بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى

بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى

بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، ئاياللار كېسەللىكلىرى ئىچىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بالىياتقۇ بوينى جىنسىي يول ياللۇغى ۋە بالىياتقۇ بوينى نەيچىسى شىللىق پەردىسى ياللۇغلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىلىنىكىدا ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ئاياللار
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى cervicitis,trachelitis
خەنزۇچە نامى 宫颈炎
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى بالىياتقۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىلىنىكىدا ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. ئۆتكۈر بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى كۆپىنچە ئۆتكۈر داس بوشلۇقى ياللۇغى ۋە ئۆتكۈر جىنسىي يول ياللۇغى بىلەن پەيدا بولىدۇ.

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەردىن بالىياتقۇ بوينى ياللۇغلىنىپ، كلىنكىدا ئاق خۇن كۆپىيىش، بەل-توققۇزكۆز ساھەسى سىرقىراپ ئاغرىش، تۆۋەنكى قورساق قىسمى چىڭقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى كېسەللىك جەريانىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا ئاساسەن ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ياللۇغى ۋە ئۆتكۈر خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى بىلەن بىرلىكتە كېلىدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا، بولۇپمۇ كۆپ تۇغقان، كۆپ قېتىم سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرگەن ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى

 تۇغقان ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاز بىر قىسىم بىمارلاردا ئۆتكۈر بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ساقىيالماي، سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ياللۇغىغا ئۆزگىرىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. ئاز بىر قىسىم بىمارلاردا پەقەت ئاق خۇن كۆپىيىدۇ.

نورمال ئەھۋالدا بالىياتقۇ بوينى جىنسىي يولى كۆپ قەۋەتلىك قاسراقسىمان ئېپىتېلىيە توقۇلمىسى بىلەن ئورىلىپ تۇرغانلىقتىن، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ، بالىياتقۇ بوينى كانىلى شىللىق پەردىسىدە بىر قەۋەت تۈۋرۈكسىمان ئېپىتېلىيە بولۇپ، ياللۇغقا قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز بولىدۇ، تۇغقان ياكى بويىدىن ئاجرىغاندا بالىياتقۇ بوينى زەخىملەنگەچكە ھەمدە بالىياتقۇ بوينى كانىلى شىللىق پەردىلىرىدە تۈرمىلەر كۆپ بولغاچقا، پاتوگېن كىرگەندىن كېيىنكى يوشۇرۇن مەزگىلدە ئاسان يوقالماي، ئۇزاق داۋاملىشىپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغقا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. 

ئۆتكۈر بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى

ئاق خۇن يىرىڭسىمان بولۇپ، قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى، بەل ۋە توققۇز كۆز تېلىپ ئاغرىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پات-پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاپ كېلىش، سىيگەندە ئاغرىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى—ئاق خۇن سۈت رەڭلىك شىلىمسىمان ياكى سۇس سېرىق رەڭلىك يىرىڭلىق ھالەتتە بولىدۇ. 

بالىياتقۇ بوينى ئېغىر دەرىجىدە شەلۋەرەش ياكى بالىياتقۇ بوينى مونچاق گۆشى پەيدا بولغاندا، ئاق خۇن قانسىمان ھالەتتە كېلىدۇ ياكى جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن قانايدۇ. 

ياللۇغ كېڭىيىپ داس بوشلۇقىغا كىرگەندە، بەل ۋە توققۇز كۆز ئاغرىش، قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى چىڭقالغاندەك بولۇش ۋە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

بۇ كېسەللىك، قىيىن تۇغۇت، بالا چۈشۈرۈش ياكى قىردۇرۇش جەريانىدا بالىياتقۇ بوينى زەخىملىنىپ يۇقۇملىنىش ۋە چىلە دەۋرىدىكى تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق، زەڭگار سەپرا خىلىتى، ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرى، باشقا كېسەللىكلەر تەسىرى قاتارلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

زەڭگار سەپرا خىلىتى

زەڭگار سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما-ھۈجەيرىلەرنى كۈچلۈك غىدىقلاپ، ماددا ئالمىشىشنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.  

ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرى

ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق يەرلىك ئورۇنغا تەسىر قىلغاندا ياكى تۇغۇت، بويىدىن ئاجراش، ئوپېراتسىيە، چىللە، ھەيز مەزگىللىرىدە دېزىنفېكسىيە تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن جاراسىملار يەرلىك ئورۇندا ئۆسۈپ كۆپىيىپ، قاننى ئوفۇنەتلەندۈرگەندە بۇ خىل غەيرىيي تەبىئىي خىلىت يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما-ھۈجەيرىلەرنى كۈچلۈك غىدىقلاپ، ھۈجەيرىلەرنى چىرىتىپ، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

باشقا كېسەللىكلەر تەسىرى

جىنسىي يول ياللۇغى: جىنسىي يول ياللۇغى بولغاندا ياللۇغ ئوچىقىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بالىياتقۇ بوينىغا كېڭىيىشى ياكى جىنسىي يول ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن يەرلىك ئورۇندا ھاسىل بولغان غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە بولغان ئاجرالمىلارنىڭ بالىياتقۇ بوينىغا تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بالىياتقۇ چوقۇقى: بالىياتقۇ چوقۇقىدا سىرتىغا چىقىپ قالغان بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئىچ كىيىملەرگە سۈركىلىشىدىن ھۈجەيرە-توقۇلمىلار زەخىملىنىپ، شەلۋەرەش بىلەن سوزۇلما ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىياتقۇ ياللۇغى: بالىياتقۇ ياللۇغى بولغاندا ياللۇغلۇق ئاجرالما ماددىلارنىڭ بالىياتقۇ بوينىغا تەسىر قىلىشى ياكى ياللۇغنىڭ كېڭىيىپ بالىياتقۇ بوينىغىچە يېتىپ كېلىشىدىن سوزۇلما بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.

ئىچكى ئاجراتما بەز خىزمىتىنىڭ بۇزۇلۇشى: ئىچكى ئاجراتما بەز خىزمىتى بۇزۇلۇشتىن ئىچكى جىنسىي ئەزالارنىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋە جىنسىي يولنىڭ كېسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقى نورمالسىزلىشىپ، ئاجرالما ماددىلارنىڭ ھەرخىل يوللار بىلەن بالىياتقۇ بوينىغا تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن سوزۇلما بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆتكۈر بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالانماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىش، تۇغۇت ۋە قىردۇرۇش ئوپېراتسىيىسى جەريانىدىكى زەخىملىنىشلەردىن بولىدۇ.

ئاق خۇن كۆپىيىدۇ، بۇ بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى بولۇپ، ئاق خۇن سۈت رەڭلىك، شىلىمشىق ھالەتتە بولىدۇ. بەزىدە يىرىڭلىق ياكى قانلىق بولىدۇ. بەل، پۇت تېلىپ ئاغرىيدۇ. بەل، توققۇزكۆز ساھەسى سىرقىراپ ئاغرىش، تۆۋەنكى قورساق ساھەسى چىڭقىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ھەيز كەلگەندە، چوڭ تەرەت قىلغاندا ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئالامەتلەر ئېغىرلىشىدۇ. بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش، بالىياتقۇ بوينىغا مونچاق گۆشى ئۆسۈش، بەز خالتىلىق ئىششىقى، بالىياتقۇ بوينى يوغىناش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بەزىدە تېگىش خاراكتېرلىك قاناش كۆرۈلىدۇ. يەڭگىللىرىدە ھېچقانداق يېقىمسىزلىق كۆرۈلمەسلىكىمۇ مۇمكىن.

بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىبالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەپ زېدىلىنىش، بالىياتقۇ بوينىغا مونچاق گۆش ئۈنۈپ قېلىش، بالىياتقۇ بوينىغا قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق، خالتىلىق ئىششىقلار شەكىللىنىش نەتىجىسىدە ئاق خۇن كۆپىيىش، قويۇق يىرىڭسىمان بەزىدە قان ئارىلاش ئاق خۇن كېلىش، بەل تېلىپ ئاغرىش، قورساق ئاغرىش، قورساق ئېغىرلاشقاندەك بولۇش، بالىياتقۇ بوينىدا تېرىقسىمان مونەكچىلەر پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بۇلۇپ، ئاق خۇن كۆپىيىش، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى بولۇپ، ئاق خۇن سۈت رەڭلىك، شىلىمشىق ھالەتتە بولىدۇ. بەزىدە يىرىڭلىق ياكى قانلىق بولىدۇ. بەل، پۇت تېلىپ ئاغرىيدۇ. بەل، توققۇزكۆز ساھەسى سىرقىراپ ئاغرىش، تۆۋەنكى قورساق ساھەسى چىڭقىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ھەيز كەلگەندە، چوڭ تەرەت قىلغاندا ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئالامەتلەر ئېغىرلىشىدۇ. بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش، بالىياتقۇ بوينىغا مونچاق گۆشى ئۆسۈش، بەز خالتىلىق ئىششىقى، بالىياتقۇ بوينى يوغىناش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بەزىدە تېگىش خاراكتېرلىك قاناش كۆرۈلىدۇ. يەڭگىللىرىدە ھېچقانداق يېقىمسىزلىق كۆرۈلمەسلىكىمۇ مۇمكىن.

سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىدا تۆۋەندىكىدەك كېسەللىك ئۆزگىرىشى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇشىمۇ، شۇنداقلا ئىككىسى ياكى ئۈچى بىر ۋاقىتتا ياكى بىرى يالغۇز مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمۇ مۇمكىن.

بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش

بالىياتقۇ بوينى ئاجرالمىلىرى كۆپەيگەندە، غەيرىيي تەبىئىي خىلىتلار يەرلىك ئورۇننىڭ ھۈجەيرە توقۇلمىلىرىنى چىرىتكەندە ياكى تەڭگىسىمان ئۈستۈنكى تېرە تۆكۈلۈپ چۈشكەندە بالىياتقۇ بوينى قانىلىدىكى (كاۋىكىدىكى) تۈۋرۈكسىمان ئېپىتېلىيە ناھايىتى تېزلا سىرتىغا سۈرۈلۈپ تەڭگىسىمان ئېپىتېلىيە تۆكۈلگەن يۈزنى بېسىپ بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنى ھاسىل قىلىدۇ. تۈۋرۈكسىمان ئېپىتېلىيە بىرلا قەۋەت بولغانلىقتىن بالىياتقۇ بوينى ئارىلىق ماددىسىدىن قىزىل كۆرۈنىدۇ. بالىياتقۇبوينى شەلۋەرەش بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش سوزۇلما بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، كىلىنكىدا شەلۋەرەش يۈزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ئۈچ دەرىجىگە بۆلىنىدۇ.

1) يەڭگىل دەرىجىلىك شەلۋەرەش: بۇنىڭدا شەلۋەرەش يۈزى بالىياتقۇ بوينى يۈزىنىڭ 1 3 دىن كىچىك بولىدۇ؛

2) ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەلۋەرەش: بۇنىڭدا، شەلۋەرەش يۈزى بالىياتقۇ بوينى يۈزىنىڭ 1 3 2 3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ؛

3) ئېغىر دەرىجىلىك شەلۋەرەش: شەلۋەرەش يۈزى بالىياتقۇ بوينى يۈزىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىنمۇ چوڭ بولىدۇ. بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشىدە تۈۋرۈكسىمان ئېپىتېلىيە ۋە ئارىلىق ماددىسىنىڭ ئۆسۈش دەرىجىسى ئوخشىمىغانلىقتىن ئۈچ تىپقا بۆلۈنۈپ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ چوڭقۇر-تېيىزلىق دەرىجىسى ئىپادىلىنىدۇ.

(1)ئاددىي تىپى: ياللۇغلىنىشنىڭ دەسلىپىدە شەلۋەرىگەن يۈزنى پەقەت بىر قەۋەت تۈۋرۈكسىمان ئېپىتېلىيە ياپقان بولۇپ سىلىق، سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ.

(2)دانچىلىق تىپى: تۈۋرۈكسىمان ئېپىتېلىيە ئارتۇقچە ئۆسكەنلىكتىن ھەمدە ئارىلىق ماددا ئۆسۈشى قوشۇلۇپ كەلگەنلىكتىن يۈزى ئوي-دۆڭ دانچىلىق بولىدۇ.

(3)ئەمچەك شورىغۇچسىمان تىپى: ئەگەر ئارىلىق ماددىنىڭ ئۆسۈشى تېخىمۇ روشەن بولسا ئوي-دۆڭلۈك تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ ئەمچەك شورىغۇچىسىمان ھالغا كىرىدۇ. بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش ساقىيىش جەريانىدا تۈۋرۈكسىمان ئېپىتېلىيە تۆكۈلۈپ قايتىدىن تەڭگىسىمان ئېپىتېلىيە ئۆسۈپ چىقىدۇ. تەڭگىسىمان ئېپىتېلىيە كېڭىيىپ بالىياتقۇ بوينى قانىلى بېزىگىچە سوزۇلۇپ بېرىپ بەز ئېپىتېلىيەسىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال تەڭگىسىمان ئېپىتېلىيەنىڭ ئۆزگىرىشى دېيىلىدۇ. ئۆزگەرگەن تەڭگىسىمان ئېپىتېلىيە شەكىل ۋە تۈزۈلۈش جەھەتتىن نورمال ھېسابلىنىدۇ.

بالىياتقۇ بوينى مونچاق گۆشى

سوزۇلما ياللۇغلىشىنىڭ غىدىقلىشىدىن بالىياتقۇ بوينى قانىلىدىكى قىسمەن شىللىق پەردە ئارتۇقچە ئۆسۈپ بالىياتقۇ بوينى سىرتقى ئېغىزىغا تىلدەك چىقىپ قالىدۇ. بۇ بالىياتقۇ بوينى مونچاق گۆشى دەپ ئاتىلىدۇ. دىئامېتىرى بىر سانتىمېتىردىن كىچىك بولىدۇ. بىر ياكى كۆپ بولۇپ، بىردەك بولمايدۇ. سېپى (تۈۋى) ئىنچىكە، ئۇزۇن، ئوچۇق قىزىل، يۇمشاق ھەم چۈرۈك بولۇپ ئاسان قانايدۇ، ياللۇغلىنىش بولۇپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن كۆپىنچە قايتا قوزغىلىدۇ. بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش تەكرار ئۆسۈش جەريانىدا ياكى ساقىيىش جەريانىدا يېڭى ئۆسكەن بېلىق قاسرىقىسىمان ئېپىتېلىيە (تەڭگىسىمان ئېپىتېلىيە) بالىياتقۇ بوينى بەزلىرىنىڭ نەيچە ئېغىزىنى يېپىۋالغانلىقتىن بەز ئاجرالمىلىرى چىقالماي يىغىلىپ قېلىپ، خالتىلىق ئىششىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. مانا بۇ، بالىياتقۇ بوينى بېزى خالتىلىق ئىششىقى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى گۈرۈچ ياكى كۆك پۇرچاقتەك بولۇپ، بالىياتقۇ بوينى يۈزىگە چوقچىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ. سىرتقى كۆرۈنۈشتە سۈزۈك، ئاق رەڭدە بولۇپ، ئىچىدە رەڭسىز شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولىدۇ. ئەگەر خالتىلىق ئىششىق يۇقۇملانسا سۇس سېرىق رەڭلىك كىچىك خالتىلىق پۈۋەكچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

بالىياتقۇ بوينى يوغىناش

سوزۇلما ياللۇغنىڭ ئۇزۇن مەزگىل غىدىقلىشىدىن بالىياتقۇ بوينىغا قان تولۇپ سۇلۇق ئىششىپ، بەز ۋە ئارىلىق ماددىلىرى ئۆسۈپ بالىياتقۇ بوينى يوغىناپ قاتتىقلىشىدۇ، بۇنىڭ يۈزى كۆپىنچە سىلىق بولىدۇ، بەزىدە سۇيۇقلۇق يىغىلغان خالتىلىق ئىششىقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

بالىياتقۇ بوينى قانىلى ياللۇغى

كېسەللىك ئۆزگىرىشى بالىياتقۇ بوينى قانىلى شىللىق پەردىسى ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى توقۇلمىلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئۇنىڭدا بالىياتقۇ بوينى سىرتقى ئېغىزىنىڭ يىرىڭلىق ئاجرالمىلار بىلەن توسالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمما بالىياتقۇ بوينىنىڭ جىنسىي يول قىسمى پارقىراق بولىدۇ. بەزىدە كانال شىللىق پەردىسى ئۆسۈپ سىرتىغا چىقىپ قالىدۇ. شۇڭا بالىياتقۇ بوينىدا قىزىرىپ قان تولغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇش. ئىلگىرى جىنسىي يول ياللۇغى، بالىياتقۇ چۇقۇقى، بالىياتقۇ ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش تارىخى ياكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىش، قىردۇرۇش تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە ئاق خۇن كۆپىيىش، بەل، پۇت تېلىش، بەل توققۇزكۆز ساھەسى سىرقىراپ ئاغرىش، تۆۋەنكى قورساق قىسمى چىڭقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

خاس بۆلۈملۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇش. ئاياللار بۆلۈمىلىك تەكشۈرگەندە ئاق خۇن كۆپ مىقداردا بولۇپ، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش ياكى يوغىناش، بالىياتقۇ بوينى بەز خالتىلىق ئىششىقى بىۋاسىتە كۆزگە كۆرۈنىدۇ، قورساقنى باسقاندا ئاغرىش كۈچىيىدۇ.

بوشلۇق ئەينىكىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇش. بوشلۇق ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق شەلۋەرەشنىڭ تىپلىرىنى، شەلۋەرەشنىڭ دەرىجىسىنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بالىياتقۇ بوينى مونچاق گۆشى، بالىياتقۇ بوينى بېزى خالتىلىق ئىششىقى، بالىياتقۇ بوينى يوغىناش قاتارلىقلارنىمۇ كۆرۈپ ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.

بالىياتقۇ بوينى يېرىلىش ۋە سىرتىغا ئۆرۈلۈپ قېلىشتىن پەرقلەندۈرۈش. بوشلۇق ئەينىكى بىلەن تەكشۈرگەندە، بالىياتقۇ بوينى يېرىلىپ، بويۇن كانالچە شىللىق پەردىسى سىرتىغا ئۆرۈلۈپ قىپقىزىل كۆرۈنگەنلىكتىن، ئوڭايلا بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش دەپ خاتا دىئاگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇنداق چاغلاردا ئەينەكنى ئازراق كەينىگە ياندۇرۇپ ئاندىن شەلۋەرەشنىڭ بار-يوقلۇقى كۆزىتىلىدۇ.

دەسلەپكى دەۋرلىك بالىياتقۇ بوينى راكىدىن پەرقلەندۈرۈش. بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كلىنىك ئالامەتلەر روشەن بولمايدۇ، ئاساسلىقى بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش ياكى تېگىش خاراكتېرلىك قاناش ئەڭ تىپىك ئالامەت بولىدۇ. پەرقلەندۈرۈش قىيىن بولغاندا ئىلمىيلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى بالدۇر بايقاپ، توغرا داۋالاش ئېلىپ بارغاندا تېزلىكتە ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا ياكى داۋالاش توغرا ۋە ئۈنۈملۈك بولمىسا بالىياتقۇ بوينى راكىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

1. خىلىتلارنىڭ غەيرىيي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ؛

2. ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، قايتا يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ؛

3. ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ۋە قان توختىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ؛

4. بالىياتقۇ بوينى مونچاق گۆشىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ئىشلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: چۆپچىنى 30 گىرام، بەدىيان، ئامىلە، سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، جۇۋىنە، شاقاقۇل، جويۇز، بوزىدان، سەۋزە ئۇرۇقى، ئۇد ھىندى، دارچىن، بەسباسە، سۇمبۇل، ئاسارۇن، قەلەمپۇر، سۆرۈنجان مىسىرى، خولىنجان، سۆئدى كۇپى، پىلپىل، زەپەر، كۇندۇر، زەنجىۋىل 10 گىرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: جىگدە گۈلى، كۆيدۈرۈلگەن زەمچە، ئوسما ئۇرۇقى، كاكىنەچ، ئەنگۈر شىپا، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، گۈل يېغى، بابۇنە يېغى، چايان يېغى 100 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ياغلاردىن باشقا دورىلارنى سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ياغلار بىلەن ياغلاپ، ئوتتۇرا بارماقچىلىك توملۇقتا شامچە تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم جىنسىي يولغا كىرگۈزۈلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: كاكىنەچ، ئەنگۈرشىپا، شاھتەررە، گىل ئەرمىنى، بىنەپشە، بابۇنە، بىخ سۇس تەڭ 20 گىرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، بالىياتقۇ بوينى يۇيۇلىدۇ.

فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى

بۇ كۆيدۈرۈش، توڭلىتىش، لازېر نۇرى ۋە ئىنفىرا قىزىل نۇرىدا داۋالاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چوڭ دائىرىدىكى شەلۋەرەش ۋە ياللۇغىنىڭ يامرىشى چوڭقۇر بولغۇچىلارغا ماس كېلىدۇ.

دورا ئارقىلىق داۋالاش

ئۆتكۈر بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىغا كەڭ دائىرىلىك تەسىر قىلىدىغان ئانتىبېيوتىكلار ئىشلىتىلىدۇ. 

ئوپېراتسىيە قىلىش داۋالاش

كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش. مەسىلەن بالىياتقۇ بوينىدا مونچاق گۆش بولسا، ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ.  [0" bind="1" style="line-height: 25px;">

باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى 

زەڭگەر سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا زەڭگەر سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن چۆپچىن، سەرسىبىل، كاكىنەچ قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 7 ~ 5 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسغىسىغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن ياكى مەتبۇخ ھېلىلە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ زەڭگەر سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىدۇ. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قتىمدا 60 مىللىلىتىردىن؛ ئالقات شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن؛ تەمرى ھىندى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى كاسىنى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەرقېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى گۈل كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، قايتا يۇقۇملىنىشىتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. شەربىتى ئۆشبە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ مەتبۇخى شاھتەررە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن؛ مەتبۇخى چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن؛ مەتبۇخى خىيار شەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى كاكىنەچ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ قۇرسى بانادۇق كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرىلىدۇ. ئۇندىن باشقا تۆۋەندىكى دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. ھەببى رەھمى: زەمچە 70 گرام، مەستىكى مومى، مورمەككى، زەرنەخ، خونسىياۋشان قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرام، تەرتىز ئۇرۇقى بەش گرام، بورەق، نۇشىدۇر، كەتھىندى، كافور، ئىپار قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن بىر گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە ھەب تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 دانە ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ. سۇنۇنى مورمەككى: مورمەككى، مەستىكى رۇمى ھەربىرىدىن 20 گرام، زەرنەخ 5 گرام، كافور 4 گرام، دورىلارنى يۇمشاق تالقانلاپ، بالىياتقۇنى تازىلىغاندىن كېيىن، بالىياتقۇ بوينىغا قويۇلىدۇ. چىرىشكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سۇنۇن ئىشلىتىلىدۇ. تەركىبى: زەمچە، مەستىكى رۇمى، مورمەككى، زەرنەخ، سۆئلەپ چىنى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرام، نۇشۇدۇر، كافور، مۇدەپپەر شىڭرىپ، دىڭىزىيا، چايان قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن بەش گرام، ئىپار ئىككى گرام، دورىلارنى يۇمشاق تالقانلاپ بالىياتقۇ بوينىغا سېپىلىدۇ. ئىششىق قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش مەقسەتلىرىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئارپا ئۇنى، باقىلا، نوقۇت، بىنەپشە قاتارلىقلاردىن 15 گرامدىن ئېلىپ، ھۆل يۇمغاقسۈت ياكى ھۆل كاسىنە سۈيىدە (ھۆل كاسىنە بولمىسا كاسىنە ئەرقى بولسىمۇ بولىدۇ) ، ئېزىپ ئۈستىگە 2 ~ 1 گرام كافور قوشۇپ، زىمات تەييارلاپ، دوۋسۇن ساھەسىگە كۈندە بىر قېتىم چېپىلىدۇ. بابۇنە، ئىكلىلمىلىك، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، مامىرانچىنى، سېرىقچېچەك، ھەمشىباھار ئۇرۇقى، سوزاپ ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 15 گرام ئېلىپ، قاينىتىپ سۈزۈپ، دورا سۈيىدە كۈندە ئىككى قېتىم ۋاننا قىلىنىدۇ ياكى جىنسىي يولغا كىلىزما قىلىنىدۇ. ئەنزىرۇت، زەرنەخ، زەمچە، مەستىكى، مورمەككى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرام، نۇشۇدور، كەتھىندى ھەر بىرىدىن 5 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە شامچە ياكى ھەمەلچە تەييارلاپ ئىشلىتىلىدۇ. يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن شەلۋەرەش ياخشىلانغاندىن كېيىن ئانار گۈلى، ھۇماما، موزا ھەر بىرىدىن 10 گرام، كۇندۇر، سۈرمە، ئاقاقىيا ھەر بىرىدىن ئۈچ گرام ئېلىپ، ھۇمامادىن باشقىلىرىنى تالقانلاپ، ھۇمامانى قاينىتىپ، سۈيىدە خېمىر قىلىپ شامچە تەييارلاپ، جىنسىي يولغا سېلىنىدۇ. چۆپچىن 30 گرام، مامىرانچىنى، شاھتەررە، نانخا، سوزاپ ئۇرۇقى، ئوردان، سېرىقچېچەك، كاۋاۋىچىن، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، ئاق لەيلىگۈلى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 15 گرام، يىلاندىن 10 گرام ئېلىپ، بىر لىتىر سۇدا قاينىتىپ، 400 مىللىلىتىر قالغاندا سۈزۈپ، كۈندە ئىككى قېتىم مەقئەتكە ھۆقنە قىلىنىدۇ ياكى بىنەپشە، ئىكلىلمىلىك، بابۇنە، بادىيان، سېرىقچېچەك، كاكىنەچ، ئىتئۈزۈمى، ئانار پوستى، ئىسپىغول، ئەفتىمۇن قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرام، گۈل يېغى 30 مىللىلىتىر، سانا، زىغىر، شۇمشا ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ئەفتىمۇن ئۇرۇقى، ئەنجۈر قېقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە كىلىزما سۇيۇقلۇقى تەييارلاپ، كۈندە 2 ~ 1 قېتىم كىلىزما قىلىنىدۇ. بالىياتقۇ بوينىدا قاناش بولسا قان توختىتىش مەقسىتىدە قۇرسى كەھرىبا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 5 ~ 3 دانىدىن، شەربىتى ئەنجىباھار كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 ~ 30 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. 5. بالىياتقۇ مونچاق گۆشىنى داۋالاشتا مەشھۇر ئەسەر »»شەرھۇل ئەسباب« ناملىق كىتابتا: - «بالىياتقۇ بوينىغا ئۆسۈپ چىققان مونچاق گۆشىنى موچىن بىلەن قىسىپ، ئوڭ ياكى سولغا نەچچە قېتىم ئايلاندۇرغاندىن كېيىن سىرتىغا قارىتىپ تارتىپ ئېلىۋېتىلىدۇ. ئەگەر سېپى بولمىسا قىلتىرىق بىلەن تىلىۋېتىلىدۇ. مونچاق گۆش ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن يەرلىك ئورۇنغا قان توختاتقۇچى سۇنۇنلار سېپىلىدۇ ياكى كۆيدۈرۈپ قان توختىتىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. ھازىرمۇ كلىنكىدا مونچاق گۆش ئېلىۋېتىلىدۇ. مونچاق گۆش ئېلىۋېتىلىپ، بالىياتقۇ بەز قاپلىق ئىششىقىنى تېشىۋېتىش ۋە ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار ئىچى ۋە سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك كىتابلىرىدا يەنە بالىياتقۇ بوينى بەز ئىششىقى، مونچاق گۆش قاتارلىقلارنى داغلاپ (كۆيدۈرۈپ) داۋالاپ ياخشىئۈنۈمگە ئېرىشىلگەنلىكى ۋە مەشغۇلاتى توغرىسىدا مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن. 

كۆپرەك سۇ ئىچىش كېرەك.

سۇ بولسا ئادەم بەدىنى زۆرۈر بولغان ماددا، ھەربىر ئادەم كۈنىگە يېتەرلىك بولغان سۇ ئىچىپ، بەدەندىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى

ساقلاپ، زەھەرنى ھەيدەپ رەڭگىنى ياخشىلىشىغا ياردىمى بار. بولۇپمۇ ئاياللار ئەگەر نورمال سۇ ئىچمىسە بەدەن بالدۇر قېرىپ

كېتىدۇ. بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا كۆپرەك سۇ ئىچىشى كېرەك، يېتەرلىك بولغان سۇنىڭ سۈمۈرۈلۈشى سۈيدۈكنىڭ ئاجراپ چىقىشىنى ئاشۇرۇپ ئاجراتما ماددىلار ۋە كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنى سويۇلدۇرىدۇ ۋە تەن سىرتىغا چىقىرىدۇ.

1.تەستە سىڭىدىغان، يەللىك غىدىقلىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2.ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: توخۇ گۆشى، كەپتەر گۆشى، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلەر بېرىلىدۇ.

3. بىمار ۋاقتىنچە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن چەكلىنىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە بالىياتقۇ بوينىنىڭ زېدىلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئېغىر ئەمگەك، ئۇزاق يول يۈرۈش، كۈچەشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئەسۋابلىرىنى سالغاندا، بالىياتقۇنى قىرغاندا، بالىياتقۇ بوينى سىرتقى ئېغىزى ۋە بالىياتقۇ بوينى كانىلىنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. مەشغۇلات جەريانىدا دېزىنفېكسىيىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش سايمانلىرى ماس كەلمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن ھامان دەرھال ئالدۇرۇۋېتىش ھەمدە باشقا جىنسىي ئەزالاردا يۈز بەرگەن كېسەللىكلەرنى ئاكتىپ داۋالىتىش كېرەك.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ساقتۇر خەلقىم ساغلاملىق تورى 

http://www.sahtur.com/forum.php?mod=viewthread&tid=966

1.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1284

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ساقتۇر خەلقىم ساغلاملىق تورى

http://www.sahtur.com/forum.php?mod=viewthread&tid=966

2.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1284

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#