مايلىق چاي دەرىخى

مايلىق چاي دەرىخى چاي ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان بىر خىل چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، قوۋزىقى سۇس سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە، غولى سىلىق ھەم يېرىلمايدۇ. يوپۇرمىقى تېرىلەشكەن ھەم تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، تېيىز يېرىقچىلىرى بولىدۇ. كۈز پەسلىدە چوڭ تىپتىكى ئاق گۈللىرى ئېچىلىدىغان بولغاچقا، «ئاق گۈللۈك چاي دەرىخى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ

ئۇيغۇرچە ئىسمى مايلىق چاي دەرىخى
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى كاككۇكگۈل تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى چاي ئۇرۇقدېشى
تەۋەلىكى ئۈسۈلۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەرسىنىپى
ئائىلىسى چاي ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مايلىق چاي دەرىخى پەقەت جۇڭگودىلا بولىدىغان ئالاھىدە ئىقتىسادىي دەرەخ تۈرى، شۇنداقلا جەنۇبىي جۇڭگونىڭ پەس تاغلىق رايونلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم يېمەكلىك ماي ئۆسۈملۈكى بولغان دەرەخ تۈرى بولۇپ، 2000 يىلدىن ئارتۇق تىكىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخىغا ئىگە. 

مايلىق چاي دەرىخى چاي ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان بىر خىل چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، قوۋزىقى سۇس سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە، غولى سىلىق ھەم يېرىلمايدۇ. يوپۇرمىقى تېرىلەشكەن ھەم تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، تېيىز يېرىقچىلىرى بولىدۇ. كۈز پەسلىدە چوڭ تىپتىكى ئاق گۈللىرى ئېچىلىدىغان بولغاچقا، «ئاق گۈللۈك چاي دەرىخى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاتىلىقلىرىنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، گۈل يىپچىلىرىدا تۈكچىلىرى بولمايدۇ؛ ئانىلىقنىڭ ئانىلىق تۇمشۇقى ئۈچكە يېرىلىدۇ. مېۋىسى شار شەكىللىك غوزەك مېۋە، مېۋە شۆپۈكى قېلىن بولۇپ، ئۇرۇقىدا بىردىن ئۈچكىچە قىرلىق مۈڭگۈزى بولىدۇ ھەم كېيىنكى يىلى كۈزدە پىشىدۇ. 

مايلىق چاي دەرىخىنىڭ ئۇرۇقىدىن ماي ئېلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ مېغىزىدىكى ماي مىقدارى %2.59 كە يېتىدىغان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ماي مىقدارى ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مايلىق چاي دەرىخىنىڭ مېيى ئۆسۈملۈك مايلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىقى بولۇپ، تەركىبىدىكى ئولېئىك كىسلاتاسى(ماي كىسلاتاسى) %3.83 كە، لىنولېئىك كىسلاتا %4.7 كە يېتىدۇ. ئۇ ئادەم تېنىدە ئاسان ھەزىم بولىدىغان بولغاچقا، ئوزۇقلۇقشۇناسلار ئۇنى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلماقتا. مايلىق چاي دەرىخىنىڭ مېيى ئۆزگىچە پۇراققا ئىگە بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىنسىمۇ كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ، سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى. 

مايلىق چاي دەرىخىنىڭ ئۆسۈشى تېز، ئۆمرى ئۇزۇن، ماي سۈپىتى ياخشى ھەم مەھسۇلاتى يۇقىرى، ئىنسانلارغا بولغان پايدىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە كۆپ تارقالغان. جېجياڭ ئۆلكىسى چاڭشەن ناھىيىسى شىكۇ يېزىسى چياۋتىڭ كەنتىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى بىر تۈپ «مايلىق چاي دەرىخى شاھى» بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.5 مېتىر، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 64 كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. ئۇنىڭ يىللىق ئۇرۇق مەھسۇلاتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 250 كىلوگرام ئەتراپىدا بولۇپ، ئاز دېگەندە 17 كىلوگرامغا يېقىن ماي چىقىدىكەن، بۇ ئادەتتە 3 −4 مو يەردىكى مايلىق چاي دەرىخىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتىغا توغرا كېلىدىكەن. 

مايلىق چاي دەرىخى ماسلىشىشچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك، مۇنبەتسىزلىككە چىداملىق، قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرالايدىغان بولۇپ، قىزىل تۇپراقلىق يەرلەرنى ياخشىلاشتىكى ئاۋانگارت دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى قېلىن ھەم تېرىلەشكەن، قوۋزىقى سىلىق ھەم پارقىراق بولۇپ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش رولىنى ئوينايدىغان بولغاچقا، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئورمان بەلۋېغى بەرپا قىلىشتىكى ئېسىل دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#