چىقتىم يېزىسى

چىقتىم بازىرى

چىقتىم بازىرى- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە 31.5 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى چىقتىم بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 3792 كىۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 七克台镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
تەۋە رايون تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيەسى
نوپۇسى 17210 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىقتىم بازىرى پىچان ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە 31.5 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، « 312 » دۆلەت يولى پۈتۈن يېزىنى بازار كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق.

چىقتىم بازىرىنىڭ شەرقىي قۇمۇل يەتتە قۇدۇققا، شىمالىي تەرىپى پويىز بېكىتىگە، غەربىي جەنۇب تەرىپى پىچان يېزىسى 30 چاقىرىم كېلىدىغان چوڭ دۆڭ بىلەن چېگرالىنىدۇ، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 79 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 148 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 3792 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن بازار قارمىقىدا سەككىز مەمۇرىي كەنت، بىر چارۋىچىلىق ئەترەت بار، ئومۇمىي نوپۇسى 17210 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ % 46 نى، خەنزۇلار % 42 نى، خۇيزۇلار % 12 نى ئىگەللىگەن. بازار بويىچە جەمئىي ئىككى پارتىيە باش ياچېيكىسى، 25 پارتىيە ياچېيكىسى، پارتىيە ئەزاسى 649 نەپەر، ئورتاق ئىگىدارچىلىق ئىتتىپاق ياچېيكىسى 14، ئىتتىپاق ئەزالىرى 812 نەپەر، بازار بويىچە كادىرلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر 256 نەپەر بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر 17 نەپەر، ئورگان، ئادەتتىكى كادىر 66 ئادەم، پونكىت كادىرلىرى ئىشچى - خىزمەتچىگە 127 ئادەم، كەنت كادىرىدىن 120 گە يەتكەن. بازار بويىچە جەمئىي 6 مەكتەپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ بىرلەشتۈرۈلۈپ مەكتەپ بىر، باشلانغۇچ مەكتەپ 4، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى خىزمەتچىلەر 270 ئادەمگە يەتكەن، مەسچىت 25، دىنىي زاتلار 27 كىشى، نامرات ئائىلە 184.

ئۇزۇن تالالىق پاختاچىقتىم بازىرى بويىچە ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 28700 مو، كېۋەز، ئۈزۈم ۋە قوغۇن تېرىشنى، بۇنىڭ ئىچىدە پاختا (ئۇزۇن تالالىق پاختا تېرىشنى)ئاساس قىلغان، تۇرپان ۋىلايىتى چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى.

بازار بويىچە جەمئىي 151 كۆز قۇدۇق، ھازىرقى كارىز 22، كۆكتات پارنىكى 90، يېزا-ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى 1145 يۈرۈش، ئىككى يىلدىن بۇيان، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش كۆلىمى 4300 موغا يەتكەن، يىل ئاخىرىدىكى چارۋا سانى 22338تۇياق، تۆللەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى % 96 دىن ئاشقان.

چىقتىم بازىرى 2005- يىلى بازار بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى % 100 كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى % 99 كە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش نىسبىتى % 100 يەتكەن، ھەر قايسى مەكتەپلەر تولۇق ساۋاتلىق بولۇش، لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، «ئىككى ئاساسەن» مائارىپى بويىچە لاياقەتلىك بازار بولغان، كىچىك شەھەر - بازار قۇرۇلۇشى كۈندىن - كۈنگە مۇكەممەللەشكەن، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرگەن.

چىقتىم بازىرى 1995- يىلى قۇرۇلۇش مىنسىتىرلىكى تەرىپىدىن، يېزىلارنىڭ شەھەر - بازار قۇرۇلۇشىنى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىرىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان، پۈتۈن بازاردىكى يەتتە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ «بەشتە ياخشى» كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى كەنتى «بەشتە ياخشى پارتىيە ياچېيكىسى بەرپا قىلىش ئۈلگە رايون »ى دەپ نام بېرىلگەن.

2005- يىلى بازار بويىچە سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1.1293 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 5743 مىڭ يۈەنگە، ئۈچىنچى كەسىپ قىممىتى 5550 مىڭ يۈەنگە، ئەمگەك - مۇلازىمەت كىرىمى 3 مىڭ يۈەنگە، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 3809 يۈەنگە يەتكەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 245  يۈەن ئاشقان.

چىقتىم بازىرىدا يەر ئاستى كان بايلىقلىرى ئىنتايىن مول، ھەر خىل رەڭلىك مېتاللار بار. ئالتۇن، مىس، كۆمۈر، كرىستال، تازىلانغان شور قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار، يەنە تېخى زاپىسى ئىنتايىن مول بولغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بار، قۇمۇل نېفىتلىكى بار، تەرەققىيات ئىستىقبالى ناھايىتى كەڭ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#