پائول گاۋگىن

پائول گاۋگىن مىلادى 1848- يىل 6- ئاينىڭ 7-كۈنى فىرانسىيە پارىژدا تۇغۇلغان، فىرانسىيەلىك داڭلىق رەسسام، فرانسىيە كېيىنكى تەسىراتىزم رەسسامى، ھەيكەلتىراش، ۋانگوك بىلەن، سېزان ھەمدە پائول گاۋگىن كېيىنكى تەسىراتىزم ئۈچ چوڭ پېشۋاسى دەپ ئاتىلىدۇ، ھازىرقى زامان رەسساملىق تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پائول گاۋگىن
دۆلەت تەۋەلىكى فىرانسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادى 1848- يىل 6- ئاينىڭ 7-كۈنى
كەسپى رەسسام , ھەيكەلتىراش
خەنزۇچە ئاتىلىشى 保罗·高更
يۇرتى پارىژ
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيە 1903-يىلى5-ئاينىڭ 8-كۈنى
ئىنگ چە نامى Paul Gauguin

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رەڭلەر دۇنياسىدىكى پېشۋا پائول گاۋگىن (Paul Gauguin 1848-1903) فىرانسىيەلىك داڭلىق رەسسام. 1848-يىلى6-ئاينىڭ 7-كۈنى فىرانسىيەنىڭ پارىژدا تۇغۇلغان، 1903- يىلى تىنچ ئوكياندىكى ماركىز تاقىم ئاراللىرىدىكى ئاتۇئونا ئارىلىدا ۋاپات بولغان.

 گاۋگىن ئىلگىرى-كېيىن فىرانسىيەنىڭ غەربىدىكى برېتان يېرىم ئارىلى، تاشىت ئارىلىرىغا بارغان. ئارالدىكى ئىپتىدائىي تۇرمۇش شەكلى ئۇنى ئۆزىگە قاتتىق مەپتۇن قىلغان، ئۇ شۇ سەۋەبلىك پارىژدىكى راھەت تۇرمۇشى ۋاز كېچىپ ۋاپات بولغانغا قەدەر شۇ يەردە ياشىغان. گوگىن تاشىت ئارىلىدا، مەنزىرە ۋە پورتېرت سىزىش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن خەلق رىۋايەتلىرىگە ئاساسلىنىپ بىر تۈركۈم ئىجادىيەت ئىشلىگەن.

1873 - يىلى گاۋگىن رەسىم سىزىشنى باشلىغان، ھەمدە رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرىنى يىغىپ ساقلىغان، گاۋگىن تەسىراتچىلىق ئېقىمغا ۋارىسلىق قىلىپ، فىرانسىيە سەرسانلىقىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن سەنئەت ئىسلاھاتچىسى. ئۇ ئىلگىرى باي ئاكسىيە ۋاسىتىچىسى بولۇپ، پىكاسسو ۋە تەسىراتچىلار ئېقىمدىكى رەسساملار بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن قولىغا رەسىم قەلىمى ئالغان ھەم يۇقىرى كىرىملىك خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ رەسساملىققا زور ئىشتىياق باغلىغان.

گاۋگىننىڭ ۋەكىلىك ئەسىرى1876 - يىلى گاۋگىننىڭ بىر پارچە ئەسىرى پارىژ سالونغا تاللانغان، كېيىنكى يىلى ئۇ تۇنجى بىر ھەيكەلتاراشلىق ئەسىرىنى پۈتكۈزۈپ چىققان، ئاستا - ئاستا گوگىننىڭ سەنئەت ئىجادىيىتى باشقىلارنىڭ نەزىرىنى قوزغىغان، ئۇ ئاخىرىدا 4 - نۆۋەتلىك تەسىراتچىلىق ئېقىمى رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان.

 گاۋگىننىڭ تاشىت ئارىلى تېمىسىدىكى ئەڭ نادىر ئىجادىيەتلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ رەڭ جەھەتتە ماھارەتتە توشقانلىقنىڭ بىر يۈكسەك نامايەندىسىدۇر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تۇرمۇشنى چىن ئىپادىلەشنى قوغلاشقانلىقىنىڭ مەھسۇلى بولسمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى رەڭلەر بىلەن گىرەلىشىش ئاساسىدا ئۆزگىچە بىر ئالەم ياراتقان.

گاۋگىننىڭ مەنزىرە ئىجادىيەتلىرىمۇ دۇنيادىكى كۆپلىگەن رەسساملارنىڭ ئۈگۈنۈش ئۈلگىسى بولغان. گاۋگىن ئۆزنىڭ رەڭدىكى خاسلىقنى تېنىچ جىسمىلارغىمۇ ئۆزلەشتۈرگەن بولۇپ، تەسىراتىزمنىڭ تەسىرىنى دۇنياغا كەڭ يايغان. 

1883 - يىلى كەسپىي رەسسام بولغان،ئىلگىرى بىر تۈركۈم پىشمىغان ياش رەسساملارنى يىغىپ پونت ئاۋان رەسساملىق ئېقىمىنى قۇرغان.

1895 - يىلى كېيىن ، سالامەتلىك سەۋەبىدىن ۋە ئىقتىسادىي قوللاش ئۈزۈلۈپ قالغان، روھىي زەربىگە ئۇچىرىغان.[1]

«بىز نەدىن كەلدۇق؟ بىز كىم؟بىز نەگە بارىمىز»1897 - يىلى ئىجاد قىلغان«بىز نەدىن كەلدۇق؟ بىز كىم؟بىز نەگە بارىمىز»، يەنە بىر ئەسىرى « تاخىتىلىق ئىككى ئايال »

1895 - يىلى كېيىن ، سالامەتلىك سەۋەبىدىن ۋە ئىقتىسادىي قوللاش ئۈزۈلۈپ قالغان، روھىي زەربىگە ئۇچىرىغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#