ئاۋسترالىيە مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈكى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاۋسترالىيە مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈكى
ئاۋسترالىيە مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 15 سانتىمېتىر، تېرە يۈزىدە نۇرغۇنلىغان ئۇششاق ئېرىقچە بار بولۇپ ئېغىز قىسمىغىچە تۇتاشقان، دۇبۇلغىسىمان تېرە ۋە ئۇچلۇق تىكىنى بار، باش ئۈستىدە «يالغان بېشى» دەپ ئاتالغان ئىنتايىن ئالاھىدە بىر نەرسىسى بار، مۇكەممەل بولغان مۇداپىئە سىستېمىسى بار بولۇپ دۇبۇلغىسىمان ئۇچلۇق تىكەنلىك قاسراقلىق تېرىگە ئىگە.[0]
ئاۋسترالىيە مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈكى ئاۋسترالىيە تىكەنلىك كەسلەنچۈك باشقا نامى تاجسىمان مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈك ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئۆمىلىگۈچىلەر سىنىپى كەسلەنچۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە.
ئۇلاردا مۇكەممەل بولغان مۇداپىئە سىستېمىسى بار. ياشاش مۇھىتى بويىچە جايلاشقان ئورنى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا قىسىمدىكىلەر يەككە ياشايدۇ ئاساسلىقى ئۇزۇن تىكەنلىك ئوت - چۆپ بار بولغان ياكى قۇملۇق رايونلارغا جايلىشىدۇ، پاكار ئورمان رايونى قۇرغاق يەرلەردىمۇ ياشايدۇ.
ئاۋسترالىيە مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈكى خۇددى دەريا دەريا دېلفىنى سۇنى سۈمۈرگىنىگە ئوخشاش ئۇ ھاۋانى سۈمۈرۈپ، ئۆزىنى تېخىمۇ كۈچلۈك كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ باش ئۈستىدە «يالغان بېشى» دەپ ئاتالغان ئىنتايىن ئالاھىدە بىر نەرسىسى بار، ئۇلار قورققان ۋاقىتتا، ئۇلار بېشىنى ئالدى پۇتىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىقىپ، يالغان بېشىنى ئېگىز چىقىرىپ شۇ ئارقىلىق ئوۋلىغۇچىنى قايمۇقتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تېرىسىدىكى ئۇششاق ئېرىقچىلار ئارقىلىق، سۇنى پۇتىدىن ئېقىتىپ ئاغزىغا كىرگۈزىدۇ،ئۇلار بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كىچىك سۇ ئازگىلى سۇنى شەبنەمنى ياكى يامغۇر سۈيىنى سۈمۈرىدۇ.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.