ھەببۇلغار

ھەببۇلغار

ھەببۇلغار بولسا   كامغورا ئائىلسىدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئۆسۈملۈك غار دەرىخـىنىڭ  مىېۋىسى  بۇلۇپ، سۈيدۈك ۋە ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، پەي مۇسكۇللارنى چېڭىتىش رولى بار. 

ئۇيغۇرچە نامى ھەببۇلغار
ئەرەبچە نامى ھەببۇلغار
ئىنگلىزچە semen , cherry laurel
تونۇش ئۆسۈملۈك غار دەرىخـى مىېۋىسى
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 月挂樱子
پارسچە نامى رەھمشت
ئوردۇچە نامى دەرخىت غاركى بيج
شەكلى مېۋىنىڭ چوڭلۇقى، بىندۇق چوڭلۇقىدا ، يۇمىلاق، كۆك بادام رەڭگىدە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەببۇلغار بولسا  كامغورا ئائىلسىدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئۆسۈملۈك غار دەرىخـىنىڭ  مىېۋىسى  بۇلۇپ، مېۋىنىڭ چوڭلۇقى، بىندۇق چوڭلۇقىدا ، يۇمىلاق، كۆك بادام رەڭگىدە،مېۋىنىڭ پوستى نازۇك ، مېغىزى ئىككى پارچە بولۇپ ، رەڭگى سېرىق ياغلىق ، خۇشبۇي كېلىدۇ.مېۋىسى پىشىپ تۆكۈلگەندە، يىغىۋىلىندۇ.جەنۇبى ياۋرۇپا، غەربى ئاسىيادىن چىقىدۇ . ھازىر ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بۇيىدىكى شەھەرلەردە ئۆستۈرىلىدۇ .

جىسمى 

مېۋىنىڭ پوستى نازۇك ، مېغىزى ئىككى پارچە بولۇپ ، رەڭگى سېرىق ياغلىق ، خۇشبۇي كېلىدۇ.


يەل تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، پەي مۇسكۇللارنى چېڭىتىش.

خاس تەسىرى

ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش.

ئەكىس تەسىرى

ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ،

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

ئۇچۇچان مېيى زەمبۇرۇغقا قارشى تۇرۇش تەسىرىگە ئىگە . دۆلەت سىرتىدا ھەببۇلغار چاپلىمىسى سىرتىدىن ئىشلىتىلىپ، شامالداراش، تۇتقاقلىق، زۇكام. تۈغۈتنى تېزلىتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. 

مـېۋىسىـدە ئارومـاتـىـك مـاي ، %1 ، قـۇرۇق مـېـۋىـسـى تەركىبىدىكى ماي %44.01 ، ئۇنىڭ ئىچىدە لائۇرىك كىسلاتاسى (lauric acid) %1 ، پالمىتىك كىسلاتا (palmitic acid) 19%، مـاي كـىسلاتاـسـى %56.6، لـىـنولىئىـك كـىسـلاتـا (linoleic acid) %21 ، لىنولېنىك كىسلاتا %2.5 ( (linolenic acid .

1. ھۆبىلغاردىن1گىرام ئىلىپ ، سۇپۇپ قىلىپ . ھەسەل بىلەن بىللە ئىچىپ بەرسە پالەچ . لەقۋا ، رەئىشە ، نۇقرەس ، مۇپاسىل كېسەللىرىگە شىپا بولىدۇ .

2. ھەببۇلغارنى چالا ئېزىپ شاراپقا چىلاپ ئېرىتمىسىنى بۇرۇنغا تېمىتسا شەقىقە كېسىلگە شىپا بولىدۇ . يەرلىك ئورۇنغا سۈرۈپ بەرسە ئاق داغ ، سەپكۈنگە شىپا بولىدۇ .

3. ھەببۇلغاردىن ماي چىقىرىپ ، پەي بوغۇملارغا سۈرۈپ بەرسە ، پەي بۇغۇم ئاغرىقلرىغا شىپا قىلىدۇ .

دورىلىق ئورنى

مېۋىسى

مىقدارى 

1~2 گىرامغىچە

ساقلاش

 سالقىن قۇرغاق جايدا ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

كەترا، تەمرى ھىندى.

ئورۇنباسارى

بوزىدان، ئاچچىق بادام، سازەچ.

تەرياخى ئەربەئە 

بوغۇم ئاغرىقى، پالەچ، لەقۋا، تىتىرىگەك، يۆتەل، زىققا ، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاجىزلىق

كېلىش مەنبەسى( ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=263

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#