جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى

كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى» 1996-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى تارقىتىلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى
خارەكتېرى پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى
تۈزتىلگەن ۋاقتى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中国共产党地方委员会工作条例
تارقاتقان ۋاقىت 1996-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى» 1996-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى تارقىتىلغان. 

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ 

1-ماددا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نىشانىغا يېتىشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى» غا ئاساسەن مەزكۇر نىزام تۈزۈپ چىقىلدى. 

2-ماددا مەزكۇر نىزام پارتىيەنىڭ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر ۋە ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە (خوشۇن)، ئاپتونوم ناھىيە، رايون تەسىس قىلىنمىغان شەھەر ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق كومىتېتلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ. 

3-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى ئۆز رايونىدا ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆز رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۆز رايونىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ. 

4-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى خىزمەتلەردە تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى شەرت:

(1) جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

(2) مەۋقەنى ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش.

(3) ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئەمەلىيەتچىل، راستچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇش.

(4) دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى كۈچەيتىش.

(5) پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش.

(6) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى باشقا نىزام-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش. 

5-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى ئاساسلىقى سىياسىي، ئىدىيە ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يولغا قويۇپ، يۆنىلىشنى بېكىتىپ، ئومۇمىيەتنى ئىدارە قىلىپ، تەدبىر بەلگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

(1) ئۆز رايونىدىكى زور مەسىلىلەر توغرىسىدا تەدبىر بەلگىلەيدۇ.

(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسىنى يەرلىك نىزام، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قائىدىسى ياكى باشقا مەمۇرىي بۇيرۇققا ئايلاندۇرىدۇ.

(3) ئۆز رايونىنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقى، سۆز ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەيدۇ.

(4) كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق چېكى بويىچە كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، يەرلىكتىكى دۆلەت ئورگانلىرى، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتى، خەلق تەشكىلاتلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىقلارغا مۇھىم كادىرلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ.(5) خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ قانۇن ۋە نىزامنامە بويىچە خىزمەتلەرنى مۇستەقىل مەسئۇل بولۇش، بىردەك ماسلاشتۇرۇش ئاساسىدا ئىشلىشىنى قوللايدۇ ۋە كاپالەتلەندۈرىدۇ، بۇ تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

(6) ئۆز رايونىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى ۋە بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىدۇ.

(7) تەۋەلىكىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، ئاممىنى پارتىيەنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ. 

2-باب تەشكىللىنىشى ۋە ئەزالىرى 

6-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، كومىتېت ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىدىن تەشكىللىنىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى (دائىمىي كومىتېت دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى (قىسقارتىپ ئومۇمىي يىغىن دەپ ئېلىندى)دا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۇ پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىلىرى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرىدىن تەشكىللىنىدۇ. 

7-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى، پارتىيە ئىستاژى، يېشى، جىنسى، كەسپى قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. نامزاتلار شۇجى، مۇئاۋىن شۇجى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، ئادەتتە يەنە تەڭ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، سىياسىي كېڭەش، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، تەڭ دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، تەڭ دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، بىر دەرىجە تۆۋەن پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى شۇنداقلا ماس نىسبەتتە ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ئەزالىرى كېمەيگەن ئەھۋالدا، كاندىدات ئەزالىرى ئىچىدىن ئېرىشكەن ئاۋازنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بويىچە تەرتىپ بىلەن تولۇقلىنىدۇ، تولۇقلانغاندىن كېيىنمۇ كەم قالغانلىرىنى پارتىيە قۇرۇلتىيى ياكى پارتىيە يىغىنى ئېچىپ تولۇقلاپ سايلاشقا بولىدۇ.ئۆز رايونىدىن يۆتكىلىپ كېتىش، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىش، پېنسىيەگە چىقىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پارتكومنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتەشكە ماس كەلمىگەنلەر ئىستېپا بېرىدۇ ياكى تۇرۇشلۇق يەرلىك پارتكوم تەرتىپ بويىچە دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ. ۋاپات بولغانلار، دۆلەت تەۋەلىكىنى يوقاتقانلار، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەنلەر، پارتىيەلىكى توختىتىلغانلار، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناشتىن يۇقىرى پارتىيە ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ ئەزالىق، كاندىدات ئەزالىق ۋەزىپىسى ئۆزلۈكىدىن ئاخىرلىشىدۇ. ئەزالىق، كاندىدات ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلەر، قالدۇرۇلغانلار ياكى ئەزالىق ۋە كاندىدات ئەزالىق ۋەزىپىسى ئۆزلۈكىدىن ئاخىرلاشقانلار بىر دەرىجە يۇقىرى پارتكومغا مەلۇم قىلىنىپ رويخەتكە ئېلىنىدۇ. ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغاندا، بىر دەرىجە يۇقىرى پارتكوم بىر دەرىجە تۆۋەن پارتكومنىڭ ئەزالىرىنى، كاندىدات ئەزالىرىنى تەيىنلىسە ۋە قالدۇرسا بولىدۇ. 

8-ماددا دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنى سەپلەشنى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش، كېڭىشىش، تەدبىر بەلگىلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە قارار قىلىدۇ. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ سانى ئۆلكە دەرىجىلىكنىڭ 11 دىن 13 كىچە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىكنىڭ 9 دىن 11 گىچە بولىدۇ، ئايرىم جايلار ئېھتىياجىغا قاراپ مۇۋاپىق كۆپەيتسە ياكى كېمەيتسە بولىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلىدۇ ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم مەركەزنىڭ روھىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ.پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرىدا بىر شۇجى، ئىككى مۇئاۋىن شۇجى تەسىس قىلىنىدۇ، ئايرىم مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردا ئېھتىياجىغا قاراپ مۇئاۋىن شۇجىلىق ۋەزىپە ئورنىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشكە بولىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلىدۇ ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم مەركەزنىڭ روھىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ.پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى نۆۋەت ئالماشقاندا، شۇجى، مۇئاۋىن شۇجى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرى ئومۇمىي يىغىندا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ھەم بىر دەرىجە يۇقىرى پارتكومنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدۇ. يېڭىدىن سايلانغان شۇجى، مۇئاۋىن شۇجى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرى ئادەتتە بىر نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. پارتىيە قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۆۋەن دەرىجىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىسى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرىنى يۆتكىسە، تەيىنلىسە ۋە قالدۇرسا بولىدۇ، سانى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ئادەتتە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئىككىدىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. 

3-باب خىزمەت مەسئۇلىيىتى

9-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى پارتىيە قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلىدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يوليورۇقى ۋە تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى، بېكىتمىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئۆز رايونىنىڭ خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى ئومۇمىي يىغىن ئېچىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك خىزمەت مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا ھەقلىق:

(1) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى، بېكىتمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى تۈزۈش.

(2) ئۆز رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، زور ئىسلاھات تۈرلىرى، زور خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى قاتارلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا دائىر زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە بېكىتىش.

(3) ئۆز رايونىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە بېكىتىش، پارتىيە ئىچىدىكى مۇھىم قائىدە-نىزام ياكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش.(4) تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ياكى پارتىيە يىغىنىنى ئېچىشنى بېكىتىش ھەم تەكلىپلەرگە ئالدىن قاراپ چىقىش ۋە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.

(5) دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ياكى مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە ئۇنىڭغا قاراپ چىقىش.

(6) شۇجى، مۇئاۋىن شۇجى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرىنى سايلاش؛ پارتىيەنىڭ تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن شۇجى، مۇئاۋىن شۇجى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرىنى ماقۇللاش.

(7) پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنى تولۇقلاپ سايلاشنى قارار قىلىش؛ پارتكومنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ياكى قالدۇرۇشنى تەستىقلاش؛ بىر دەرىجە تۆۋەن پارتىيە تەشكىلاتىنى قايتىدىن تەشكىللەش ياكى تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلىش؛ پارتكوم ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشتىن يۇقىرى ئىنتىزام جازاسى بېرىشنى بېكىتىش ياكى مۇئەييەنلەشتۈرۈش.

(8) ئۆز رايونىنىڭ مەمۇرىي رايونلىرىنى ئايرىش، تەڭشەش شۇنداقلا ئالاقىدار پارتىيە، ھۆكۈمەت، جامائەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش، ئۆزگەرتىش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىش ۋە مۇزاكىرە قىلىش.

(9) دائىمىي كومىتېت قارار چىقىرىشقا سۇنغان ئىشلار ياكى ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلمەكچى بولغان باشقا ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقىرىش. 10-ماددا ئومۇمىي يىغىن يېپىق مەزگىلدە، دائىمىي كومىتېت پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، دائىمىي خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:

(1) ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ئومۇمىي يىغىنغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ ھەم نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىدۇ؛ ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ۋە قارار قىلىشىغا سۇنۇلىدىغان ئىشلارغا ئالدىن قاراپ چىقىدۇ ۋە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

(2) يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ قارار، بېكىتمىلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.(3) يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن يوليورۇق سورايدۇ، تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى يوليورۇق سورىغان، دوكلات قىلغان مۇھىم ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە بېكىتىدۇ.

(4) ئۆز رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى، تەشكىلات خىزمىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى، ئاممىۋى خىزمەت، بىرلىك سەپ خىزمىتى، سىياسىي-قانۇن خىزمىتى قاتارلىق دائىملىق خىزمەتلەرگە دائىر مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ.

(5) ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە كادىرلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ، نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ، ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرىدۇ. زۆرۈر بولغاندا، مۇھىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشتا پارتكوم ئەزالىرىنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ؛ كادىرلارغا تەربىيە بېرىدۇ، ئۇلارنى باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ؛ پارتىيەلىك كادىرلارغا ئىنتىزام جازاسى بېرىشكە دائىر ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ.

(6) دائىمىي كومىتېت بېكىتكەن باشقا مۇھىم ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ. 

11-ماددا پارتكوم شۇجىسى پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ پائالىيەتلىرىنى تەشىكىللەيدۇ، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ، پارتكومنىڭ خىزمەتلىرىگە ئاساسلىق مەسئۇل بولىدۇ.ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئالغان پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىگە رىياسەتلىك قىلىدۇ، ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەيدۇ. ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتىمەيدىغان پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئاساسلىقى شۇجىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشىغا ماسلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېھتىياجغا قاراپ باشقا خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مەسئۇل بولىدۇ.دائىمىي كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرى ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇپ، مەسئۇل بولغان ساھە بويىچە پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. 

12-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، دائىمىي كومىتېت ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ھەم مۇئەييەن دائىرە ئىچىدە ئاشكارىلىشى شەرت. 

13-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى، شۇجى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتىكى بىرىنچى مەسئۇللۇق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى شەرت. دائىمىي كومىتېت قەرەللىك ھالدا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتكومغا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم مەخسۇس تېمىدا دوكلات قىلىشى شەرت. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى باھالاشقا دائىر ئۇنىۋېرسال باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئىنتىزام قانۇننىڭ ئالدىدا تۇرۇش، ئىنتىزام قانۇندىن قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى خالىماسلىقتەك پاك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى شەرت. 

14-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى ئىدىيە، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنى ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى بىلەن قوراللاندۇرۇشى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە رىئايە قىلىشى شەرت. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، بەلگىلىمە بويىچە دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ۋە تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىشى شەرت. مەركەزنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇشى شەرت. «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ياخشى سىياسىي مۇھىت يارىتىشى شەرت. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك، تەلەپچان بولۇش مىزانى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى شەرت. 

 4-باب تەشكىلىي پىرىنسىپى 

15-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشى، يەرلىكنىڭ ھەر قانداق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدا مەركەزنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى شەرت.پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى ھەر يىلى بىر دەرىجە يۇقىرى پارتكومغا خىزمەت ئەھۋالىدىن بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك دوكلات بېرىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تۈرلۈك مۇھىم قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق دوكلات بېرىشى شەرت. زور تاسادىپىي ۋەقەلەر، زور مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، ۋاقتىدا دوكلات سۇنۇپ يوليورۇق سورىشى شەرت. 

16-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋەزىپىسىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە نورمال ئادا قىلىشىنى قوللىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى شەرت. ئومۇمەن تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئىشلارنى ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى بىر تەرەپ قىلىدۇ.پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا دائىر مۇھىم قارارلارنى چىقىرىشتا، ئادەتتە ئالدى بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى شەرت. تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان مۇھىم ئەھۋال ۋە زور مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى شەرت. 

17-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىشنى شەخسلەر ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى شەرت. ئومۇمىي يىغىن ياكى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ۋە قارار قىلىنىدىغان ئىشلارنى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىشى شەرت، ھەر قانداق شەخس ياكى ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا بېكىتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. مەسىلىلەرنى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلغاندا ۋە قارار چىقارغاندا، شەخسلەر پىكرىنى تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. شەخسلەر كوللېكتىپ چىقارغان قارارنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى شەرت، ئوخشىمىغان پىكىردە بولغانلار ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قالسا شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ.دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئىش تەقسىماتى ۋە كوللېكتىپنىڭ قارارىغا ئاساسەن دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى شەرت؛ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىغان خىزمەتلەرگە ئومۇمىيەت نۇقتىسىدىن ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇنى قوللىشى، تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، پائال تەكلىپ-پىكىر بېرىشى كېرەك. 

18-ماددا پارتكوم شۇجىسى دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، توغرا پىكىرنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇشى شەرت، دائىمىي كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى تەشكىل ۋە بەنزىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋالماسلىقى، ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىقى كېرەك.دائىمىي كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرى شۇجىنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ، شۇجىنىڭ ئۆز خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى شەرت.دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى پارتىيەلىك پىرىنسىپ ئاساسىدا ئىتتىپاقلىقنى قوغداپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ئەپۇچان بولۇپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا نازارەت قىلىشى كېرەك. 

19-ماددا دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى پارتكومغا ۋاكالىتەن سۆزلىگەن سۆزى ۋە بەرگەن دوكلاتى، خىزمەتكە ئالاقىدار ماقالە، ئەسەر، پىكىر-بايانلارنى ئىمزالىق ئېلان قىلىش ياكى نەشر قىلدۇرۇشتىن ئاۋۋال دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشى ياكى پارتكوم شۇجىسىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى شەرت.دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش ياكى باشقا ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش داۋامىدا ئېلان قىلغان شەخسىي پىكرى پارتكومنىڭ كوللېكتىپ قارارىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. 

5-باب كېڭىشىش ۋە تەدبىر بەلگىلەش 

20-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى كېڭەشكەن ۋە تەدبىر بەلگىلىگەندە، كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم مۇزاكىرە قىلىش، يىغىندا قارار چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشنى يولغا قويۇشى شەرت. 

21-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى تەدبىر بەلگىلەشكە مەسلىھەت بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور تەدبىرلەرنى بەلگىلەشتە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاپ، خەتىرىنى باھالاپ ۋە قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن ياكى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىشى ۋە بېكىتىشى شەرت. 

22-ماددا ئومۇمىي يىغىن ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ ئىككى قېتىم ئېچىلىدۇ، مۇھىم ئەھۋاللارغا يولۇققاندا ھەر قاچان ئېچىلسا بولىدۇ. ئومۇمىي يىغىننى دائىمىي كومىتېت چاقىرىدۇ ھەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، قارالمىلار ئادەتتە دائىمىي كومىتېت پارتكوم ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن بېكىتىلىدۇ.ئومۇمىي يىغىننى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپرەك پارتكوم ئەزالىرى قاتناشقاندا ئاندىن ئېچىشقا بولىدۇ. پارتكوم ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالار مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن يىغىنغا قاتنىشالمىغاندا، يىغىندىن ئىلگىرى رۇخسەت سورىشى كېرەك، پىكرىنى يازمىچە ئىپادىلىسە بولىدۇ. خىزمەت ئېھىتياجىغا قاراپ، دائىمىي كومىتېت ئالاقىدار خادىملارنىڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشىنى بېكىتسە بولىدۇ.ئاۋاز بېرىشتە، مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ۋە بېكىتىلىدىغان ئىشلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ قول كۆتۈرۈش، يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ياكى ئىمزالىق بېلەت تاشلاش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ، قوللىغان ئاۋاز يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ يېرىمىدىن ئاشسا ماقۇللىنىدۇ. يىغىنغا قاتناشمىغان پارتكوم ئەزالىرىنىڭ پىكرى ئاۋاز سانىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ. كاندىدات ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ.پارتكوم ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشتىن يۇقىرى پارتىيە ئىنتىزام جازاسى بېرىش قارارىنى چىقىرىشتا، ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكى قوشۇلسا ئاندىن بېكىتىشكە بولىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋالدا، ئالدى بىلەن دائىمىي كومىتېت بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇمىي يىغىن ئېچىلغاندا مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە بولىدۇ. پارتكوم ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالارغا بېرىلگەن يۇقىرىقى جازانى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم تەستىقلىشى شەرت. 

23-ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئادەتتە ھەر ئايدا ئىككى قېتىم ئېچىلىدۇ، مۇھىم ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، ھەر ۋاقىت ئېچىشقا بولىدۇ.دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى پارتكوم شۇجىسى چاقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. شۇجى يىغىنغا قاتنىشالمىغاندا، مۇئاۋىن شۇجىنىڭ چاقىرىشى ۋە رىياسەتچىلىك قىلىشىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. يىغىن قارالمىسىنى شۇجى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرى تەكلىپ بېرىدۇ، شۇجى ئەتراپلىق ئويلاشقاندىن كېيىن بېكىتىدۇ.دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قاتناشقاندا ئاندىن ئېچىشقا بولىدۇ. كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە بېكىتىشتە، ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپرەك دائىمىي كومىتېت ئەزاسى يىغىنغا قاتنىشىشى شەرت. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى مەلۇم سەۋەب تۈپەيلى يىغىنغا قاتنىشالمىغاندا، يىغىندىن ئىلگىرى رۇخسەت سورىشى كېرەك، ئۆزىنىڭ پىكرىنى يازمىچە ئىپادىلىسە بولىدۇ. خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، يىغىن چاقىرغۇچى ئالاقىدار خادىملارنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشنى بېكىتسە بولىدۇ.ئاۋاز بېرىشتە، مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ۋە بېكىتىلىدىغان ئىشلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئاغزاكى ئاۋاز بېرىش، قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش، يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ياكى ئىمزالىق ئاۋاز بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ، قوللاپ بېرىلگەن ئاۋاز دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزالار سانىنىڭ يېرىمىدىن ئاشقاندا ماقۇللىنىدۇ. دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا قاتنىشالمىغانلارنىڭ پىكرى ئاۋاز سانىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ. يىغىندا بىر نەچچە تۈرلۈك ئىش مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە قارار قىلىنغاندا، ھەر بىر تۈر ئايرىم-ئايرىم ئاۋازغا قويۇلىدۇ.دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى مەخسۇس خادىم ئەينەن خاتىرىلەيدۇ، قارار قىلىنغان ئىشلار يىغىن خاتىرىسى سۈپىتىدە تۈزۈپ چىقىلىدۇ ۋە تارقىتىلىدۇ. دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللانغان، پارتكوم نامىدا يۇقىرىغا يوللىنىدىغان ياكى تۆۋەنگە تارقىتىلىدىغان ھۆججەتلەرگە شۇجى ئىمىزا قويىدۇ.زور تاسادىپىي ۋەقە، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى ۋاقتىدا ئېچىپ تەدبىر بەلگىلەشكە ئىمكانىيەت بولمىسا، شۇجى، مۇئاۋىن شۇجى ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرى ۋاقىتلىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېتقا ۋاقتىدا مەلۇم قىلسا بولىدۇ. 

24-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچسا بولىدۇ، بىراق ئومۇمىي يىغىن، دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئورنىدا تەدبىر بەلگىلەشكە بولمايدۇ.

25-ماددا پارتكوم شۇجىسى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان مۇھىم ئىشلارنى ئالدى بىلەن مەخسۇس تېمىدا يىغىن ئېچىپ مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ. مەخسۇس تېمىلىق يىغىنغا شۇجى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مۇئاۋىن شۇجى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرى قاتنىشىدۇ. مەخسۇس تېمىلىق يىغىندا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئورنىدا تەدبىر بەلگىلەشكە بولمايدۇ.دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۆزىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە كېڭىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ، بىراق ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ تەدبىر بەلگىلەشكە بولمايدۇ.پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش قاتارلىقلارغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تەسىس قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. دۆلەت ئورگانلىرى، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى زور مەسىلىلەر ۋە ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە چېتىشلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ دائىرىدە كېڭىشىپ، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراستىنى توپلاپ، ئورتاق تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، بىرىكمە كۈچنى كۈچەيتىشى كېرەك. 

26-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللىغان سىياسەتلەرنى دائىمىي كومىتېت تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ؛ دائىمىي كومىتېت چىقارغان سىياسەتلەرنى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئىش تەقسىماتى بويىچە ئايرىم-ئايرىم مەسئۇل بولۇپ يولغا قويىدۇ.پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش ۋە قايتما ئىنكاس بېرىش مېخانىزمىنى تەسىس قىلىپ، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى شەرت. تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش جەريانىنى زور تەڭشەشكە توغرا كەلگەندە، كىم تەدبىر بەلگىلىسە شۇ تەڭشەش پىرىنسىپى بويىچە ئومۇمىي يىغىن ياكى دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ قارار چىقىرىشى كېرەك. 

6-باب نازارەت قىلىش ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش 

27-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكومنىڭ رەھبەرلىكى ۋە نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى، تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، ئامما شۇنداقلا ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى شەرت.پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئومۇمىي يىغىن ياكى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلارغا سىرتتىن قاتنىشىشقا پىلانلىق تەكلىپ قىلىشى، سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى ۋە قېتىم سانىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشى كېرەك. پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قەرەللىك ھالدا مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا، تەكلىپ-پىكىر بېرىشكە تەشكىللەپ، تەكلىپ-پىكىرلىرىنى تولۇق ئاڭلىشى كېرەك. 

28-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم بىر دەرىجە تۆۋەن پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ۋە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك باھالىشى، مۇكاپاتلاش-جازالاش مېخانىزمىنى تەسىس قىلىشى كېرەك. باھالاشقا دائىر كونكرېت خىزمەتلەرگە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكومنىڭ تەشكىلات تارماقلىرى باشلامچى بولىدۇ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى، پارتكومنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قاتنىشىدۇ. 

29-ماددا مەزكۇر نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ تەنقىد ۋە تەربىيە بېرىش، تەكشۈرۈشكە بۇيرۇش، ئاگاھلاندۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش ياكى ئىش ئورنىنى تەڭشەش، ئىستېپا بېرىشكە بۇيرۇش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ؛ پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلارغا «جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەمۇرلارنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مۇناسىپ چارە كۆرۈلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ 

30-ماددا پارتىيەنىڭ ۋىلايەتلىك كومىتېتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك كومىتېتلىرى بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى تەشكىلاتلار مەزكۇر نىزامنى تەتبىقلاپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ. 

31-ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك يەرلىك كومىتېتلىرى مەزكۇر نىزامغا ئاساسەن، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ خىزمەت قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. 

32-ماددا مەزكۇر نىزامنى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى مەركىزىي كومىتېت تەشىكىلات بۆلۈمى بىلەن كېڭىشىپ چۈشەندۈرىدۇ. 

33-ماددا مەزكۇر نىزام 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1996-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى)» بىرلا ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/2662353.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#