ئاق ئۆي

ئاق ئۆي
ئاق ئۆي - يايلاق كۆچمەن تۇرمۇشىغا ماس كېلىدىغان، ياغاچ، تېرە-كىگىزدىن چۇۋۇشقا، ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە قايتا قۇرۇشقا ئەپلىك بولغان ئاددىي ئاق ئۆي (كىگىز ئۆي) نى كۆرسىتىدۇ.
نامى ئاق ئۆي
باشقا نامى كىگىز ئۆي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق ئۆي - ئۇيغۇرلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچلىرىدىن باشلاپ يايلاق كۆچمەن تۇرمۇشىغا ماس كېلىدىغان، ياغاچ، تېرە-كىگىزدىن چۇۋۇشقا، ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە قايتا قۇرۇشقا ئەپلىك بولغان ئاددىي ئاق ئۆي (كىگىز ئۆي) ياساپ، شۇنىڭدا يېتىپ قوپىدىغان بولغان.

ئەجدادلىرىمىز قۇرماقچى بولغان ئۆينىڭ چوڭ-كىچىكلىك ئىھتىياجىغا قاراپ ئالدى بىلەن ئۇزۇن-قىسقىلىقى، ئىنچىكە-توملىقى تەكشى بادرا ۋە چۈلۈك، تال-چىۋىقلىرىنى ئىشىپ تۈڭلۈك چەمبىرەك تەييارلىغان. ئىككىنچى قەدەمدە، بادىرلارنىڭ ئىنچىكە بېشىنى چەمبىرەككە قاتارى تېڭىپ ئۇنى تىكلەپ، يوغان بېشىنى بىر تەكشى ئارلىق قويۇپ كېرىپ گۈمبەز شەكلىدە سوقىچاق قىلىپ يەرگە كۆمگەن. ئاندىن ئۇ بادىرلار ئۈستىگە تېرە ياكى كىگىز ياپقان. بۇنىڭ بىلەن بۇنداق ئاق ئۆيلەرنىڭ ئۈستى تەرىپى كىچىك ئىدىر چوقىسىغا ئوخشاش، ئاستى تەرىپى گۈمبەزگە ئوخشاش شەكىل ئالغان، مۇنداق ئۆينى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن تۇرالغۇ جاي بويىچە ياراتقان بىر ئىجادىيەت دىيىشكە مۇناسىپ. ھازىر قازاق، قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقان ھەشەمەتلىك كىگىز ئۆيلەر ئاشۇ ئاددىي ئاق ئۆيلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن تۈرى دىيىشكە بولىدۇ.

بۇخىل ئاق ئۆي ھازىرمۇ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان قېرىنداش مىللەتلەردە ساقلىنىپ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى زامانىۋى ھەرىكەتچان چىدىرلار، ياكى چىدىر شەكىللىك ئۆيلەرمۇ ئاق ئۆينىڭ (كىگىز ئۆي) ياسىلىش قانۇنىيىتى ئاساسىدا ياسالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#