DIV CSS

DIV+CSS بولسا تور بېكەت ئۆلچىمى (WEB ئۆلچىمى) دە كۆپ قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇلارنىڭ بىرى. ئادەتتە HTML تور بەت لايىھىلەش تىلىدىكى جەدۋەل (table) لىك ئورۇن بەلگىلەش ئۇسۇلىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئاتالغان. چۈنكى XHTML تور بەت ئۆلچىمىدە جەدۋەللىك ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىسى ئىشلىتىلمەستىن، بەلكى DIV+CSS  ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەرخىل ئورۇن بەلگىلەش مەقسەتلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

نامى div css
ماھىيىتى WEB لايىھىلەش ئۆلچىمى
چەتئەلچە نامى div+css
ئالاھىدىلىكى ئەمەلىي تور بەت يۈزىدىكى مەزمۇن ۋە ئىپادىلەشنى ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

DIV+CSSDIV+CSS بولسا تور بېكەت ئۆلچىمى (WEB ئۆلچىمى) دە كۆپ قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇلارنىڭ بىرى. ئادەتتە HTML تور بەت لايىھىلەش تىلىدىكى جەدۋەل (table) لىك ئورۇن بەلگىلەش ئۇسۇلىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئاتالغان. چۈنكى XHTML  تور بەت ئۆلچىمىدە جەدۋەللىك ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىسى ئىشلىتىلمەستىن، بەلكى DIV+CSS  ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەرخىل ئورۇن بەلگىلەش مەقسەتلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

DIV

DIVئەمەلىيەتتە DIV+CSS ____ DIV بولسا پەقەت HTML دىكى بىر بەلگە (标签)، لېكىن CSS بولسا بىر خىل تىل، بۇ ئىككىسىنى ھەرگىزمۇ تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە DIV+CSS دېگەن قاراش ئاسانلا باشقا مەنىلەرنى بېرىپ قويىدۇ. بۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ WEB ئۆلچىمى چوقۇم DIV ئىشلىتىدۇ دەپ قارىشىغا ۋە DIV نى قالايمىقان ئىشلىتىشىگە سەۋەبچى بولدى. يەنە كېلىپ DIV+CSS ھەرگىزمۇ WEB ئۆلچىمىنى ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇ بولالمايدۇ. چۈنكى، WEB ئۆلچىمى پەقەتلا ئىككى خىل تىلنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى XHTML  (قۇرۇلما)، CSS (پاسون، ھالەت)، DOM  (پائالىيەت) قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بىر خىل تېخنىكا ئۆلچىمى. ئۇ ھاسىل قىلغان ئۇچۇر، قۇرۇلما، پاسون (ھالەت)، پائالىيەتلەرنىڭ ئايرىلىشى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى قۇلايلىقلاشتۇردى. 

 DIV بولسا HTML دىكى چوڭ بۆلەك بولغان   (block-level) مەزمۇنى ئۈچۈن قۇرۇلما ۋە ئارقا كۆرۈنۈش تەمىنلەپ بېرىدىغان بىر ئېلېمېنت.

DIV نىڭ باشلىنىش بەلگىسى بىلەن ئاخىرلىشى بەلگىسى ئارىسىدىكى بارلىق مەزمۇنلار مۇشۇ بۆلەككە ئىشلىتىلگەن DIV خاسلىقى ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. 

پەرىزىمچە كېيىنكى تەرەققىياتتا table نىڭ ئورنى يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم بولىدۇ، لېكىن DIV  نىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغىنى تور دۇنياسى تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى.

 CSS 

 CSS بولسا ئىنگلىزچە Cascading Style Sheets نىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى، قاتلانما پاسون بۆلىكى دېگەن مەنىدە. ئۇ HTML ۋە XML قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ پاسونىنى) ھالىتىنى) بەلگىلەيدىغان بىرخىل كومپيۇتېر تىلى.

HTML تىلى HTML4.01 دىن كېيىن ناھايىتى ئاستا يېڭىلاندى. سەۋەبى HTML تىلىنىڭ مۇرەككەپلىشىشى ۋە كەسىپلىشىشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەلگىلەر (标记) مۇ كۆپەيدى، ھەتتا بىر قىسىم تور كۆرگۈچ ياسىغۇچى شىركەتلەر پەقەت ئۆزى ياسىغان تور كۆرگۈچلەرگىلا ماس كېلىدىغان HTML بەلگىلىرىنى ئىجاد قىلدى. بۇ HTML بەتلىرىنىڭ قوللاشچانلىقىغا توسالغۇ ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن W3C  تەشكىلاتى ئىچكىرىلەپ كىرىش ۋە يېڭىدىن SGML دىن ئۈلگە ئېلىش ئارقىلىق XML نى ئوتتۇرىغا چىقاردى. XML بولسا HTML غا قارىغاندا تەلەپ تېخىمۇ قاتتىق قويۇلىدىغان بەلگە تىلى(标记语言). تولۇق ئاتىلىشى «كىڭەيتىشكە بولىدىغان بەلگىلەر تىلى» يەنى Extensible Markup Language  دىن ئىبارەت.

 CSS نىڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭ تايانچ تىل (مەسىلەن، JavaScript) ۋە XML تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىدا، يەنىCSS+JavaScript+XML  (ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ ياخشى بولغان بىر خىل بىرىكىش ئۇسۇلى XML+XSL+JavaScript بار، لېكىن بۇ يەردىكى XSL  بولسا CSS كە قارىغاندا كۆپ مۇرەككەپ، ئىشلىتىش قۇلايسىز). CSS بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، تور بەت مەزمۇنى بىلەن پاسونى ئايرىلىپ چىقىپ، تەھرىرلەش ۋە باشقۇرۇشقا كۆپ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

DIV بولسا بەلگە، CSS بولسا قاتلانما پاسون.

 DIV+CSS يۇقىرى دەرىجىلىك ئـورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بارغانسېرى ئومۇملىشىۋاتىدۇ.

 DIV+CSS نىڭ ئارتۇقچىلىقى قەيەردە ؟ 

1. W3C ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن. مىكروسوفت قاتارلىق شىركەتلەر W3C نىڭ قوللىغۇچىلىرى، بۇ مەسىلە ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى بۇنداق بولغاندا سىز ياسىغان تور بېكەت تور قوللىنىشىنىڭ تەرەققىياتى سەۋەبلىك شاللىنىپ كەتمەيدۇ؛

2. تور كۆرگۈچنىڭ كونا-يېڭى نەشرلىرى ھەممىسى دېگۈدەك قوللايدۇ. يەنى، تور كۆرگۈچنىڭ نەشرى قانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلمىسۇن، تور بېكەت يەنىلا نورمال كۆرۈنىدۇ؛

3. ئىزدەش ماتورلىرى بىلەن بولغان «دوستلۇق مۇناسىۋىتى» تېخىمۇ يېقىن. ئىلگىرىكى table تور بەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا DIV+CSS تېخنىكىسىدىكى بېكەتلەردىن ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ئۇچۇر ئىزدىشى تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ؛

4. پاسون (ئۇسلۇب) نىڭ تەڭشىلىشى تېخىمۇ قۇلاي بولىدۇ. ھازىرقى YAHOO ،MSN  قاتارلىق خەلقئارالىق بېكەتلەر، شىنلاڭ، ۋاڭيى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى بېكەتلەر ۋە مودا بولۇۋاتقان WEB2.0 بېكىتىنىڭ ھەممىسىDIV+CSS  قۇرۇلمىلىق ئۇسلۇبنى ئىشلىتىپ، DIV+CSS نىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى؛

5.DIV+CSS  نىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭ كودىنىڭ ئىخچاملىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. چوڭ تىپتىكى تور بېكەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئارقىلىق كۆپ قىسىم باغ كەڭلىكىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىزدەش ماتورلىرى ئاددىي بولغان كود بۆلىكىنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ.

 DIV+CSS نىڭ مەلۇم مەنىدە ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، ھازىر DIV+CSS قۇرۇلمىلىق تور بېكەتلەرنى ياساشتىكى مەسىلىلەرمۇ خېلى كۆرۈنەرلىك بولماقتا.

ئاساسلىق ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. CSS كە يۇقىرى دەرىجىدە تايانغان بېكەت لايىھىلەش قىيىنلاشتى. HTML4.0 تىكى جەدۋەل (table) قۇرۇلمىسىغا سېلىشتۇرغاندا DIV+CSS نى ئىشلىتىش ياخشى بولسىمۇ، لېكىن جەدۋەل  قۇرۇلمىلىق لايىھىلەشكە قارىغاندا مۇرەككەپلەشتى. ھەتتا يۇقىرى دەرىجىلىك لايىھىلىگۈچىلەرمۇ ئاسانلا خاتالىق پەيدا قىلىدۇ، ئادەتتىكى ئۆگەنگۈچىلەر ئەلۋەتتە شۇنداق. بۇ مەلۇم مەنىدىن XHTML تور بېكەت لايىھىلەش تىلىنىڭ ئومۇملىشىشىغا توسقۇن بولماقتا؛

2. CSS ھۆججىتىدىكى نورمالسىزلىق تور بېكەتنىڭ نورمال زىيارەت قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.CSS  قۇرۇلمىلىق تور بېكەت لايىھىلەشتە، ئېلېمېنتلار ئادەتتە بىر قانچە ھۆججەتنىڭ ئىچىگە قويۇلىدۇ. بەلكىم بۇ بىر قانچە ھۆججەت مۇرەككەپ بولۇشى ۋە كېلەڭسىز بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا ناۋادا CSS نى يۆتكەپ ئىشلىتىشتە مەسىلە كۆرۈلسە، پۈتۈن تور بېكەتنىڭ نورمال زىيارىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

3. CSS قۇرۇلمىلىق تور بېكەت لايىھىلەشتە، تور بېكەتنىڭ تور كۆرگۈچكە ماسلىشىش مەسىلىسى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولماقتا. HTML4.0 نى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان تور بېكەتلەرنىڭ IE4.0 دىن كېيىن قوللاش مەسىلىسى تولۇق بىر تەرەپ قىلىندى. لېكىن DIV+CSS قۇرۇلمىلىق بېكەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا IE دا نورمال كۆرۈنگەن بىلەن Fire Fox تا ئېچىپ كۆرۈپ باققاندا بىر تالاي قالايمىقانچىلىق. شۇڭا DIV+CSS يەنىلا كۆپ قىسىم تور كۆرگۈچلەرنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجلىق...


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى 2011-يىللىق 1-سان

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#