چيۇ جىن

چيۇ جىن

چيۇ جىن (1875-1907-يىللار) جېجياڭنىڭ شەنيىن (ھازىرقى شاۋشىڭ) دېگەن يېرىدىن. ئۇ ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئاياللار ئىچىدىن چىققان مەشھۇر دېموكراتىك ئىنقىلابچى بولۇپ، ئۆزىنى «جيەنخۇ باتۇرى» دەپ ئاتىغان. مىجەزى ئوچۇق-يورۇق چيۇ جىن كىچىكىدىن باشلاپلا تارىخىي كىتابلار ۋە شېئىر-نەزملەرنى پىششىق ئوقۇپ چىققان، ئات ئۈستىدە تۇرۇپ قارىغا ئېتىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چيۇ جىن
باشقا نامى 初名闺瑾,乳名玉姑,字璇卿,号旦吾,改瑾,字竞雄
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1875-يىلى
كەسپى دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ مۇتەخەسسىسى
خەنزۇچە ئىسمى 秋瑾
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جېجياڭنىڭ شەنيىن (ھازىرقى شاۋشىڭ)
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1907-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چيۇ جىنچيۇ جىن (1875-1907-يىللار) جېجياڭنىڭ شەنيىن (ھازىرقى شاۋشىڭ) دېگەن يېرىدىن. ئۇ ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئاياللار ئىچىدىن چىققان مەشھۇر دېموكراتىك ئىنقىلابچى بولۇپ، ئۆزىنى «جيەنخۇ باتۇرى» دەپ ئاتىغان. مىجەزى ئوچۇق-يورۇق چيۇ جىن كىچىكىدىن باشلاپلا تارىخىي كىتابلار ۋە شېئىر-نەزملەرنى پىششىق ئوقۇپ چىققان، ئات ئۈستىدە تۇرۇپ قارىغا ئېتىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرگەن، قىسقىسى، ئەلەم بىلەن قەلەمدە تەڭ يېتىشىپ چىققان. 1904-يىلى فېئودال ئائىلىنىڭ ئاسارىتىدىن بۆسۈپ چىقىپ، ئېرى ۋە ئوغلى بىلەن خوشلىشىپ، ياپونىيىگە بېرىپ ئوقۇغان ھەمدە ئىنقىلابىي ھاياتىنى باشلىۋەتكەن. 

ياپونىيەگە بارغاندىن كېيىن، ئىنقىلابىي پارتىيىنىڭ ئىنتايىن پائالىيەتچان ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. «بەيخۇا(ئاۋام) گېزىتى» نى چىقىرىپ، چىڭ سۇلالىسىگە قارشى ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلىپ، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە بىر تۈركۈم ئىرادىلىك ئىنقىلابچىلار بىلەن تونۇشقان. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، شاۋشىڭدا گۇاڭفۇخۇي جەمئىيىتىگە قاتناشقان ھەمدە بۇ جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. كېيىنكى يىلى باھاردا يەنە ياپونىيە گە بېرىپ، خۇاڭ شىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن سۇن جۇڭشەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان ھەمدە بۇ جەمئىيەتنىڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك شۆبىسىنىڭ مەسئۇللۇقىغا تەيىنلەنگەن. 1905-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى پەرمان چۈشۈرۈپ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن، چيۇ جىن ئاچچىق يۇتۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ ياپونىيە دىن ئايرىلىش ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن جېجياڭلىق يۇرتداشلار يىغىلىشىدا، ئۆتۈكىنىڭ قونچىدىن بىر شەمشەرنى چىقىرىپ شىرەگە كۈچەپ سانجىغاندىن كېيىن: «ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن مانجۇلارغا تەسلىم بولسام، ئۆز مەنپەئىتىمنى دەپ دوستلىرىمغا ساتقۇنلۇق قىلسام، خەنزۇلارنى بوزەك قىلسام، مۇشۇ شەمشەر بىلەن ئۆلۈپ كېتەي» دەپ قەسەم بېرىپ، ئۆزىنىڭ چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن.

چيۇ جىن1906 -يىلى چيۇ جىن شاڭخەيگە كېلىپ «جۇڭگو ئاياللىرى گېزىتى» نى چىقىرىپ، ئاياللار ئازادلىقىنى تەشۋىق قىلغان، دېموكراتىك ئىنقىلابنى تەرغىب قىلغان. كېيىنكى يىلى گۇاڭفۇخۇي جەمئىيىتىنىڭ يەنە بىر رەھبىرى شۈ شىلىننىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، شاۋشىڭدىكى داتۇڭ مەكتىپىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ داتۇڭ مەكتىپىنى نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ، شاۋشىڭ، جىنخۇا، نىڭبو قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيۇشمىلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، تايانچلارنى مەشىقلەندۈرۈپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلغان. ئۇ دائىم ئەرەنچە كىيىنىپ، يېنىغا تاپانچا ۋە شەمشەر ئېسىۋېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەربىي مەشىق قىلدۇرغان. ئۇ «خەنزۇلارنى كۈچەيتىش، دۆلەتنى روناق تاپتۇرۇش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جېجياڭدىكى ئىنقىلابىي كۈچلەرنى سەككىز قوشۇن قىلىپ تەشكىللەپ، «گۇاڭفۇ قوشۇنى» دەپ ئاتىغان، شۈ شىلىن قوشۇننىڭ باش قوماندانى، چيۇ جىن مۇئاۋىن قوماندانى بولغان، ئۇلار ئەنخۇي بىلەن جېجياڭدا بىرلا ۋاقىتتا قوزغىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولغان. 7 -ئاينىڭ 9-كۈنى شۈ شىلىننىڭ ئەنخۇيدا پىلانلىغان ئەنچىڭ قوزغىلىڭىنىڭ مەغلۇپ بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇيۇشمىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جىنفا چيۇ جىننى يوشۇرۇنۇۋېلىشقا دەۋەت قىلغان، ئەمما ئۇ ۋاڭ جىنفانى يولداشلارنى ئەگەشتۈرۈپ تېزدىن كېتىشكە بۇيرۇپ، ئۆزى قېپقالغان. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى داتۇڭ مەكتىپىنى قورشىۋالغان، چيۇ جىن ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ چىقىپ دۈشمەن بىلەن قوراللىق ئېلىشقان، ئەمما سان جەھەتتىكى زور پەرق تۈپەيلىدىن يارىدار بولۇپ دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن، قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان، ئەمما ئۇ دۈشمەنگە قەتئىي تىز پۈكمەي، قولىغا قەلەم ئېلىپ «بوران-چاپقۇندىن دەرد-ئەلەمگە مۇپتىلا بولدۇم» دەپ يازغان.

 ئۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قايسىبىر شائىرنىڭ بۇ بىر مىسرا شېئىرى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئەينى چاغدىكى بوران-چاپقۇنلۇق كەسكىن ۋەزىيىتىنى سۈرەتلەپ بەرگەن، ئىنقىلابىي پارتىيىدىكىلەرنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنىمۇ نامايان قىلغان. 1907-يىل7-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۇ شاۋشىڭنىڭ شۈەنتىڭكۇ دېگەن يېرىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. جەسىتى خاڭجۇنىڭ شىخۇ دېگەن يېرىدىكى شىلىڭ كۆۋرۈكى بويىغا دەپنە قىلىنغان، جەسىتىگە سۇن جۇڭشەننىڭ «ئايال قەھرىمان» دېگەن بېغىشلىمىسى يېزىلغان يوپۇق يېپىپ قويۇلغان .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#