شەھەرلەردىكى ئېگىز بىنا شامىلى

 شامال ھاۋا ئېقىمىدىن پەيدا بولىدۇ. ھاۋا ئېقىمى ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتى قانچە تېز بولسا، شامال كۈچى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شامال ئېگىز بىنالارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغاندا شامال يۆنىلىشىنى ۋە سۈرئىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زامانىۋى شەھەرلەردە ئىمارەتلەر بارغانسېرى ئېگىزلىمەكتە، ئەمما سىز مۇشۇ ئېگىز ئىمارەتلەرگە يېقىن بارسىڭىز، شامال غۇرۇلداپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز. بىزگە ئايانكى، شامال ھاۋا ئېقىمىدىن پەيدا بولىدۇ. ھاۋا ئېقىمى ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتى قانچە تېز بولسا، شامال كۈچى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. تۇرۇبىدا ئېقىۋاتقان گاز ياكى سۇيۇق گاز «تار تۇرۇبا ئۈنۈمى» نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، سۈرئىتى تېزلىشىدۇ. شامال ئېگىز بىنالارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغاندا شامال يۆنىلىشىنى ۋە سۈرئىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بىنانىڭ ئالدى تەرىپىدە ھاۋا ئېقىمىنىڭ بېسىمى چوڭىيىدۇ، بىنانىڭ ئارقا تەرىپىدە ھاۋا ئېقىمىنىڭ بېسىمى كىچىكلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن تەرتىپسىز «شىددەتلىك ئېقىم» پەيدا بولىدۇ. شەھەرلەردە بىنالار كۆپ بولغاچقا، ئىمارەت بىلەن ئىمارەت ئوتتۇرىسىدا سانسىزلىغان تەرتىپسىز تار يول پەيدا بولۇپ، مۇشۇنداق شىددەتلىك ئېقىمنىڭ ئىچىدىكى ھەرىكەت يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشچان، مۇرەككەپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگىلىدىغان جايغا يولۇققاندا، شامال يۆنىلىشى تېز ئايلىنىش، شامال كۈچى تۇيۇقسىز زورىيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؛ ئەگەر ئويمان شەكىللىك بۇلۇڭغا يولۇققاندا شامال سۈرئىتى ئاستىلىسىمۇ، لېكىن بېسىم كۈچى ناھايىتى چوڭ بولغان يەر يۈزى بورىنى پەيدا قىلىدۇ.

ئېگىز بىنا شامىلى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن ناچار تەسىرلەرنى ئەكەلدى. نۇرغۇن شەھەرلەردە ئېگىز بىنا شامىلى ئادەملەرنى يىقىتىۋەتتى، ماشىنىلارنى ئۆرۈۋەتتى ھەتتا ئىمارەتلەنى ۋەيران قىلىۋەتتى. شۇڭا، ئېگىز بىنا شامىلىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئىمارەت لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ ئېگىز بىنا لايىھىلىگەندىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#