسپىي كېسەل خەۋپى تۈرىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. 

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە ئېلان قىلغان كەسپىي كېسەل مۇندەرىجسىدىكى كەسپىي كېسەل خەۋپى تۈرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋاقتىدا، ئەينەن مەلۇم قىلىپ، نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 

كەسپىي كېسەل خەۋپى تۈرىنى مەلۇم قىلىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىدۇ. 

15-ماددا قۇرۇلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش، تېخنىكا كىرگۈزۈش تۈرلىرى(تۆۋەندە قۇرۇلۇش تۈرى دېيىلىدۇ) دىن كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغانلىرىنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ئالدىن باھالاش دوكلاتىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن مۇمكىنلىك دەلىللەش باسقۇچىدا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ئالدىن باھالاش دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشى ھەمدە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئالدىن باھالاش دوكلاتى تاپشۇرۇلمىغان ياكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەن قۇرۇلۇش تۈرىنى ئالاقىدار تارماقنىڭ تەستىقلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ئالدىن باھالاش دوكلاتىدا قۇرۇلۇشنىڭ كەسپىي خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئامىلى، خىزمەت سورۇنى ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە كۆرسىتىلىدىغان تەسىرى باھالىنىشى، خەۋپ تۈرى ۋە كەسپىي كېسەل مۇداپىئە تەدبىرى بېكىتىلىشى كېرەك. 

قۇرۇلۇشنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى تۈر مۇندەرىجىسى ۋە تۈر بويىچە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىدۇ. 

16-ماددا قۇرۇلۇشنىڭ كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىگە كېتىدىغان خىراجەتنى قۇرۇلۇش تۈرى خام چوتىغا كىرگۈزۈش ھەمدە ئۇنى قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بىلەن تەڭ لايىھىلەش، تەڭ ئىشلەش، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىش كېرەك.

كەسپىي كېسەل خەۋپى ئېغىر قۇرۇلۇشنىڭ مۇداپىئە ئەسلىھە لايىھىسىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى سەھىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈشى كېرەك، دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغانلىرىدا ئىش باشلاشقا بولىدۇ. 

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن پۈتكۈك قۇرۇلۇشنى ئۆتكۈزۇۋېلىشتىن بۇرۇن، كەسپىي كېسەل خەۋپىنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى باھالىشى كېرەك. پۈتكەن قۇرۇلۇشنى ئۆتكۈزۈۋېلىشتا، كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىدىن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلىگەنلىرى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرشتۈرۈلسە ۋە ئىشلىتىلسە بولىدۇ. 

17-ماددا كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىدىن ساپا ئىسپاتى ئالغان كەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى باھالايدۇ. كەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئوبيېكتىپ ۋە چىن باھا بېرىشى كېرەك. 

18-ماددا دۆلەت ردىئوئاكتىپلىق، ئۆتكۈر زەھەرلىك مەشغۇلاتلارنى ئالاھىدە باشقۇرىدۇ. كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋيۈەن تۈزىدۇ. 

3-باب ئەمگەك جەريانىدىكى مۇداپىئە ۋە باشقۇرۇش 

19-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا، تۆۋەندىكى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك: 

(1) كەسپىي ساغلاملىق باشقۇرۇش ئاپپاراتى ياكى تەشكىلاتى قۇرۇپ ياكى بېكىتىپ، مەخسۇس ياكى قوشۇمچە كەسپىي ساغلاملىق خادىملىرىنى قويۇپ، شۇ ئورۇننىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىش؛ 

(2) كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش پىلانى ۋە يولغا قويۇش لايىھىسىنى تۈزۈش؛ 

(3) كەسپىي ساغلاملىق باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ 

(4) كەسپىي ساغلاملىق ئارخىپى ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزىتىش ئارخىپى تۇرغۇزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ 

(5) خىزمەت سورۇنىدىكى كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى كۆزىتىش، باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛

(6) كەسپىي كېسەل خەۋپىدىن بولغان ھادىسىدە جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھىسىنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش. 

20-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كەسپىي كېسەل مۇداپىئەسىدە ئۈنۈملۈك ئەسلىھەدىن پايدىلىنىشى ھەمدە ئەمگەكچىلەرگە ئۆزى ئىشلىتىدىغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمى بېرىشى شەرت. 

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرگە بەرگەن كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت؛ تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 

21-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا، ئەمگەكچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر، يېڭى ماتېرىياللارنى ئاۋۋال ئىشلىتىشى، ئۇنى كەسپىي كېسەل خەۋپى ئېغىر بولغان تېخنىكا، ھۈنەر، ماتېرىيالنىڭ ئورنىغا پەيدىنپەي دەسسىتىشى كېرەك.

22-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغانلىرى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا ئېلان تاختىسى ئورنىتىپ، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قائىدە–تۈزۈم، مەشغۇلات قائىدىسى، كەسپىي كېسەل خەۋپىدىن بولغان ھادىسىدە جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى ۋە خىزمەت سورۇنىدىكى كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى كۆزىتىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك. 

ئېغىر كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان مەشغۇلات ئورنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئاگاھ بەلگىسى ۋە جۇڭگو يېزىقىدىكى ئاگاھ چۈشەندۈرمىسى ئورنىتىش كېرەك. ئاگاھ چۈشەندۈرمىسىدە كەسپىي كېسەل خەۋپىنىڭ تۈرى، ئاقىۋىتى، ئالدىنى ئېلىش، شۇنىڭدەك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك. 

23-ماددا جىددىي خاراكتېرلىك كەسپىي زىيان–زەخمەت كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان زەھەرلىك، زىيانلىق خىزمەت سورۇنلىرىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار سىگنال قۇرۇلمىسى ئورنىتىشى، نەق مەيداندا جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇمى، يۇيۇش–تازىلاش ئۈسكۈنىسى سەپلىشى، جىددىي ئەھۋالدا چېكىنىش يولى ۋە زۆرۈر خەتەر تۈگىتىش رايونى قالدۇرۇشى كېرەك. 

رادىئوئاكتىپلىق خىزمەت سۇرۇنىدا ۋە رادىئوئاكتىپلىق ئىزوتوپلارنى توشۇش، ساقلاشتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى ۋە سىگنال قۇرۇلمىسى ئورنىتىشى، رادىئوئاكتىپلىق نۇر بىلەن ئۇچرىشىدىغان خادىملارنىڭ دوزىمېتىرى ئېسىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. 

كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسلىھەسى ۋە شەخسلەرنىڭ كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دائىم ئاسراپ، رېمونت قىلىپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ق نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، ئۇنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇشقا ياكى تاشلاپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ. 

24-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى كۈندىلىك كۆزىتىشكە مەخسۇس ئادەم قويۇشى ھەمدە كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، خىزمەت سورۇنلىرىدا كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى، باھالىشى كېرەك. تەكشۈرۈش، باھالاش نەتىجىسىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئارخىپىغا سېلىش، قەرەللىك ھالدا شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا دوكلات قىلىش ھەمدە ئەمگەكچىلەرگە ئېلان قىلىش لازىم.

كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىدىن ساپا ئىسپاتى ئالغان كەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى تەكشۈرىدۇ ۋە باھالايدۇ. كەسپىي تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئوبيېكتىپ، چىن تەكشۈرۈشى، باھالىشى كېرەك. 

خىزمەت سورۇنىدا كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە ساغلاملىق تەلىپىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى بايقالغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دەرھال مۇناسىپ تۈزەش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە ساغلاملىق تەلىپىگە يەنىلا يەتكۈزۈلمىگەنلەر كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى بار مەشغۇلاتنى توختىتىشى شەرت؛ كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى تۈزەش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە ساغلاملىق تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغاندا، قايتا مەشغۇلات قىلىشقا بولىدۇ. 

25-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننى كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر جۇڭگو يېزىقىدىكى چۈشەندۈرمىسىنى بېرىشى ھەمدە ئۈسكۈنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئاگاھ بەلگىسى قويۇشى ۋە جۇڭگو يېزىقىدىكى ئاگاھ چۈشەندۈرمىسىنى ئورنىتىشى كېرەك. ئاگاھ چۈشەندۈرمىسىدە ئۈسكۈنىنىڭ ئىقتىدارى، پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان كەسپىي كېسەل خەۋپى، بىخەتەر مەشغۇلات قىلىش ۋە قوغداشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار، كەسپىي كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش ھەمدە جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك. 

26-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان خىمىيىلىك بۇيۇم، رادىئوئاكتىپلىق ئىزوتوپ ۋە تەركىبىدە رادىئوئاكتىپ ماددا بار ماتېرىيال بەرگەنلەر جۇڭگو يېزىقىدىكى چۈشەندۈرمىسىنى بېرىشى لازىم. چۈشەندۈرمىگەن مەھسۇلاتنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئاساسلىق تەركىبى، خەۋپ ئامىلى، پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپلىك ئاقىۋەت، بىخەتەر ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار، كەسپىي كېسەل مۇداپىئە تەدبىرى، شۇنىڭدەك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلار يېزىلىشى كېرەك. مەھسۇلات ئورۇسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە ئاگاھ بەلگىسى ۋە جۇڭگو يېزىقىدىكى ئاگاھ چۈشەندۈرمىسى بولۇشى لازىم. يۇقىرىقى ماتېرىياللار ساقلانغان سورۇنلانىڭ بەلگىلەنگەن يېرىگە خەتەرلىك بۇيۇم بەلگىسى ياكى رادىئو ئاكتىپ ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىش كېرەك.

كەسپىي كېسەل خەۋپىگە مۇناسىۋەتلىك خىمىيىلىك ماتېرىياللارنى مەملىكەت ئىچىدە تۇنجى ئىشلىتىش ياكى تۇنجى ئىمپورت قلىشتا، ئىشلەتكۈچى ياكى ئىمپورت قىلغۇچى ئورۇن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا شۇ خىمىيىلىك ماتېرىيالنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرنى باھالاش ماتېرىيالى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئورۇن رويخەتكە ئالغان ياكى ئىمپورت قىلىشنى تەستىقلىغان ھۆججەت قاتارلىق ماتېرىياللارنى يوللىشى كېرەك. 

رادىئو ئاكتىپ ئىزوتوپ، نۇر قۇرۇلما ۋە تەركىبىدە رادىئوئاكتىپ ماددا بۇيۇملار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىمپورت قىلىنىدۇ. 

27–ماددا ھەر قانداق ئورۇن شەخسنىڭ دۆلەت ئىشلىتىشنى چەكلىگەن كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۈسكۈنە ياكى ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشىگە، تىجارەت قىلىشىغا، ئىمپورت قىلىشىغا ۋە ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

28-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان مەشغۇلاتنى كەسپىي كېسەل مۇداپىئە شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئورۇق ۋە شەخسلەرگە يۆتكىشىگە يول قويۇلمايدۇ. كەسپىي كېسەل مۇداپىئە شەرتىنى ھازىرلىمىغا ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان مەشغۇلاتنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

29-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشلەتكەن تېخنىكا، ھۈنەر، ماتېرىياللارنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.

كەسپىي كېسەل خەۋپى بار تېخنىكا، ھۈنەر، ماتېرىياللارنىڭ خەۋپىنى يوشۇرۇن ئىشلەتكەنلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەسپىي كېسەل خەۋپىنىڭ ئاقىۋىتى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

30-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەر بىلەن ئەمگەك توختامى(جۈملىدىن تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىش توختامى، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) تۈزۈشتە، خىزمەت جەريانىدا پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان كەسپىي كېسەل خەۋپى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى، كەسپىي كېسەل مۇداپىئە تەدبىرى ۋە تەمىنات قاتارلىقلارنى ئەمگەكچىلەرگە ئەينەن ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئەمگەك توختامىغا ئېنىق يېزىشى كېرەك، يوشۇرۇشقا ياكى ئالداشقا يول قويۇلمايدۇ.

ئەمگەكچىلەر ئەمگەك توختامى تۈزگەن مەزگىلدە، خىزمەت ئورنى ياكى خىزمەت مەزمۇنىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى سەۋەبلىك ئەمگەك توختامىدا يېزىلمىغان كەسپىي كېسەل خەۋپى بولغان مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىگە ئەينەن ئۇقتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ھەمدە ئەسلىي ئەمگەك توختامىدىكى ئالاقىدار ماددىلارنى كېڭىشىپ ئۆزگەرتىشى لازىم. 

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ئەمگەكچىلەر كەسپىي كېسەل خەۋپى بولغان مەشغۇلاتنى قىلماسلىققا ھوقۇقلۇق، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىلەر بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى شۇ سەۋەبتىن بىكار قىلىشىغا ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

31-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ مەسئۇلى كەسپىي ساغلاملىق تەربىيىسى ئېلىشى، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن–نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، ئۆز ئورنىدىكى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە تەشكىللىشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن كەسپىي ساغلاملىق بويىچە تەربىيىلىشى، ئىش ئورنىغا چىققان مەزگىلدە كەسپىي ساغلاملىق بويىچە قەرەللىك تەربىيىلىشى، كەسپىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى، ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋاملاشقا دائىر قانۇن–نىزام، قائىدە ۋە مەشغۇلات قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى ۋە شەخسي ئىشلىتىدىغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى توغرا ئىشلىتشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. 

ئەمگەكچىلەر مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىشى، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋاملىق دائىر قانۇن–نىزام، قائىدە ۋە مەشغۇلات قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى، كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى ۋە شەخسى ئىشلىتىدىغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمىنى توغرا ئىشلىتىشى، ئاسرىشى، كەسپىي كېسەل خەۋپىدىن بولىدىغان يوشۇرۇن ھادىسىنى سەزگەن ھامان دوكلات قىلىشى كېرەك.

ئەمگەكچىلەر ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۇلارغا تەربىيە بېرىشى كېرەك. 

32-ماددا كەسپىي كېسەل خەۋپى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئەمگەكچىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئىش ئورنىغا چىققاندا، ئىش ئورنىدىن ئايرىلغاندا كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئەمگەكچىگە ئەينەن ئۇقتۇرۇشى كېرەك. كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەققىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقىرىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىش ئورنىغا چىقشتىن بۇرۇن كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن ئەمگەكچىنى كەسپىي كېسەل خەۋپى بولغان ئىشقا قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ كەسپىي پەرھىزى بار ئەمگەكچىنى شۇ ئىشقا قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ؛ كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە سالامەتلىكى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىدىن زىيانغا ئۇچرىغانلىقى سېزىلگەن ئەمگەكچىنى ئەسلىي ئىش ئورنىدىن يۆتكىۋېتىشى ھەمد مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرتمىگەن ئەمگەكچى بىلەن تۈزۈلگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشىغا ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

33-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي سالامەتلىك كۆزىتىش ئارخىپى تۇرغۇزۇشى ھەمدە بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە ياخشى ساقلىشى لازىم. 

كەسپىي سالامەتلىك كۆزىتىش ئارخىپىدا ئەمگەكچىنىڭ كەسپىي تارىخى، كەسپىي كېسەل خەۋپى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى، كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاش ماتېرىيالى قاتارلىق شەخسىي سالامەتلىكىگە دائىر ماتېرىياللار بولۇشى كېرەك. 

ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن ئايرىلغاندا، ئۆزىنىڭ كەسپىي سالامەتلىكىنى كۆزىتىش ئارخىپىنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى ئېلىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەينەن، ھەقسىز بېرىشى ھەمدە كۆپەيتىلمىسىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك. 

34-ماددا جىددىي خاراكتېرلىك كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە تىزگىنلەش تەدبىر قوللىنىشى ھەمدە شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋە ئالاقىدار تارماققا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ۋاقتىدا تەشكىللىشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپلغاندا ۋاقىتلىق تىزگىنلەش تەدبىر قوللانسا بولىدۇ. 

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن جىددىي خاراكتېرلىك كەسپىي كېسەل خەۋپىگە ئۇچرىغان ياكى ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ئەمگەكچىنى قۇتقۇزۇشقا، سالامەتلىك تەكشۈرۈشىكە ۋە تېببىي كۆزىتىشىكە ۋاقتىدا تەشكىللىشى كېرەك، خىراجىتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقىرىدۇ. 

35-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كەسپىي كېسەل خەۋپى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئۆزىگە ۋە ھامىلىگە، بوۋاققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

36-ماددا ئەمگەكچىلەر تۆۋەندىكى كەسپىي ساغلاملىق ئاسراش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ: 

(1) كەسپىي ساغلاملىق تەلىم–تەربىيىسى ئېلىش؛

(2) كەسپىي سالامەتلىك بويىچە تەكشۈرتۈش، كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويدۇرۇش ۋە ئۇنى داۋالىتىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىش؛  

(3) خىزمەت سورۇنىدا كېلىپ چىقىدىغان ياكى كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان كەسپىي كېسەل خەۋپىنىڭ ئامىلى، ئاقىۋىتىنى ۋە قوللىنىشقا تېگىشلىك كەسپىي كېسەل مۇداپىئە تەدبىرىنى بىلىش؛ 

(4) ئادەم ئشلەتكۈچى ئورۇندىن كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە شەخسىي ئىشلىتىدىغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمى بېرىشنى، خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىش؛ sfsef 

(5) كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن–نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىش، شۇنىڭدەك ساغلاملىققا خەۋپ يەتكۈزۈشا قىلمىشىنى تەنقىدلەش، پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىش؛ 

(6) قائىدىگە خىلاپ بۇيرۇقنى ۋە كەسپىي كېسەل مۇداپىئە تەدبىرى بولمىغان ئىشقا زورلاشنى رەت قىلىش؛ 

(7) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ كەسپىي ساغلاملىق خىزمىتىنى دېموكراتىك باشقۇرۇشىغا قاتنىشىش، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش. 

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ھوقۇقلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. يوللۇن ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەن ئەمگەكچىنىڭ مائاش، پاراۋانلىق تەمىناتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش ياكى ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختاملىنى بىكار قىلىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 

37–ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ كەسپىي ساغلاملىققا ئائىت تەشۋىق-تەربىيە ۋە يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، ياردەملىشىشى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرۇننىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشى، ئەمگەكچى ئىنكاس قىلغان كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر مەسىلىلەردە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىنى كېلشتۈرۈشى ھەمدە ھەل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. 

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن–نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئېغىر كەسپىي كېسەل خەۋپىگە ئۇچرىغاندا، مۇداپىئە تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارمىقىغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش تەكلىپى بېرىشكە ھوقۇقلۇق؛ كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئەمگەكچىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللارنى بايقىغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئەمگەكچىنى خەتەرلىك جايدىن چېكىندۈرۈش تەكلىپى بېرىشكە ھوقۇقلۇق، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 

38-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەلىپى بويىچە، كەسپىي كېسەل خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، خىزمەت سورۇنىنىڭ تازىلىقىنى تەكشۈرۈش، سالامەتلىك كۆزىتىش ۋە كەسپىي ساغلاملىق بويىچە تەربىيىلەش خىراجىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىدىن ئەينەن چىقىم قىلىدۇ. 

4-باب كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە كەسپىي كېسەل بولغانلارنى كاپالەتلەندۈرۈش 

39-ماددا كەسپىي كېسەلگە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىغان داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى دىئاگنوز قويۇشى كېرەك. 

40-ماددا ئەمگەكچىلەر كەسپىي كېسەلگە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن جايلاشقان جايدىكى ياكى ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق جايىدىكى كەسپىي كېسەلگە قانۇن بويىچە دىئاگنوز قويىدىغان داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىدا دىئاگنوز قويدۇرسا بولىدۇ. 

41-ماددا كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى ۋە كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى باھالاش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىدۇ. كەسپىي كېسەللەرنىڭ يارىدارلىق، مېيىپلىق دەرىجىسىنى باھالاش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك–كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

42-ماددا كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشتا، تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىش كېرەك: 

(1) كېسەلنىڭ كەسپىي تارىخى؛ 

(2) كەسپىي كېسەل خەۋپى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى، نەق مەيداندىكى خەۋپنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش؛ 

(3) كلىنىكىلىق ئىپادىسى ۋە قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسى.

كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى بىلەن كېسەلنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى ئوتتۇرىسىدا مۇقەررەر باغلىنىش بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان دەلىل-ئىسپات بولمىسا، كېسەل پەيدا قىلىدىغان باشقا ئامىلنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندىن كېيىن، كەسپىي كېسەل، دەپ دىئاگنوز قويۇش كېرەك. 

كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويىدىغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئۈچتىن ئارتۇق كەسپىي دوختۇرغا كوللېكتىپ دىئاگنوز قويدۇرۇشى كېرەك. 

كەسپىي كېسەل دىئاگنوز ئىسپاتىغا دىئاگنوز قويۇشقا قاتناشقان دوختۇرلار بىرلىكتە ئىمزا قويۇش ھەمدە كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويىدىغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ تامغا بېسىشى كېرەك. 

43-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى كەسپىي كېسەللەر ياكى گۇمانىي كەسپىي كېسەللەرنى بايقىغاندا، شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. كەسپىي كېسەل، دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلىرىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ جايدىكى ئەمگەك–كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى مەلۇم قىلىشى كېرەك. 

سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئەمگەك–كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 

44-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ كەسپىي كېسەل ستاتىستىكا مەلۇماتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرىغا مەلۇم قىلىدۇ. 

45-ماددا كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىغا باشقىچە پىكىرى بولغانلار دىئاگنوز قويغان داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى بار جايدىكى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا باھالاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

كەسپىي كېسەل دىئاگنوزى ھەققىدىكى تالاش–تارتىشنى رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى باھالاش كومىتېتى تەشكىللەپ باھالايدۇ. 

رايون بار شەھەر دەرىجىلىك كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ باھالاش يەكۈنىگە قايىل بولمىغانلار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا قايتا باھالاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلس بولىدۇ. 

46-ماددا كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى باھالاش كومىتېتى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپىدۇ. 

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى تەسىس قىلىشى كېرەك، تالاش-تارتىش بولغان كەسپىي كېسەلنى دىئاگنوز قويۇپ باھالاشقا توغرا كەلسە، ئالاقىدارلار ياكى ئۇلار ھاۋالە قىلغان سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دىئاگنوز قويۇپ باھالاش كومىتېتىغا قاتنىشىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىن ئىختىيارىي بېكىتسە بولىدۇ.

كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى باھالاش كومىتېتى كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئېلان قىلغان كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى ۋە كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش، ئۇنى باھالاش چارىسى بويىچە باھالاپ، ئالاقىدارلارغا كەسپىي كېسەل دىئاگنوز باھانامىسى بېرىسى كېرەك. كەسپىي كېسەل دىئاگنوزنى باھالاش خىراجىتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقىرىدۇ.

47-ماددا كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى باھالاش كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر كەسپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، دىئاگنوز ئوبيېكتىپ، ئادىل باھالىشى ھەمدە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى باھالاش كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ئالاقىدارلار بىلەن ئاستىرتىن ئۇچراشماسلىقى، ئۇلاردىن پۇل-مال ياكى باشقا نەپ ئالماسلىقى، ئالاقىدارلار بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلىرى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك. 

خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغان دېلولاردا كەسپىي كېسەلنى باھالاشقا توغرا كەلسە، باھالاشقا قاتنىشىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇن، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇن بويىچە قۇرغان مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىن تاللاش كېرەك. 

48-ماددا كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش، ئۇنى باھالاشتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ كەسپىي ساغلاملىق ۋە سالامەتلىكىنى كۆزىتىشكە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرى كېرەك بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ماتېرىيالنى ئەينەن بېرىشى، ئەمگەكچى ۋە ئالاقىدار ئاپپاراتلارمۇ كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش، باھالاشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك. 

49-ماددا داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى گۇمانىي كەسپىي كېسەللەرنى بايقىغاندا، ئەمگەكچىگە ئېيتىپ قويۇشى ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن گۇمانىي كەسپىي كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇشنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛ گۇمانىي كەسپىي كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇش ياكى تېببىي كۆزىتىش مەزگىلىدە، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشقا ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ. گۇمانىي كەسپىي كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇش، تېببىي كۆزىتىش مەزگىلىدىكى خىراجەتنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقىرىدۇ. 

50-ماددا كەسپىي كېسەللەر دۆلەت بەلگىلىگەن كەسپىي كېسەل تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ. 

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي كېسەللەرنى داۋالىتىشى، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە قەرەللىك ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەسلىي خىزمىتىنى ئىشلەۋېرىشكە باب كەلمەيدىغا كەسپىي كېسەللەرنى ئەسلىي ئىش ئورنىدىن يۆتكىۋېتىشى ھەمدە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كەسپىي كېسەل خەۋپى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئەمگەكچىگە مۇۋاپىق ئىش ئورنى قوشۇمچە پۇلى بىرىشى كېرەك. 

51-ماددا كەسپىي كېسەللەرنى داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىراجىتى، يارىلانغان، مېيىپ بولغان، شۇنىڭدەك ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان كەسپىي كېسەللەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالىتى دۆلەتنىڭ ئىشتا يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىمىسى بويىچە بولىدۇ. 

52-ماددا كەسپىي كېسەللەردىن ئىشتا يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولغاندىن تاشقىرى، ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىر قانۇنلار بويىچە تۆلەم ئېلىش ھوقۇقىمۇ بولغانلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

53-ماددا كەسپىي كېسەل، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بولسىمۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە ئىشتا يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرمىغان ئەمگەكچىنىڭ داۋالىنىش ۋە تۇرمۇش كاپالىتىگە ئاخىرقى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىگە بولىدۇ؛ ئاخىرقى ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ شۇ كەسپىي كېسەل خەۋپىنىڭ بۇرۇن ئىشلىگەن ئورۇندا كېلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتى بولسا، بۇرۇن ئىشلىگەن ئورۇن ئىگە بولىدۇ. 

54-ماددا كەسپىي كېسەللەرنىڭ خىزمەت ئورنىدا ئۆزگىرىش بولسىمۇ، قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان تەمىناتى ئۆزگەرمەيدۇ. 

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن بۆلۈنۈش، قوشۇۋېتىلىش ۋە ۋەيران بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلىرى كەسپىي كېسەل خەۋپى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشى ھەمدە كەسپىي كېسەللەرنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىمىسى بويىچە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. 

5-باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

55-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن–نىزام، دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە ساغلاملىق تەلىپىگە بىنائەن، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى ۋە كەسپىي كېسەلنىڭ خەۋپىنى كۆزىتىش، باھالاش پائالىيىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ. 

56-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق: 

(1) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ۋە كەسپىي كېسەل خەۋپى بار نەق مەيدانغا كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش؛

(2) كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالنى كۆرۈش ياكى كۆپەيتىش ۋە ئەۋرىشكە ئېلىش؛

(3) كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن، نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇش.

57-ماددا كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادسىسى يۈز بەرگەن ياكى خەۋپنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادسىسى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولغاندا، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۆۋەندىكى ۋاقىتلىق تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ: 

(1) كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەشغۇلاتنى توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛

(2) كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياكى كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ماتېرىيال ۋە ئۈسكۈنىلەرنى پېچەتلەش؛ 

(3) كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى نەق مەيدانىنى تىزگىنلەشكە تەشكىللەش. 

كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى ياكى خەۋپ ئەھۋالى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەندىن كېيىن، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا بىكار قىلىشى كېرەك. 

58-ماددا كەسپىي كېسەل ساغلاملىق بويىچە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچىلار قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش گۇۋاھنامىسىنى كۆرستىشى كېرەك. 

كەسپىي ساغلاملىق بويىچە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچىلار ئۆز خىزمىتىگە سادىق بولۇشى، قانۇننى ئىجرا قىلىشى، قانۇن ئىجرا قىلىش قائىدىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىشى كېرەك؛ ئادەم ئىشلەتكۈچ ئورۇننىڭ مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان ئىشلارنى مەخپىي تۇتۇشى لازىم. 

59-ماددا كەسپىي ساغلاملىق بويىچە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچىلار قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭغا ماسلىشىشى كېرەك، رەت قىلىشقا ۋە توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

60-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۇنىڭ كەسپىي ساغلاملىق بويىچە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچىلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، تۆۋەندىكى ئىشلانى قىلماسلىقى كېرەك: 

(1) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرگە قۇرۇلۇشنىڭ ئالاقىدار ئىسپات ھۆججىتى، ساپا ئىسپات ھۆججىتىنى بېرىش ياكى ئۇنى تەستىقلاسش؛ 

(2) ئالاقىدار ئىسپات ھۆججىتى ئالغانلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق؛ 

(3) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردا كەسپىي كېسەل خەۋپى بارلىقى، كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايقىسىمۇ، قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانماسلىق؛

(4) بۇ قانۇن خىلاپ باشقا قىلمشلار. 

61-ماددا كەسپىي ساغلاملىق بويىچە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى قانۇن بويىچە بېكىتىلىشى كېرەك. 

سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، كەسپىي ساغلاملىق بويىچە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچىلارنىڭ سىياسىي، كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى، مۇشۇ قانۇندىكى ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىچكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، خادىملىرىنىڭ قانۇن، نىزامنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىنتىزامغا رېئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك. 

6-باب قانۇنى جاۋابكارلىقى 

62-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلانىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرىدۇ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنى كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ئىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىگە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قۇرۇلۇشنى توختىتىش، تاقىۋېتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ: 

(1) كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ئالدىن باھالىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ئالدىن باھالاش مەلۇماتىنى تاپشۇرمىغانلار ۋە ياكى كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ئالدىن باھالاش مەلۇماتىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تەكشۈرتمەي تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا ئىش باشلىغانلار؛ 

(2) قۇرۇلۇشنىڭ كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ ئىشقا كىرشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) كەسپىي كېسەل خەۋپى ئېغىر بولغان قۇرۇلۇشنىڭ كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى لايىھىسىنى دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمىگە ۋە ساغلاملىق تەلىپىگە يەتكۈزمەي تۇرۇپ قۇرۇلۇش قىلغانلار؛ 

(4) كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەسىنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپىنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى باھالىتىشقا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزمەي ياكى ئۆتكۈزەلمەي تۇرۇپ، . ئۆز بېشمچىلىق بىلەن ئىشلىتىۋەرگەنلەر. 

63-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپىلق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرىدۇ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ: 

(1) خىزمەت سورۇنىنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى تەكشۈرۈش، باھالاش نەتىجىسىنى ئارخىپقا سالمىغان، مەلۇم قىلمىغان، ئېلان قىلمىغانلار؛ 

(2) بۇ قانۇننىڭ 19-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغانلار؛ 

(3) كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قائىدىسى، كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ 

(4) ئەمگەكچىلەرنى كەسپىي ساغلاملىق بويىچە تەربىيىلەشكە تەشكىللەشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي كېسەل مۇداپىئەسىدە يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك تەدبىر قوللانمىغانلار؛ 

(5) كەسپىي كېسەل خەۋپى بولغان خىمىيىلىك ماتېرىيالنى مەملىكەت ئىچىدە تۇنجى ئىشلىتىش ياكى تۇنجى ئىمپورت قىلىشتا، تەركىبىدىكى زەھەرنى باھالىتىش ماتېرىيالى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار تارماقلار رويخەتكە ئالغان ياكى ئىمپورت قىلىشنى تەستىقلىغان ھۆججەتنى مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار. 

64-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

(1) كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان تۈرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا، ئەينەن مەلۇم قىلمىغانلار؛

(2) مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولغان كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى كۈندىلىك كۆزەتمىگەن ياكى كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلمىغانلار؛ 

(3) ئەمگەك توختامىنى تۈزگەن ياكى ئۆزگەرتكەندە، ئەمگەكچىگە كەسپىي خەۋپىنى ئەينەن ئېيتمىغانلار؛ 

(4) كەسپىي سالامەتلىك تاكشۈرتۈش، كەسپىي سالامەتلىك كۆزىتىش ئارخىپى تۇرغۇزۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئەمگەكچىگە ئەينەن ئېيتمىغانلار. 

65-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرىدۇ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ئىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىگە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تاقىتىۋېتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ:

(1) خىزمەت سورۇنىنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ياكى زىچلىقىنى دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر؛ 

(2) كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە شەخسلەر ئىشلىتىدىغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمى بەرمىگەن ياكى كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە شەخسلەر ئىشلىتىدىغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمى بەرگەن بولسىمۇ، دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە ساغلاملىق تەلىپىگە يەتمىگەنلەر؛ 

(3) كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى، جىددىي قۇتقۇزۇس ئەسلىھەسى ۋە شەخسلەر ئىشلىتىدىغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمىنى ئاسراس، رېمونت قىلىش، تەكشۈرۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى نورمال ئىشلەش ھالىتىنى ساقلىيالمىغانلار؛ 

(4) خىزمەت سورۇنىنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(5) خىزمەت سورۇنىنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى تۈزەش ئارقىلقمۇ دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە ساغلاملىق تەلىپىگە يەتكۈزەلمىگەندە، كەسپىي خەۋپى ئامىلى بار ئىشنى توختاتمىغانلار؛ 

(6) كەسپىي كېسەللەر ۋە گۇمانىي كەسپىي كېسەللەرنى دىئاگنوز قويۇپ داۋالىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ 

(7) جىددىي خاراكتېرىلىك كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادسىسى يۈز بەرگەن ياكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھامان جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانمىغانلار ياكى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغانلار؛ 

(8) ئېغىر كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ئىش ئورنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىش ۋە جۇڭگو يېزىقىدىكى ئاگاھ چۈشەندۈرمىسى يېزىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(9) سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلار.

66-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۈسكۈنە، چۈشەندۈرمىسىنى بېرىش ياكى ئاگاھ بەلگىسى ۋە جۇڭگو يېزىقىدىكى ئاگاھ چۈشەندۈرمىسىنى ئورنىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 

67-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە دۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىن كەسپىي كېسەل، گۇمانىي كەسپىي كېسەللەرنى مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 10مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسابولىدۇ؛ ساختىپەزلىك قىلغانلىرىغا قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش ياكى ۋەزىپسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرسە بولىدۇ. 

68–ماددا بۇقانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزەشكەن بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ئىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىگە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تاقىۋېتىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ: 

(1) تېخنىكا، ھۈنەر، ماتېرىيالنى كەسپىي كېسەل خەۋپىنى يوشۇرۇپ تۇرۇپ ئىشلەتكەنلەر؛ 

(2) ئۆز ئورنىنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئەھۋالىنى يوشۇرغانلار؛ 

(3) جىددىي خاراكتېرلىك كەسپىي زىيان-زەخمەت يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان زەھەرلىك، زىيانلىق خىزمەت سورۇنى، رادىئوئاكتىپلىق خىزمەت سورۇنىدا ياكى رادىئوئاكتىپ ئىزوتوپلارنى توشۇش، ساقلاشتا مۇشۇ قانۇننىڭ 23-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ 

(4) دۆلەت ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان، كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۈسكۈنە ياكى ماتېرىياللارنى ئىشلەتكەنلەر؛

(5) كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ئىشنى كەسپىي كېسەل مۇداپىئە شارائىتى يوق ئورۇن ۋە شەخسكە يۆتكەپ بەرگەنلەر ياكى كەسپىي كېسەل مۇداپىئە شارائىتى يوق ئورۇن ۋە شەخسلەردىن كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ئىشنى قوبۇل قىلغانلار؛ 

(6) كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئۈسكۈنسى ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرىنى ئۆز مەيلىچە چۇۋۋەتكەنلەر ۋە ئىشلەتمەي تاشلاپ قويغانلار؛ 

(7) كەسپىي سالامەتلىكىنى تەكشۈرتمىگەن ئەمگەكچى، كەسپىي پەرھىزى با ئەمگەكچى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ياكى ھامىلىدار ئاياللار، بالا ئېمتىۋاتقان ئايال ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى كەسپىي كېسەل خەۋپى بار ئىش ياكى پەرھىزلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلار؛ 

(8) ئەمگەكچىنى كەسپىي كېسەل مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىلمىغان ئىشقا قائىدىگە خىلاپ بۇيرۇغان ۋە مەجبۇرلىغانلار. 

69-ماددا دۆلەت ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان، كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۈسكۈنە ياكى ماتېرىياللارنى ئىشلىگەن، ساتقان ياكى ئىمپورت قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 

70-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان سالغانلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ئىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىگە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تاقىۋېتىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

71-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، زور كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللدۈرگەنلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

72-ماددا كەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمەت ساپا ئىسپاتى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە كەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلغان ياكى داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرگەن، كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويغانلارنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەندىن يۇقىرىلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەنگە يەتمەيدىغانلىرىغا قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ.

73-ماددا كەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئاپپاراتلار ۋە كەسپىي سالامەتلىكنى تەكشۈرىدىغان، كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويىدىغا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىكى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەندىن يۇقىرىلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەنگە يەتمەيدىغانلىرىغا قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ مۇناسىپ سالاھىيىتىنى ئەسلىي ئىسپات بەرگەن ياكى تەسىقلىغان ئورگان بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) كەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلشتا ياكى كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش، كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشتا ساپا ئىسپات دائىرىسى ياكى تەستىقلانغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەنلەر؛ 

(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ 

(3) ساختا ئىسپات ھۆججىتى بەرگەنلەر.

74-ماددا كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى باھالاش كومىتېتى ئەزالىرىدىن كەسپىي كېسەل دىئاگنوز ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقانلاردىن پۇل-مال ياكى باشقا نەپ ئېلىۋالغانلىرى ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. ئالغان پۇل–مېلى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قۇرغان مۇتەخەسسىسىلەر ئامبىرىدىن ئىسمى ئۆچۈرۈلىدۇ. 

75-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرىدىن كەسپىي كېسەلنى ۋە كەسپىي كېسەل خەۋپى بولغان ھادسىنى مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى بىر دەرىجە يۇقىرى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، خەۋەرنامە چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ؛ كۆز بويامچىلىق قىلغان، يوشۇرغان ئورۇننىڭ مەسئۇلى، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش مەمۇرىي چارىسى كۆرىدۇ. 

76-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۇنىڭ كەسپىي ساغلاملىق بويىچە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچىلىرىدىن بۇ قانۇننىڭ 60–ماددىسىدىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن ئورۇننىڭ مەسئۇلى، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا جاۋابكارلارغا دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ. 

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

77-ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى: 

كەسپىي كېسەل خەۋپى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىنى كەسپىي كېسەل قىلىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپلەرنى كۆرسىتىدۇ. كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى كەسپىي پائالىيەتتە مەۋجۇت بولغان زىيانلىق خىمىيىلىك، فىزىكىلىق، بىئولوگىيىلىك ئامىللار، شۇنىڭدەك ئىشتا پەيدا بولىدىغان باشقا كەسپىي زىيانلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كەسىپ پەرھىزى ئەمگەكچىنىڭ مۇئەييەن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان ياكى مۇئەييەن كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى بىلەن ئۇچراشقاندا ئادەتتىكى كەسىپكارلارغا قارىغاندا ئاسانلا كەسپىي كېسەل خەۋپىگە ئۇچرايدىغانلىقى ۋە كەسپىي كېسەل بولىدىغانلىقى ياكى ئەسلىي كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش مۇمكىنلىكىنى ۋە ياكى ئىشتا باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان كېسەلنىڭ شۇ كىشىدىكى ئالاھىدە فىزىئولوگىيىلىك ياكى پاتولوگىيىلىك ئالامىتىنى كۆرسىتىدۇ.

78-ماددا بۇ قانۇننىڭ 2-ماددىسىدا بەلگىلەنمىگەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا بولغانلىرى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا مۇشۇ قانۇندىن پايدىلانسا بولىدۇ 

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ بۇ قانۇندىن پايدىلىنىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزى ھەربىي كومىتېت تۈزىدۇ. 

79-ماددا بۇ قانۇن 2002-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#