كانت

كانت گېرمانىيە پەيلاسوپى. ئۇ 1724-يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى شەرقىي پرۇسسىيەنىڭ مەركىزى كىننىسبۇرگدا تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كانت
باشقا نامى ئىممانۇل كانت
مىللىتى گېرمان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1724-يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
كەسپى پەيلاسوپ، يازغۇچى، پروفېسسور
خەنزۇچە ئاتىلىشى 伊曼努尔·康德
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
يۇرتى پرۇسسىيەنىڭ مەركىزى كىننىسبۇرگ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1804-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى كۆنىگسبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كانتكانت گېرمانىيە پەيلاسوپى. ئۇ 1724-يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى شەرقىي پرۇسسىيەنىڭ مەركىزى كىننىسبۇرگدا تۇغۇلغان. دادىسى كونچى ئىشچى بولۇپ، تۇرمۇشى نامرات ئىدى، كانت ئۇرۇق-تۇققانلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ياردىمى بىلەن، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپتە ئارانلا ئوقۇۋالغان. كانت 23 يېشىدىن تارتىپ، 8 يىل ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ، مۇشۇ 8 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق مەزگىلىدە، ئۇ پايدىلىنالىغانلىكى ھەممە ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان ئىلىمى ئەسەرلەرنى ئوقۇيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىغى، زېرەكلىكى ئارقىسىدا ھەر قايسى پەنلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىگەللەپ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشىنى تىكلەيدۇ. 1754-يىلى ئۇ «يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشىنىڭ ئۆزگىرىش-ئۆزگەرمەسلىگى ۋە يەر شارىنىڭ ئاجىزلىشىش-ئاجىزلاشماسلىقى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ بۇ ماقالىسىدە ئالەم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، دېگەن قاراشتىن شۈبھىلىنىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەيدۇ. ياندۇرقى يىلى ئۇ «تۇمانلىق توغرىسىدىكى قىياس» نى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بۇ ئۇلۇغ ئالىم 1804-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 79 يېشىدا ۋاپات بولغان.

18-ئەسىردىكى ياۋروپادا ئاسترونومىيىدە ھۆكۈم سۈرگەن مەركىزىي نەزىرىيە «ئالەمنىڭ ئۆزگەرمەسلىگى نەزىرىيىسى» بولغان ئىدى. بۇنداق قېتىپ قالغان ئالەم قارىشى ئالدىدا، ياش كانت ئوتتۇرىغا چىقىپ، 1755-يىلى «ئالەمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ھەققىدە ئومۇمى مۇلاھىزە» نى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ «تۇمانلىق توغرىسىدىكى قىياسى» ئارقىلىق «ئالەمنىڭ ئۆزگەرمەسلىگى نەزىرىيىسى» گە قارىتا باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچى پاي ئوقنى ئاتقان.

ئۇ «تۇمانلىق توغرىسىدىكى قىياس» سىدا قۇياش سىستېمىسىدىكى ئاسمان جىسىملىرى ئوخشاشلا بىر تۇمانلىقلارنىڭ ئۇيۇشۇپ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان دەپ ھېساپلايدۇ. ئۇ چاغدا قۇياش سىستېمىسىدا 6 چوڭ سەييارە ۋە 10 ھەمرا سەييارە بارلىقى ھەمدە سەييارىلەرنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئايلىنىشى چەمبەر شەكىلىدىرەك بولىدىغانلىقى، ھەمرا سەييارىلەر بولسا سەييارىلەر ئەتراپىدا ئايلىنىدىغانلىقى ئاللىقاچان مەلۇم بولغان.

بىزگە مەلۇمكى، مىڭ يىللار مابەينىدە، كىشىلەر يەر شارىنىڭ زادى قانداق پەيدا بولغانلىقى ئۈستىدە كەسكىن كۈرەش قىلىپ كەلگەن. ئىدىئالىستلار «پۈتۈن كائىناتنى خۇدا ياراتقان» دەپ تەرغىپ قىلىشقان. ماتېرىيالىستلار بولسا «دۇنيا ماددا بولىدۇ، ئۇ مۇئەييەن ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ» دەپ ھېساپلىغان.

كاتنىڭ قىياس قىلىشىچە، ئىپتىدائىي تۇمانلىق تۈرلۈك ھەرىكەت ھالىتىدىكى زەرىچىلەردىن تەركىپ تاپقان، ئۇ كەڭ ئالەم بوشلۇقىنى قاپلىغان. ئالەمنىڭ تارقىلىش قانۇنى توغرىسىدىكى تەلىماتتىن قارىغاندا، زەرىچىلەر بىر-بىرىنى تارتىپ تۇرىدۇ. زىچلىق دەرىجىسى ئۈستۈن بولغانلىرى ئەتراپتىكى زەرىچىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، كىچىك-كىچىك مۇنەكچە ھاسىل قىلىدۇ، كىچىك مۇنەكچىلەر بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ چوڭ كاللەك ھاسىل قىلىدۇ، مۇشۇنداق داۋام قىلىۋېرىش نەتىجىسىدە، ئەڭ چوڭ-ئەڭ چوڭ كاللەكلەردىن تارتىلىش مەركىزى ھاسىل بولغان. شۇنىڭ بىلەن، ئەتراپتىكى ئۇششاق مۇنەكچىلەر تېزلا ئۇنىڭغا يېپىشىپ، مەركىزىي جىسىم تېزدىن يوغىناپ كەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېپىش كۈچىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن، مەركىزىي جىسىمغا يېپىشقان زەرىچىلەر تۈز سىزىق بويىچە قىلىۋاتقان ھەرىكەتتىن پىقىراپ چىقىپ كېتىپ، يانتۇ، قىيپاش ھەرىكەت ھاسىل قىلىدۇ. بۇ چاغدا مەركەزدىن قېچىش كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن مەركىزىي جىسىمنىڭ ئەتراپىدا چەمبەرسىمان ئايلىنىدىغان ھەرىكەت ھاسىل بولىدۇ. ئەنە شۇنداق قىلىپ، بارا-بارا قۇياش، يەر شارى، ھەمرا سەييارىلەر ۋە باشقىلار پەيدا بولغان.

ئاخىرىدا كانت: ئاسمان جىسىملىرى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۈزلۈكسىز يوقىلىپ تۇرىدۇ؛ ئالەمدىكى تۈرلۈك-تۈمەن مەۋجۇداتلار پەيدا بولۇش، يوقىلىش جەريانىدىن ئۆتىدۇ، دەپ يەكۈن چىقارغان. بۇنداق ساددا ماتېرىيالىزىمنى قانداقمۇ ئاسترونومىيىگە قوشۇلغان ئۇلۇغ تۆھپە دېمەي تۇرالايمىز![1][0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#