ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارىنىڭ مەغلۇبىيەت نۇتۇقى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارىنىڭ مەغلۇبىيەت نۇتۇقى

شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 9-نويابىر، ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كىلىنتون ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ئېرى، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بېل كىلىنتون ۋە باشقا ئائىلىسىدىكىلەر، شۇنداقلا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ نامزاتى تىم كائىننىڭ ھەمراھىلىقىدا نيۇيورك تا بىر مەيدان مەغلۇبىيەت نۇتۇقى سۆزلەپ، ئۆزىنى قوللىغان بارلىق كىشىلەرگە مىنەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ھىلارىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ نامزاتى، ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى تىم كائىن نۇتۇقنىڭ بېشىدا ھىلارىنى تونۇشتۇردى.

ئۇيغۇرچە نامى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارىنىڭ مەغلۇبىيەت نۇتۇقى
ۋاقتى 2016-يىلى 9-نويابىر
سۆزلىگۈچى ھىلارى
خەنزۇچە نامى 美国总统候选人希拉里失败的演讲
ئورنى نيۇيورك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارىنىڭ مەغلۇبىيەت نۇتۇقىرەھمەت! رەھمەت سىلەرگە! رەھمەت!

رەھمەت! سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت! رەھمەت!

سىلەرنىڭ ماڭا ئالقىش ياڭراتقنىڭلارغا رەھمەت، سىلەردىن مىنەتدارمەن، دوستلىرىم، رەھمەت! مەن بىلەن بىرگە بۇ يەردە تۇرغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت! مەن سىلەرنى سۆيىمەن.

مەن تۈنۈگۈن كەچتە دونالد تىرامپقا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدىم ھەمدە ئۇنىڭغا ھەمدەم بولۇپ، بۇ دۆلەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەن ئۇنىڭ بىر ئۇتۇق قازانغان زۇڭتۇڭ بولۇشىنى، بارلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ غېمىنى يەيدىغان زۇڭتۇڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز بۇ قېتىمقى سايلامغا مىسىلسىز تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولساقمۇ، بىراق كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىدۇق. شۇ ۋەجىدىن، مەن تولىمۇ خىجىللىق ھېس قىلماقتىمەن. بىزنىڭ ئېتىراپ قىلىنغان قىممەت قارىشىمىز ۋە ئامېرىكىغا لايىھەلەپ بېرىدىغان ئىستىقبالغىلا تايىنىۋالغانلىقتىن بۇ قېتىمقى سايلامدا مەغلۇب بولدۇق.

ئەمما، بىز بىرلىكتە بىر قېتىملىق مىسلى كۆرۈلمىگەن سايلام رىقابىتى پائالىيىتىنى روياپقا چىقاردۇق، بۇنىڭدىن مەن چوڭقۇر ئىپتىخارلىنىمەن. بۇ قېتىمقى سايلام پائالىيىتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئۆزگىرىشچان، يېڭىلىققا تۇيۇنغان، جانلىق ھەمدە ھاياتىي كۈچكە تولغان. سىلەردىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەڭ ئېسىل پەزىلىتىنى كۆرۈپ يەتتىم، سىلەرنىڭ نامزاتىڭلار بولالىغانلىقىم مېنىڭ بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ زور شان-شەرىپىمنىڭ بىرى.

مەن سىلەرنىڭ قانچىلىك مەيۈسلەنگەنلىكىڭلارنى بىلىمەن، چۈنكى مەنمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدىم. ئېھتىمال، ئۈمىدى ۋە ئارزۇسىنى بۇ قېتىمقى سايلامغا باغلىغان مىليونلىغان ئامېرىكىلىقمۇ بىزدەك ھېسسىياتتا بولغان بولۇشى مۇمكىن. سايلامدا مەغلۇب بولۇش ئازابلىق ھەمدە بۇ ئازاب ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ. ئەمما مەن سىلەرنىڭ شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن:

بىزنىڭ رىقابىتىمىز ئەزەلدىن مەلۇم بىرەيلەن ياكى مەلۇم بىر قېتىملىق سايلام ئۈچۈن بولغان ئەمەس، بەلكى بىز قىزغىن سۆيىدىغان بۇ دۆلەت ئۈچۈن، بىر ئۈمىدۋار، مېھرىبان، سىغدۇرۇشچان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈندۇر.

ھەممىمىزگە ئايان، دۆلىتىمىزنىڭ پارچىلىنىش مۇساپىسى بىز ئويلىغاندىنمۇ ئېغىر بولماقتا. ئەمما مەن يەنىلا ئامېرىكىغا قەتئىي ئىشىنىمەن. ناۋادا سىزمۇ مەندەك قەتئىي ئىشەنسىڭىز، ئۇنداقتا بىز سايلامدا مەغلۇب بولۇشتەك بۇ نەتىجىنى قوبۇل قىلىپ، ئالغا قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك. دونالد تىرامپ بىزنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭىمىز بولىدۇ. بىز ئۇنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قارشى ئېلىشىمىز كېرەك، ئۇمۇ بىر قېتىم ئامېرىكىغا رەھبەرلىك قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى كېرەك.

بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنلىق سىياسىي دېموكراتىك تۈزۈمدە ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-تاپشۇرۇۋېلىش تىنچ داۋام قىلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان. بىز بۇ بەلگىلىمىگە ھۆرمەت قىلىمىز ھەم قەدىرلەيمىز. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ تۈزۈمدە يەنە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بەلگىلەنگەن، ھەممەيلەننىڭ باراۋەر ھوقۇق ۋە قەدىر-قىممەتتىن بەھرلىنىش پىرىنسىپى بەلگىلەنگەن، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئىپادىلەشتە ئەركىن بولۇش بەلگىلەنگەن. بىزمۇ بۇ قىممەت قاراشلىرىغا ئوخشاشلا ھۆرمەت قىلىمىز ھەم قەدىرلەيمىز، يەنە كېلىپ ئۇلارنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي تۈزۈم بىزنىڭ قاتنىشىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ، پەقەت تۆت يىلدا بىر قېتىملا ئەمەس، بەلكى باشتىن-ئاخىر قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، بىز بىرلىكتە ئۆزىمىز قەدىرلەيدىغان ئىشلار ۋە قىممەت قاراشلىرىمىز ئۈچۈن داۋاملىق بوشاشماي تىرىشىشىمىز؛ پەقەت يۇقىرى قاتلام ئەربابلىرىنىلا ئەمەس، ھەممەيلەننى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز؛ دۆلىتىمىزنى ۋە دۇنيانى قوغدىشىمىز ھەمدە ئامېرىكا ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش يولىدىكى بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك.

ئۆتكەنكى بىر يېرىم يىلدا، بىزنىڭ چاقىرىقىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر بىرلىكتە يىغىلىپ، شۇنداق بىر ئورتاق سادانى ياڭراتتى: بىز ئامېرىكا ئارزۇسىنىڭ ھەربىر ئامېرىكىلىقنى، مەيلى قايسى ئىرق، قايسى دىنىي ئېتىقادتا، ئەر ياكى ئايال بولسۇن، كۆچمەن بولسۇن-بولمىسۇن، ھەمجىنس ياكى جىنس ئۆزگەرگەن بولسۇن ياكى مېيىپ بولسۇن. ھەممەيلىننى سىغدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئامېرىكا ئارزۇسى ھەربىر ئامېرىكىلىقنىڭ ئارزۇسى.

ئۇنداقتا، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ ئادىل ئامېرىكا بەرپا قىلىشقا مۇھتاج. مەن سىلەرنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىدىغانلىقىڭلارنى بىلىمەن.

مەن سىلەر بىلەن بىرگە بولالىدىغانلىقىدىن تولىمۇ مىنەتدارمەن. مەن يەنە سايلام رىقابىتى شېرىكىم تىم كائىن ۋە ئاننى خولدېن ئەر-ئايالنىڭ ماڭا باشتىن-ئاخىر ھەمراھ بولغىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بىز ئۆزئارا بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىش جەريانىدا، چىقىشىپ كەتكەنىدۇق. تىم كائىننىڭ داۋاملىق ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، دېموكراتلار پارتىيەسى ئۈچۈن ئالدىنقى دەپتە تۇرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، زور ئۈمىد تولدۇم ۋە تەسەللىي تاپتىم.

بىز ئوباما ئەر-ئايالغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، سىلەرنىڭ دۆلەت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىڭلارغا كۆپ رەھمەت. سىلەرنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭلارغا رەھمەت. بۇنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنياغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.

بىل، چېرشا، مارك، شېرلوك ۋە ئايدان، رەھمەت سىلەرگە، ئىككى ئىنىم رەھمەت سىلەرگە، ئۆيدىكىلىرىمگە رەھمەت. مەن سىلەرگە بولغان سۆيگۈمنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئامالسىزمەن. سىلەر سايلام ئۆمىكىگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىدا چېپىپ يۈردۈڭلار، مەن ئەڭ ئېھتىياجلىق چاغدا مېنى قوللىدىڭلار ۋە مەدەت بەردىڭلار، ھەتتا ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن كىچىك ئايدانمۇ ئاپىسىغا ئەگىشىپ تەرەپ-تەرەپتە چېپىپ يۈردى.

مەن سىلەردىن مەڭگۈ مىنەتدارمەن، نيۇيورك برۇكلىن، شۇنداقلا سىلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرىدىكى باش ئىشتابتا جاپالىق خىزمەت قىلغىنىڭلارغا رەھمەت، سىلەرنىڭ ئىجادكارلىقىڭلارغا، تالانتىڭلارغا ۋە تۆھپەڭلارغا رەھمەت.

سىلەر بۇ قېتىمقى سايلام ئۈچۈن يۈرەك قېنىڭلارنى سەرپ قىلدىڭلار. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا، بەزىلەر زۇڭتۇڭ سايلىمى پائالىيىتىگە تۇنجى قاتناشقان، بەزىلەر قسىىمدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر بولۇپ، ئىلگىرى باشقا سايلام پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ باققان. نېمىلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ھەربىرىڭلارغا بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ھەرقانداق كىشى ئارزۇ قىلالايدىغان ۋە قاتنىشالايدىغان مۇنەۋۋەر سايلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى.

مىليونلىغان قوللىغۇچىلىرىمغا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە، سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە، يىغىلىش تەشكىللىگۈچىلىرىگە رەھمەت. سىلەرنىڭ ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تەشۋىق قىلغانلىقىڭلارغا، قولۇم-قوشنىلارغا چۈشەندۈرگىنىڭلارغا، ھەرقايسى تور بەتلەردە مەزمۇن يوللىغانلىقانلىقىڭلارغا رەھمەت.

مەن ھەربىرەيلەننى پەردە ئارقىسىدىن سەھنە ئالدىغا تەكلىپ قىلىپ، يۈرەك سادايىڭلارنى ئاڭلاپ باقاي دەيمەن.

بارلىق ئىئانە قىلغۇچىلارغا رەھمەت، بەش دوللار بولسىمۇ بىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولدى. مەن ئۆمىكىمىزدىكى بارلىق خادىملارغا ۋاكالىتەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.

مەن يەنە بارلىق ياشلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. مەن سىلەرنىڭ بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. تىم ئېيتقاندەك، مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئەقىدەم ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلدىم. ئوتۇق قازان چاغلىرىممۇ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان چاغلىرىممۇ بولغان، بەزىدە ھەتتا ئېغىر ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان. ئاراڭلاردا بەلكىم نۇرغۇنلىرىڭلار ئاممىۋى ساھەلەردە خىزمەت قىلىدىغانسىلەر ياكى سىياسىي ھاياتىڭلارنى ئەمدى باشلىغانسىلەر. ئوخشاشلا، سىلەرمۇ ئۇتۇق قازىنىسىلەر، شۇنداقلا ئوڭۇشسىزلىقلارغىمۇ ئۇچرايسىلەر.

بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەت كىشىنى كۆڭلىنى ئاغرىتسىمۇ، ئەمما ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ قالساق بولمايدۇ، ئادىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

شۇنداق، ئەرزىيدۇ.

شۇ ۋەجىدىن، بىز ئاداللىق ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىز، بۇ كۈرەشنى ئاداققىچە توخاتماسلىقىمىز كېرەك.

بارلىق ئاياللارغا رەھمەت، بولۇپمۇ قىزلارغا رەھمەت، سىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامغا ۋە ماڭا ئىشەنگىنىڭلارغا ۋە مېنى قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت. مەن سىلەرگە سىلەرنىڭ مېنى ئەڭ زور ئىپتىخارىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى.

مەن بىزنىڭ يەنە ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ قاتتىق ئەينەك تاختىلارنى چېقىۋېتەلمىگەنلىكىمىز (ئاياللارنى زۇڭتۇڭ بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ)نى بىلىمەن، ئەمما ھامان بىر كۈنى چاقىدىغانلار چىقىدۇ، بۇ كۈننىڭ مەن ئويلىغاندىنمۇ بالدۇرراق كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن يەنە بۇ قېتىمقى نۇتۇقنى كۆرۈۋاتقان بارلىق قىزلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. مەن سىلەرگە شۇنداق دەيمەنكى، ئۆزۈڭلارنىڭ قىممىتى ۋە ئىقتىدارىدىن مەڭگۈ گۇمانلانماڭلار، ئارزۇيۇڭلارنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان پۇرسەت ھامان ئېرىشەلەيسىلەر.

ئاخىرىدا....

ئاخىرىدا، مەن يەنە دۆلەتكە رەھمەت ئېيتىمەن، دۆلەتنىڭ ماڭا ئاتا قىلغانلىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ھەر كۈنى ئۆزۈمنىڭ ئامېرىكىلىق بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ كەلدىم ھەمدە مەن يەنىلا شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، پەقەت بىز بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىپ، بۇ دۆلەتكە ئىشەنسەك ھەمدە قىزغىن سۆيسەكلا، تېخىمۇ ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

مەن «كۆپنىڭ كۈچى كۆپ» دېگەن ھەقىقەتكە ئىشىنىمەن، مەن بىزنىڭ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن ھەمدە بۇ نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىمدىن مەڭگۈ ئۆكۈنمەيمەن. «ئىنجىل»دا: «ياخشىلىق قىل، مەيۈسلەنمە. ئىخلاس قىلساڭلا ئۇتۇق قازىنىدىغان پەيت كېلىدۇ» دېيىلگەن.

دوستلار، بىز ئۆزئارا بىر-بىرىمىزگە ئىشىنەيلى، جەڭگىۋار بولايلى، ئىشەنچىمىزنى يوقاتمايلى، چۈنكى كەلگۈسىدە پۇرسەت كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلمىساق بولمايدۇ.

سىلەرگە ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى تولىمۇ مۇھىم سايلامغا قاتنىشالىغانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن، چەكسىز مىنەتدارمەن! [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#