- ئالوي (خام دورا)
- ئالوي ()
ئالوي
ئالوي پىياز ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، گۆشلۈك سامساق غوللۇق، سەبرىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى خەنجەرسىمان، گىرۋەكلىرىدە چىشسىمان تىكەنلىرى بولىدۇ، رەڭگى يېشىل، غول يوپۇرمىقى ۋە شىرنىسى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە، ئىچ سۈرۈش، مەددە چۈشۈرۈش، يۆتەل توختىتىش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئالويئالوي پىياز ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، گۆشلۈك سامساق غوللۇق، سەبرىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 ~ 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى خەنجەرسىمان، گىرۋەكلىرىدە چىشسىمان تىكەنلىرى بولىدۇ، رەڭگى يېشىل، يۇمران چېغىدا ئاق ئۇنغا ئوخشاش ماددا قاپلاپ تۇرىدۇ، يوپۇرماقلىرى غولىغا زىچراق جايلىشىدۇ؛ گۈل ساپىقى يوپۇرماق ئارىلىرىدىن ئۆسىدۇ، گۈللىرى كۆپ، رەڭگى سېرىق بولۇپ، يۇقىرى قىسىمغا توپلىشىپ ئومۇمىي گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ غوزا شەكىللىك مېۋىسى ئۈچ بۇرجەك شەكلىدە بولۇپ، پىشقاندا يېرىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ غول يوپۇرمىقى ۋە شىرنىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى خالىغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. كۆپىنچە ھۆل بويىچە ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى باغ - ھويلىلاردا تەشتەكتە ئستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
ئىچ سۈرۈش، مەددە چۈشۈرۈش، يۆتەل توختىتىش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئالويدىن 5.1 ~ 4 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى ھەزىم ناچارلىشىش، سازاڭسىمان مەددە، قەۋزىيەت ۋە چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆل ئالوينى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 7 مىللىلىتىرنى شېكەر قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، زىققىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئالوينىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى سىقىپ يەرلىك ئورۇنغا بېسىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئالوينىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى ۋە ھەسەلدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا كاۋاۋىچىن سۈيى قوشۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.