چاتقال يېزىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چاتقال يېزىسىچاتقال يېزىسى تۇرپان شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى 17 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي ئاستانە يېزىسى، ئۇرۇقچىلىق مەيدانى بىلەن قوشنا، غەرب تەرىپى ئايدىڭكۆل يېزىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى ئۈزۈمچىلىك يېزىسى بىلەن، جەنۇبى شور كۆل يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، قارىمىقىدا توققۇز مەمۇرىي كەنت، 45 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار، پۈتۈن يېزا ئومۇمىي نۇپۇسى 31000 ئادەم.
چاتقال يېزىسى ئۈزۈم، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، كۆكتات قاتارلىق نۇرنى ياقتۇرۇدىغان زىرائەتلەرنى تېرىشنى ئاساس قىلغان. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 58660 مو، ئورمان بەلۋېغىنىڭ كۆلىمى 31466 موغا يەتكەن. 2004 - يىلى، يېزا بويىچە مىللىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 190 مىليون يۈەن خەلق پۇلى، ساپ كىرىمى 9860 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بولغان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرچە كىرىمى 3490 يۈەن خەلق پۇلى بولغان.
چاتقال يېزا قارمىقىدىكى كەنتلەر: بەشمەھەللە كەنتى،بالىلار كەنتى، قوشكارىز كەنتى، كارىز كەنتى، تۆت ھويلا كارىز كەنتى، دۇ تۆت كارىز كەنتى، گۇڭشياڭ كەنتى، چىگە بۇلاق كەنتى، جاڭزا كەنتى، چوڭ كارىز كەنتى، ئويمان كارىز كەنتى، تۇيغۇن كەنتى، قارا غوجا كارىز كەنتى، ھاجىنىڭ كارىزى كەنتى قاتارلىقلار بار.
چاتقال يېزىسى تەۋەسىدە دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن بولغان ئايدىڭكۆل بار، ئايدىڭكۆل بىر ئىچكى قۇرۇقلۇق تۇزلۇق سۇ كۆلى بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ تۆۋەن جاي، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئويمان يەر.
ئېدېن ( ئايدىڭ )، ئۇيغۇر تىلى ئاي دېگەن مەنىدە، ئايدىڭكۆل، «ئاي نۇر كۆلى» دېگەن مەنىدە.
كۆلنىڭ كۆپ قىسمى سازلىق مەسىلەن، دولقۇن قۇرۇپ كەتكەن كۆللەرنىڭ تېگى، مەرۋايىتتەك كۈمۈش رەڭ ھەممە يەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇرغان تۇز كرىستاللىرى قۇياش نۇرى ئاستىدا چاقناپ تۇرىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.