كەشمىرىلەر

كەشمىرى

كەشمىرلەر جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندىستان، پاكىستان، تېبەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى چېگرىلىشىدىغان ئىستىراتىگىيىلىك ئىگىزلىككە جايلاشقان مىللەت.


ئۇيغۇرچە نامى كەشمىرىلەر
ئىنگىلىزچە نامى Kashmiri
ئىتىقادى كۆپىنچىسى ئىسلام دىنى، ئاز قىسمى ھىندى دىنى
تىلى كەشمىر تىلى
خەنزۇچە نامى 克什米尔人
تارقىلىشى كەشمىر رايۇنى
نوپۇسى 6 مىليون 800 مىڭ (2010-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەشمىرىيلەركەشمىرلەر جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندىستان، پاكىستان، تېبەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى چېگرىلىشىدىغان ئىستىراتىگىيىلىك ئىگىزلىككە جايلاشقان مىللەت.

    2010-يىلدىكى ستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ ئاھالىسى بار.

تارقىلىشى كەشمىر تاغلىق رايونىغا ئولتۇراقلاشقان. كەشمىر رايونى پاكىستان ۋە ھىندىستاننىڭ كونتروللىقىدا بولسىمۇ ئەمما پاكىستان كونتىرۇللىقىدىكى كەشمىر رايونىنىڭ  پەقەت  نېلىي رايونىدىلا ئاران يۈزمىڭ ئەتراپىدا كەشمىر بار، قالدىسى پەنجەپلاردىن ئىبارەت.

    ھىندىستانغا قاراشلىق كەشمىر جام ۋە كەشمىر دەپ ئاتىلىدۇ ۋە لاداخ، كەشمىر تاغلىق رايونى، جام دىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا بۆلۈنىدۇ. كەشمىرلەر دەل كەشمىر تاغلىق تاغلىق رايونىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ كەشمىر تاغلىق رايونىدىكى 5 مىلىيۇن 800 مىڭ ئاھالىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كەشمىرىلەردۇر.

كەشمىرى كەشمىرىلەر ياۋروپا ئىرقى، ئوتتۇرا دېڭىز تۈركۈمى پامىر تىپىغا تەۋە، كۆپ قىسىم ئاھالىلىرى  ئاق تەنلىك، لېكىن قىسمەن ئاھالىلىرىدە مۇڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئىنتايىن روشەن ئىپادىلىنىدۇ. 

كەشمىرى تارىخى  كەشمىرلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ جۇغراپىيىلىك شارائىت تۈپەيلى كەشمىر رايونى تارىختىن بۇيان بۆلۈنمە يەرلىك ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن كۆپرەك ئىدارە قىلىنغان، ئالىكساندىر، ھۇن، قاراخانىلار، غەزنەۋىلەر، لۇرلار، بابۇر باشچىلىغىدىكى موغۇللار تارىختى بۇيان بۇ زىمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.

 8 ~ 4 ئەسرلەردە بۇددا دىنى مەدەنىيىتى كەشمىردە يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، كەشمىردىن نۇرغۇن بۇددىستلار جوڭگوغا بېرىپ دىن تارقاتقان. 10-ئەسىردىن كېيىن ئىسلام دىنى كەشمىر رايونىدا ھۆكۈمرانلىقنى ئىگەللىگەن. 16-ئەسىردىن كېيىن كەشمىرىلەر ئاساسەن بابۇر قۇرغان موغۇل ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق بولغان، 1846-يىلى ئەنگىلىزلار بۇ رايوننى ئىشغال قىلىپ ئەنگىلىيەگە بىۋاستە قاراشلىق بەگلىككە ئايلاندۇرۇپ جام رايونىدىكى ھىندى دىنىغا ئىشىنىدىغان دوگرىلارنى ۋە كەشمىرىلەر ئىچىدىكى ئاز سانلىق ھىندى بىراھمانلىرىنى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا يۆلەپ چىقارغان.

1945-يىلى ھىندىتان -پاكىستان ئايرىلغاندا ھەر قايسى بەگلىكلەرگە ھىندىتان ياكى پاكىستانغا قوشۇلۇش ئىختىيارى بېرىلگەن. كەشمىرنىڭ ھىندى دىنىغا ئىشىنىدىغان دوگرى مىللىتىدىن بولغا بېگى ھىندىستانغا قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، خەلق قوزغىلاڭ كۆتەرگەن پاكىستان ۋە ھىندىستان ئارمىيىسى كەشمىرگە تەڭلا كىرىپ توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكتىن ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى سىزىلىپ كەشمىر رايونى ھىندىستانغا قاراشلىق جام ۋە كەشمىر، پاكىستانغا قاراشلىق ئازاد كەشمىرگە بۆلۈۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغىچە كەشمىر خەلقى مۇستەقىل بولۇش ياكى پاكىستانغا قوشۇلۇشتىن ئىبارەت سىياسى تەلىپى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلۋاتىدۇ.

جام رايونىدا كەشمىرىلەر ئاھالىنىڭ %32 نى ئىگەللەيدۇ. كەشمىرىلەرنىڭ %97 ى ئىسلام دىنىغا ،%3 ى ھىندى دىنىغا ئىشىنىدۇ.

 كەشمىرلەر كەشمىر تىلىنى قوللىنىدۇ، ھىندىستان-ياۋروپا تىللار سېستىمىسى ھىندىستان تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاجىك تىلى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتلىك، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا زور مىقداردا سانسكرىت تىلى، پارس تىلى، ئەرەب تىلى، تۈرك تىلى، پۇشتى تىلى ۋە پەنجاپ تىلىدىكى سۆزلەرنى قوبۇل قىلغان. كەشمىرلەرنىڭ مۇسۇلمانلىرى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى  پارس خەت شەكلى ئېلىپبەسىنى، ھىندى دىنىغا ئىشىنىدىغانلىرى سانسىكىرت ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى شاردا خەت شەكلى ۋە سانسكرىت دېۋاناگارى خەت شەكلىنى قوللىنىدۇ.

كەشمىرىلەرنىڭ سەيىد، شېكىل، موغۇل ۋە پاتاندىن ئىبارەت 4چوڭ قەبىلىسى بار: بۇنىڭ ئىچىدىكى شېكىل قەبىلىسىدە ئاھالە ئەڭ كۆپ، كەشمىرىلەردە ھىندى دىنى ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ۋە شىئە ئىسمائىلىيە مەزھىبىنىڭ تەسىرى بىرقەدەر چوڭقۇر، راھىبلارغا چوقۇنۇش، موناخ، پەيغەمبەر، ئەجدادلارغا، پېرىخونلۇققا ئىشىنىش قاتارلىق خۇراپاتلىقلارمۇ كەڭ تارقالغان.

بىراخمان كەشمىرىلەر ئىچىدىكى ھىندى دىنى مۇرتلىرىنىڭ كۆپرەكلىرى براخمان سالاھىيىتىگە ئىگە، فەندىت دەپ ئاتالغان. يېرىمى سېرناگار شەھرىدە ئولتۇراقلاشقان، يېرىمى يېزىلاردا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر كەشمىرنىڭ سىياسىيونى، زىمىندار، ئالىم، كاھىن، ئوقۇتقۇچى، خان سارىيى خىزمەتچىلىرىگە ئايلانغان. ئۇلار ھازىرقى شىمالىي ھىندىستاننىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدە شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ مەمۇرىي تارماقلىرى، مائارىپ ساھەسى، سىياسىي ساھە، نامەلۇم سودا ساھەسى قاتارلىقلاردا يەنىلا مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئۇلار ئۆزلىرىنى كەشمىر براھمانلىرى دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرىدۇ. سالاھىيەتكە قاراپ توي قىلىش يەنىلا بار، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئىچىدە تۇل ئاياللارنىڭ توي قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن كۆيدۈرۈلۈپ دەپنە قىلىنىدۇ.

كەشمىرلەر ئاساسلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شال ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى، يەنە قوناق، بۇغداي قاتارلىقلارمۇ بار. يۇڭ توقۇمىچىلىق، ياغاچ ئويمىچىلىق سەنئىتى شۇنداقلا مىتال تاۋلاش قاتارلىق قول سانائىتى تەرەققىي قىلغان. يېشىل چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چايغا تۇز سالىدۇ. نامرات ئائىلىلەر چاي ئىچىش ۋە ئۇماچ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەرلەر ئادەتتە ئۇزۇن يەكتەك ۋە شىم كىيىدۇ، بېشىنىڭ كەينى قىسمىغا كىچىك دۈگلەك دوپپا كىيىدۇ. ئاياللىرى تويدىن كېيىن مېدالىئون تاقايدۇ، قۇلىقىغا ھالقا تاقايدۇ.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/118920.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#